دوكتور غەيرەت غېنى

ئورنى Wikipedia

دوكتور غەيرەت غېنى

(چەتئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)


ئەركىن سىدىق


ئىنىمىز غەيرەت غېنى 1979-يىلى چۆچەك شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1986-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە چۆچەك شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملىدى.

ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى بىر دوستى سۆڭەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئاشۇ دوستىنىڭ كېسەل ئازابى غەيرەتتە «داۋالاش»نىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى بىر چوڭقۇر ئاڭنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرلۇق كەسپىگە قىزىقىشقا باشلىدى. غەيرەت 1998-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2004-يىلى ئوقۇش پۈتتۈردى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2006-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىك بۆلۈمىدە ئىشلىدى.

غەيرەت كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئامېرىكا فىلىملىرىگە ئامراق ئىدى. بۇ فىلىملەر ئۇنىڭدا يېڭى بىر خىل دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەر خىللىقىنى تونۇتتى. بولۇپمۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۇنى ئۆزىگە بەكرەك جەلپ قىلاتتى. ئۇ ئاشۇنداق تەتقىقاتلارنى ئۆزىنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇنداق ئۆز-ئۆزىگە بولغان قاتتىق ئىشەنچ ئۇ كۆرگەن كىنولاردىكى باش پېرسوناژلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچلىرىدىن كەلگەن ئىدى.

غەيرەتتە ئاتا-ئانىسىنى پەخىرلەندۈرۈش ئارزۇسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. كېيىنچە چەت ئەلگە چىقىپ، مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئاشۇنداق ئىشلار مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. غەيرەتنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ ئادەملەرنىڭ ئالدىغا ئۆز ئارمانلىرىغا تۇشلۇق پۇرسەتلەرنى چۈشۈرۈپ بېرىپ تۇرىدۇ. ئاشۇنداق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇش-تۇتالماسلىق ھەربىر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. لېكىن مۇھىمى ئاشۇنداق پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنىڭغا تۇشلۇق ئارمان، نىشان ۋە تىرىشچانلىق بولۇشىدۇر. غەيرەت ئۆزى تىكلىگەن ئارمانلىرىغا تۇشلۇق، ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇرسەتلەر بىلەن چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يەنى ئۇ 2006-يىلى 10-ئايدا ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلدى.

غەيرەت دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن توكيو مېدىتسىنا ۋە چىش ئىلمى ئۇنىۋېرسىتېتى شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ تېرە ھەم نېرۋا تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى. ئۇ كىرگەن بۆلۈمنىڭ پروفېسسورىنىڭ ئالمىشىشى ۋە تەتقىقات ئورنىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئىككى يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇش ۋاقتى ئاساسەن ھوسۇلسىز ئۆتۈپ كەتتى. غەيرەت ئۈچۈن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تۆت يىل ئىچىدە چوقۇم تاماملاش شەرت ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ئاخىرقى ئىككى يىلدا سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ كۆمۈرچەك تەتقىقات كافېدراسىغا كېلىپ، قاتتىق تىرىشىپ، تەلەپ بويىچە بىر خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنالدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ھەمدە دىسسېرتاتسىيە باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشىنى تاماملىدى.

غەيرەت غېنى دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا كۆمۈرچەك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى تىز بوغۇم كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تىز كېسەللىكى ھەربىر ئادەم ئۆز ھاياتىدا چوقۇم دېگۈدەك بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان بىر خىل كېسەللىك. تىزدىكى ئاغرىق سەۋەبىدىن ھەرىكەت چەكلىمىگە ئۇچراش، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىش، بۇنىڭ بىلەن سېمىزلىك، قان بېسىم، يۈرەك تىقىلمىسى ۋە نېرۋىلارنىڭ پالەچلىنىشى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىش بىلەن بىللە، يەنە ياشانغانلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ سۈپەتسىز بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇيغۇر بوۋاي‏‏-مومايلارمۇ ھازىر بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئازابىنى كۆپ تارتىۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرغىچە بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن تېخىچە بىر ئۈنۈملۈك دورا ياساپ چىقىلمىدى.

ئىنىمىز غەيرەت دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا كۆمۈرچەككە مۇناسىۋەتلىك گېن تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭغا ئانابولىك رول ئوينىغۇچى دورىلارنى ئىزدەش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ ساھەدىكى نەتىجىلىرىنى ياپون دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا دوكلات قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ «ئۈزۈم ئۇرۇقى ئاجراتمىسىنىڭ تىز كېسەللىكىگە بولغان ئۈنۈمى» دېگەن تېمدىكى تەتقىقات نەتىجىسى بىر ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. بۇ ماقالە دۇنياغا داڭلىق «تەبىئەت» (Nature) ژۇرنىلىدىمۇ تونۇشتۇرۇلدى. شۇنداقلا تىز كېسەللىكلىرى ئۈچۈن بايقالغان تەبىئىي دورىلار مۇندەرىجىسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى (Mével, E. et al. Drug Discovery Today, 2014). ياپونىيەدىكى كىككومان شىركىتى بۇ خىل ئاجراتما ماددىدىن بىر خىل قۇۋۋەت يېمەكلىكى ئىشلەپچىقاردى.

ئىنىمىز غەيرەت ھازىر توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى سۆڭەك، كۆمۈرچەك قايتا يارىتىش تەتقىقات مەركىزىدە، ياپونىيە پەن-تېخنىكا ئورگىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش پروگراممىسى (Japan Science and Technology Agency, JST, S-innovation Program)دا دوكتورئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئۆز تەتقىقاتىدا كۆمۈرچەكتە ئانابولىك رول ئوينىغۇچى گېننى بەدەن سىرتىدا ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۇنى تىزى كۆمۈرچەكلىرىگە 1/20000 مىللىمېتىر چوڭلۇقتىكى نانو ئۈسكۈنىدە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت نانو تېخنىكا ئۇسۇلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەمدە بۇ ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. بۇ خىل ئۇسۇل ھازىر خەلقئارادا مەزكۇر ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئىنىمىز غەيرەت بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى بىر قانچە خەلقئارالىق ئىلمى دوكلات يىغىنلىرىدا ئېلان قىلدى. ئۇ ھازىر بۇ ھەقتە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىدىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يېزىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ساھەدىكى پاتېنت ھوقۇقىغىمۇ ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن باشقا، غەيرەت تەۋە بولغان بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قولغا كەلتۈرگەن «بويۇن ئومۇرتقىسىدا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى»نى داۋالايدىغان يېڭى بىر دورا نەتىجىسى بىر ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ دورا ئۈچۈنمۇ پاتېنت ھوقۇقى ئېلىش ئۈچۈن ئىش باشلاپ بولدى.

دوكتور غەيرەت غېنى «ئارمانلىرىڭنى قۇياشقا ئات، قۇياشقا چۈشمىسىمۇ يۇلتۇزغا چۈشىدۇ» دېگەن سۆزگە ناھايىتى ئامراق. ئۇ مۇنداق ئويلايدۇ: نىشاننى چوڭ ھەم ئۇلۇغ تىكلەش تولىمۇ مۇھىم. ئۇنىڭغا يېتەلمىگەنلىكتىن ئاھ ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇھىمى شۇ نىشان يولىدىكى جەرياندۇر. بۇ جەرياندا باشقىلار ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان مەنزىللەردىن نەچچىسىدىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.

دوكتور غەيرەت غېنىنىڭ ھازىر مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا مۇنداق يۈرەك سۆزى بار: ئىچىڭىزگە كىرگەن جىددىيلىك تۇيغۇسىنى قەدىرلەڭ، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىچىڭىزدىن چىقىرىۋەتمەڭ. ئۇيقۇ ھەم ئويۇندىن ۋاز كېچىڭ. نەتىجىسى چىقمىغۇچە بوشاشماڭ. شۇنداقلا تىرىشچانلىق تولىمۇ مۇھىم، لېكىن ئاكتىپ پوزىتسىيە تېخىمۇ مۇھىم. ئۇ سىزنىڭ قايسى ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەم ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە سىزنى ئۆز نىشانىڭىزغا ئۈندەپ تۇرىدۇ.

دوكتور غەيرەت غېنىنىڭ خانىمى سىڭلىمىز مەرھابا ئەرشىدىنمۇ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشىگىمۇ ئاز قالدى. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن مەن ئۇ سىڭلىمىزنى ئايرىم تونۇشتۇرىمەن. مەن 2012-يىلى 12-ئايدا توكيوغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن بىر سورۇندا جەم بولغاندا، بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئوماق قىزى مەرفىنە مېھمانلارغا بىر پارچە ئۇيغۇرچە شېئىرنى ئىنتايىن ئۆلچەملىك، ئېنىق ئۇيغۇر تىلىدا ۋە كىچىك قىزلارغا خاس تاتلىق ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. سەۋەبى، چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن بالىلاردا ئاشۇنداق بىر ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ئۇنى ساقلاپ مېڭىش بىر ناھايىتى مۈشكۈل ئىش.

دېمەك، دوكتور غەيرەت غېنى ئۇكىمىز ئېرىشكەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى دۇنياغا داڭلىق «تەبىئەت» (Nature) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ ھازىر ياپونىيەدىكى مۇھىم ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئىنىمىزدىن، ئۇنىڭ خانىمى مەرھابادىن ۋە ئۇلارنىڭ ئوماق قىزى مەرفىنەدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.


دوكتور غەيرەت غېنى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ تىزىملىكى (ئىنگلىزچە):

[1] Hailati Aini, et al. (2012) procyanidin B3 prevents articular cartilage degeneration and heterotopic cartilage formation in a mouse surgical osteoarthritis model. PLoS ONE 7: e37728. doi: 10.1371/journal.pone.0037728.


[2] Hailati Aini, et al. Chondroprotective Effects of Procyanidin in Murine Articular Chondrocyte. 2010 BMD annual meeting.


[3] Hailati Aini, et al. TNFR1 deficiency facilitates articular cartilage ossification and osteophyte formation. 2011 OARSI World Congress.


[4] Hailati Aini, et al. Flavonoids prevent articular cartilage from ostoarthritis. 2012 Annual Research Meeting of the Japanese Orthopaedic Association.


[5] Hailati Aini, et al. Gene introduction into articular cartilage using polyplex nanomicelle. 2015 OARSI world congress.

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150417_chetel_uyghur7.htm