دول كۇلىچىلىقى

ئورنى Wikipedia

كۇلا — ئاق چىغدىن ياسىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئارغامچا. سانائەت تەرەققىي قىلمىغان بۇرۇنقى زامانلاردا ئەجدادلىرىمىز كەندىر قوۋزىقىدىن يىپ – تالا تەييارلاپ تاغار توقۇپ پايدىلانسا، سۇ كەمچىل چۆل – ئىدىرلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك  ئاق چىغدىن كۇلا(ئارغامچا) ئېشىپ پايدىلانغان. كۇلا ناھايىتى چىداملىق بولۇپ، ئانچە – مۇنچە سۇغا چىلاپ نەمدەپ ئىشلەتسە  ئۇزاق چىدايدۇ. ئۇ، ۋادەك ئۆي سېلىشتا ۋادەكلەرنى باغلاپ چىڭىتىشتا چەگكۈچ، تېرىقچىلىقتا بوغۇسا تارتقۇ، ئۇلاغلارغا يۈك ئارتىشتا بوققۇچ، سۇ قاپىقىغا باغلىق قاتارلىق ئېھتىياجلاردا ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلغان.

    لوپ ناھىيىسىنىڭ دول يېزىسىدىكىلەر بۇرۇندىن كۇلىچىلىق بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ‹‹دوللاغ كۇلىچى›› دېگەن نامى بار. غەيرىي ماددىي مادەنىيەت مىراسلىرىنى يېقىندا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ يېزىنىڭ قاقلىق كەنتىدىكى مەتتوختى ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىقلىنىپ، بۇ ھۈنەر ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تۈرلەرگە كىرگۈزۈلدى.

    ئادەتتە، كۇلىچىلىق مەشغۇلاتى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، جاڭگالدىن ئورۇپ كېلىنگەن چىغ كۆلچەك، ئېرىقلارغا بىر نەچچە سائەت چىلاپ قويۇلغاندىن كېيىن، كۆتەك ئۈستىگە قويۇلۇپ ياغاچ توقماق بىلەن يۇمشىتىلىدۇ. چىغ شۇ تەقلىدتە تازا يۇمشىتىلغاندىن كېيىن، توم – ئىنچىكىلىكى ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن بەلگىلىنىپ، چاچ ئۆرۈگەندەك چىڭ ئۆرۈلۈپ تەييارلىنىدۇ. ئۇزاقراق ئىشلىتىش ئۈچۈن سۇغا چىلاپ نەمرەك ساقلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.  بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا ‹‹كۇلىنى چىلاپ ئىشلەت، ياماننى سىلاپ (ئىشلەت)›› دەيدىغان  ماقال بار.

    كۇلىنىڭ خام ئەشياسى بولغان ئاق چىغ لوپ ناھىيىسىنىڭ دول يېزىسىدىن باشقا ئاچچىق دېگەن تاغلىق رايوندىمۇ كۆپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ تاغلىق يۇرتنىڭ ئەسلى نامى ‹‹ئاق چىغ›› دەپ ئاتالغان. ئاق چىغدىن ئېشىلىدىغان كۇلا –  ئارغامچا ھازىر ئىھتىياجنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ چىغدىن ياسىلىدىغان سۈپۈرگىلەر ھازىر شەھەر –  بازارلاردىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ مۇھىم قورالى بولۇپ  قالدى. ئاق چىغ شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى يەنە بىر مەنبەگە ئايلانماقتا.[1]

  1. ئاپتۇر: مەتتۇرسۇن مۇھەممەد؛ گېزىت: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 08- 07 11:52؛ مۇھەررىر: لالە؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-08/07/content_226186.htm