دوپپا تېپىشىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

دوپپا تېپىشىش - ئۇيغۇر مىللىتى ياشلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، تەنتەربىيىۋىلىكى يۇقىرى، ئاجايىپ ماھارەت ۋە چاققانلىق، تېزلىك تەلەپ قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنىدۇر. بۇ ئويۇن ئاساسەن يېزا ياشلىرى ئارىسىدا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. تېپىشىش ئۇسۇلى: دوپپا تېپىشىشتە بەسلىشكۈچىلەر يىغىلغاندىن كېيىن، تامغا مەلۇم ئېگىزلىكتە بىر دوپپا ئېسىلىدۇ ھەمدە ھەر بىر كىشىنىڭ قانچە قېتىم تېپىدىغانلىقى بەلگىلىنىدۇ، ئاندىن دوپپا تېپىشكە قاتناشقۇچىلار نۆۋەت بىلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ تامغا دەسسەپ چىقىپ، ئېسىلغان دوپپىنى تېپىپ چۈشۈرىدۇ. بىر ياكى ئۈچ قېتىملىق تېپىش نۆۋەتلىرىدە دوپپىنى تېپىپ چۈشۈرەلمىگەنلەر تېپىشىشتە بەسلىشىش سېپىدىن شاللىنىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. دوپپىنى تېپىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلەر دوپپا ئورنىنى يەنە ئازىراق ئېگىزلىتىپ ئېسىپ، تېپىشىشتە بەسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، كىم ئەڭ ئېگىز ئورۇندىن دوپپىنى تېپىپ چۈشۈرۈۋېتەلىسە، شۇ كىشى يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ"

[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]