دىغار يېزىسى
كۆرۈنۈش
دىغار يېزىسى DIGHAR\迪坎乡 | |
---|---|
كوئوردىنات:
42°41′06″N 89°46′16″E | |
تەۋەلىكى | ج خ ج، ش ئۇ ئا ر |
ئۈست مەمۇرىي رايون | پىچان ناھىيىسى |
مەمۇرىي بىرلىك سانى |
7
|
نوپۇسى | |
ئومۇمىي نۇپۇس | 8634 ئادەم |
ۋاقىت رايونى |
ئۈرۈمچى ۋاقتى (UTC+6) بېيجىڭ ۋاقتى (UTC+8) |
مەمۇرىي كودى | 106 21 04 65 |
تېلېفون كودى | 995 (0) 86+ |
دىغار يېزىسى (خەنچە:迪坎乡؛ لاتىن: Dighar Yézisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا.
ئومۇمىي چۈشەنچە
[تەھرىر]دىغار قەدىمىي يۇرتلاردىن بىر بولۇپ، ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن. بەزى خىتايچە كونا مەنبەلەردە داخەي (大海) دەپ قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە دىغار\دىغاي (شىۋە) دېگەن ئاتنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلغان بولۇشى كېرەك. خىتايچە يەنە دىكەنېر (底坎儿) ۋە دىكا (的卡) قاتارلىق شەكلىدىكى خەتلەرمۇ دىغارنى كۆرسىتىدۇ.
مەمۇرىي كەنتلەر
[تەھرىر]دىغار يېزىسى يەتتە مەمۇرىي كەنتكە ئايرىلىدۇ. ئۇلار:
كارىزكۆلى كەنتى (坎尔孜库勒村)، دىغار كەنتى (迪坎尔村)، يېزىكارىز كەنتى (叶孜坎村)، يۇرمۇڭ يېزىسى (玉尔门村)، تۆتكارىز كەنتى (托特坎村)، تاشتاپان كەنتى (塔升塔盘村) ۋە چارۋىچىلار ئەترىتى (牧业队) قاتارلىقلاردۇر.