Jump to content

دىلكەش ھېكمەتلەر

ئورنى Wikipedia

دىلكەش ھېكمەتلەر


ئۇستازىمدىن سورىدىم:

— سادىق دوستنىڭ نىشانىسى قانداق؟

ئېيتتى:

— شۇنداقكى، خاتالىرىڭنى بىراۋغا ئاشكارا قىلمايدۇ، پەندۇ نەسىھىتى بىلەن تۈزىتىدۇ، سىرىڭنى بىراۋغا ئاشكارا قىلمايدۇ، ئۆتمۈشتىكى ئىشلىرىڭنى يۇۈزۈڭگە سالمايدۇ.

سورىدىم :

— قانداق قىلسام خاتىرجەم بولىمەن؟

ئېيتتى:

— بىراۋنى قورقۇتما، دوستلىرىڭنى ئۆزۈڭدىن سوۋۇتما.

سورىدىم :

— ياخشىلىق قانداق بولىدۇ؟

ئېيتتى:

— بىرەر نەرسە قىلمىغان ھالدا ئۆزىنى كەمتەر ۋە تۆۋەن  تۇتۇش. سېخىيلىق قىلىش، ئەمما ئۇنى مىننەت قىلماسلىق. خىزمەت قىلىش، ئەمما ھەققىنى تەلەپ قىلماسلىق.

سورىدىم:

— ھاياتنى قانداق قىلىپ ئاسان ئۆتكۈزۈش مۇمكىن؟

ئېيتتى:

— ساپدىللىق، چىدام ۋە تاماگەرسىزلىك بىلەن.

سورىدىم:

— نېمە قىلسام ئادەملەر مېنى ياخشى كۆرىدۇ؟

ئېيتتى:

— مۇئامىلىدە قۇپاللىق قىلما، يالغان گەپ قىلما، تىل بىلەن بىراۋنىڭ دىلىنى ئاغرىتما.

سورىدىم:

— ئىلىم ئۆگىنىشتىن نېمە تېپىلىدۇ؟

ئېيتتى:

— ئۇلۇغ بولساڭ، بۈيۈك نام تاپىسەن. كەمبەغەل بولساڭ، باي بولىسەن، ئەلگە تۇنۇلغان بولساڭ يەنىمۇ تونۇلىسەن.

سورىدىم:

— ئەقىللىق ئادەملەر نېمىگە ئىنتىلمەيدۇ؟

ئېيتتى:

— ناكەسلەرنىڭ ماختىشىغا ۋە پەستكەشلەرنىڭ ياردىمىگە.

سورىدىم:

— بىلىمسىز كىم؟

ئېيتتى:

— ئالدىراپ ئىش قىلىدىغان ۋە ئۆز بىلگىنىدىن قالمايدىغان.

سورىدىم:

— دانانى نېمە زىننەتلەيدۇ؟

ئېيتتى:

— ياخشىلىق قىلىش.

سورىدىم:

— كىم بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ياخشى؟

ئېيتتى:

— ھەسەتسىز كىشى بىلەن!

سورىدىم:

— ھەقىقىي مەرت كىم؟

ئېيتتى:

— بىراۋغا نەرسە بېرىپ، ئارقىسىدىن شاتلانغان ۋە ھېچقاچان مىننەت قىلمايدىغان كىشى.

سورىدىم:

— ئەقىللىق كىم؟

ئېيتتى:

— بىراۋدىن يامانلىق كۆرسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ئۆچمەنلىك قىلمايدىغان ئادەم!

سورىدىم:

— بەختلىك ئادەم كىم؟

ئېيتتى:

— ئۈچ نەرسىنى ئۈچ نەرسە بىلەن، يەنى پىكىرنى توغرىلىق بىلەن، سۆزنى راستلىق بىلەن، پېئىلنى ساخاۋەت بىلەن بىزىگەن ئادەم!

سورىدىم:

— نامۇناسىپ دوستتىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟

ئېيتتى:

— زىيارىتىگە بارماسلىق ۋە نەرسە سورىماسلىق بىلەن!

سورىدىم:

— ياخشى ئىنسانلاردىن قانداق ئۈزرە سورىلىدۇ؟

ئېيتى:

— ھاجىتىنى راۋا قىلىش بىلەن!

سورىدىم:

— يوشۇرۇن سىرلار قاچان ئاشكارا بولىدۇ؟

ئېيتتى:

— مەستلىكتە!

سورىدىم:

— كۆرۈشتىن كۆزگە قۇۋۋەت ۋە نۇر ھاسىل قىلىدىغىنى نېمە؟

ئېيتتى:

— ۋاپادار خوتۇن ۋە قابىل پەرزەنتلەر!

سورىدىم:

— جاندىنمۇ شىرىن نەرسە نېمە؟

ئېيتتى:

— غەرەزسىز دوست سۆھبىتى!

سورىدىم:

— ئاچچىق بولسىمۇ، بەك شىرىن نەرسە نېمە؟

ئېيتى:

— كۈچلۈك غەزەپنى ئىچىگە يۇتۇش.

سورىدىم:

— بەختلىك ئادەم كىم؟

ئېيتتى:

— ئۈچ نەرسىنى ئۈچ نەرسە بىلەن ، يەنى پىكىرنى توغرىلىق بىلەن، سۆزنى راستلىق بىلەن، پېئىلنى ساخاۋەت بىلەن بىزىگەن ئادەم!

سورىدىم:

— نامۇناسىپ دوستتىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟

ئېيتتى:

— زىيارىتىگە بارماسلىق ۋە نەرسە سورىماسلىق بىلەن!

سورىدىم:

— پاكىزە ئىنسانلاردىن قانداق ئۈزرە سورىلىدۇ؟

ئېيتتى:

— ھاجىتىنى راۋا قىلىش بىلەن!

سورىدىم:

— يوشۇرۇن سىرلار قاچان ئاشكارا بولىدۇ؟

ئېيتتى:

— مەستلىكتە!

سورىدىم:

— كۆرۈشتىن كۆزگە قۇۋۋەت ۋە نۇر ھاسىل قىلىدىغىنى نېمە؟

ئېيتتى:

— ۋاپادار خوتۇن ۋە قابىل پەرزەنتلەر!

سورىدىم:

— جاندىنمۇ شىرىن نەرسە نېمە؟

ئېيتتى:

-غەرەزسىز دوست سۆھبىتى!

سورىدىم:

— ئاچچىق بولسىمۇ، بەك شىرىن نەرسە نېمە؟

ئېيتتى:

— كۈچلۈك غەزەپنى ئىچىگە يۇتۇش.

سورىدىم:

— دۇنيادا نېمە شىرىن؟

ئېيتتى:

— پەرزەنت.

سورىدىم:

— ئۇيقۇ نېمە؟

ئېيتتى:

— يەڭگىل ئۆلۈم!

سورىدىم:

— ئۆلتۈرىدىغان شەرەپ قايسى؟

ئېيتتى:

— شەھۋەت!

سورىدىم:

— ئاخىرى ئاچچىق بولىدىغان شىرىنلىك نېمە؟

ئېيتتى:

— ئالدىراڭغۇلۇق!

سورىدىم:

— داۋاسى يوق كېسەل قايسى؟

ئېيتتى:

— نادانلىق.

سورىدىم:

— ئەر ۋە خوتۇنغا يارىشىدىغان كىيىم قايسى؟

ئېيتتى:

— ۋاپادارلىق!