ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)

ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش / إحياء علوم الدين)»، ھۆججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) يازغان، ئالىملارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان، ئەقىدە، فىقھ، ئەخلاق، ۋەز - نەسىھەت ۋە سۇلۇكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھۇر يىرىك ئەسەردۇر. ھ. 488 – 499 / م. 1096 – 1106 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلىپ تاماملانغان بۇ ئەسەر تۆت بۆلەككە، ھەربىر بۆلىكى ئون بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكىدە ئىبادەتلەر، ئىككىنچى بۆلىكىدە ئادەتلەر، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلىكىدە، يەنى كىتابنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، سۇلۇك ۋە ئەخلاقتىكى ئىنساننى «ھالاكەتكە تاشلايدىغان قىلمىشلار» ۋە «ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئەمەللەر» ھەققىدە سۆزلەنگەن. ئىبادەتلەرنىڭ سىرلىرى، ئۇنىڭدىكى روھىيەت، دىن كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتقا تەتبىقلاش ۋە نەپسنى پاكلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى جەھەتتىن ئىسلامنى ھەرتەرەپتىن تونۇش ئۈچۈن بۇ كىتاب مۇھىم بولغىنىدەك، ئىسلام ئىلىملىرىنى ياشارتىش ۋە ئىلىمنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىباھا ئەسەردۇر.

ئىمام غەززالىي شەيتاننىڭ كىشىلەرنى تىزگىنلەپ، ئازدۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دىننىڭ ئۆلىمالار نەزىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ پەتۋاسىغا، تۆر تالىشىش ۋە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەلبلەردە ئىخلاسنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ھەر ئىشتا ئىخلاسنى ئاساس ۋە شوئار قىلىشتىن ئىبارەت سەلەف - سالىھلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ كىتابىنى يېزىپ چىققان. جەمئىيەتنى توغرا ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، بىر ئىدېئولوگىيە چەمبىرى ياساشقا تىرىشقان. دىن ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرى بىلەن بىرگە، پىسخىكا، جەمئىيەت، ئەخلاق، سىياسەت ۋە تەربىيە تېمىلىرىدىمۇ توختالغان ۋە يەنە، ئاياللار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئاياللارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى بايان قىلغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]