دىيارىمىزدا مەشھۇر بولغان زەئىپ ۋە تۇقۇلما ھەدىسلەر

ئورنى Wikipedia


دىيارىمىزدا مەشھۇر بولغان زەئىپ ۋە تۇقۇلما ھەدىسلەر


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەن تۈۋەندە دىيارىمىزدا مەشھۇر بولغان زەئىپ ۋە تۇقۇلما ھەدىسلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. مىنىڭ بۇنداق تۇقۇلما ۋە ئاجىز ھەدىسلەرنى سىلەرگە سۇنۇشتىكى مەقسىتىم شۇ ئاجىز ۋە تۇقۇلما ھەدىسلەر تۇپەيلى دىننىي ئىشلاردا خاتالىشىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھازىر بەزى ئىماملار ھەدىسنىڭ سەنەدىگە قارىماي ئەرەپچە بولسا،چوڭ كىتابلارغا يېزىقلىق بولسا سۆزلەۋىرىدۇ. ھەدىسنىڭ سەھىھ ئاجىزلىقى بىلەن ھىسابلاشمايدۇ. بۇلار يالغان ھەدىسلەرنى سۆزلەپ قۇيۇشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ ياكى بىلسىمۇ سۆزلەۋىرەمدۇ ئۇققىلى بولمايدۇ. ھەتتا بەزى ئىماملار ئوقۇيدىغان خۇتبىلىرىغا تۇقۇلما ھەدىسلەرنى قۇشۋېلىپ ھەر جۇمە شۇنىلا تەكرارلايدۇ.

1. الحديث في المسجد يأكل الحسنات كما تأكل البهائم الحشيش ». وفي لفظ : « الحديث في المسجد يأكل الحسنات كما تأكل النار الحطب » . قال الحافظ العراقي: لم أقف له على أصل، قال عبد الوهاب ابن تقي الدين السبكي : لم أجد له إسناداً ، قال الألباني : لا أصل له. "تخريج الإحياء" (1/136) . "طبقات الشافعية" للسبكي (4/145) . "الضعيفة.1

.مەسجىدتە سۆزلەش ھايۋانلار ئوت-چۆپ يىگەندەك ياخشىلىقلارنى يەيدۇ. يەنە بىر لەپزىدە مەسجىدتە سۆزلەش ئوت ئۇتۇننى يىگەندەك يەيدۇ.

ھاپىزىلئىراقى : مەن بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلىنى تاپالمىدىم.دىدى.

ئابدۇلۋەھھاب: مەن بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى تاپالمىدىم.دىدى.

مۇھەددىس ئالباني: بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق دىدى.

2. اعمل لدنياك كأنك تعيش أبداً ، واعمل لآخرتك كأنك تموت غداً ». قال الألباني: لا يصح مرفوعاً أي: ليس صحيح عن النبي صلى الله عليه وسلم. "الضعيفة"2 .سەن بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىشلىگىن. ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.

بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئالبانىي رەھىمەھۇللە: بۇ ھەدىس سەھىھ دەپ تۇنۇلمايدۇ.يەنى رەسۇلۇللەتىن كەلگەنلىكى سەھىھ ئەمەس.

كۆپلىگەن ئىماملار بۇ ھەدسنى بەكلا سۆزلەيدۇ. ھەتتا بەزى ‹ئالىملار› ‹ھىدايەت گۈلزارى› دىگەن كىتابتا(جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ جەۋھەر تىمىلىرى جۇغلانغان ئىككى توملۇق كىتاب) بەك ئۇچرايدۇ مۇشۇنداق زەئىپ يالغان ھەدىسلەر. بۇنىڭدىن ئىھتىيات قىلماق لازىم.

3.إنما بعثتُ مُعَلِّماً» قال العراقي: سنده ضعيف، قال الألباني : ضعيف. "تخريج الإحياء"3.

‹مەن بىلدۇرگۇچى بۇلۇپ ئەۋەتىلدىم›

ئىراقى: بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ئاجىز دىگەن. ئالبانىي: بۇ ھەدىسنى ئاجىز دىگەن.

4.صنفان من أمتي إذا صلحا، صلح الناس: الأمراء والفقهاء». وفي لفظ «صنفان من أمتي إذا صلحا، صلح الناس: الأمراء والعلماء ». قال الإمام أحمد : في أحد رواته كذاب يضع الحديث ، قال ابن معين والدارقطني مثله، قال الألباني: موضوع. "تخريج الإحياء" (1/6) . "الضعيفة"

مىنىڭ ئۇممىتىم ئىچىدە ئىككى تۈرلۈك كىشى بار. ئەگەر ئۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى تۈزەلسە كىشىلەر تۈزۈلىدۇ. ئۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى: ئەمىرلەر،فەقىھلار. يەنە بىر لەپزىدە: مىنىڭ ئۇممىتىم ئىچىدە ئىككى تۈرلۈك كىشى بار.ئۇلار تۇزەلسە كىشىلەر تۇزىلىدۇ. ئۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى : ئەمىرلەرۋە ئالىملاردۇر.

ئىمام ئەھمەد بۇ ھەدىس توغرىسىدا ‹بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يالغان ھەدىس تۇقۇيدىغان بىر كىشى بار› دىگەن. ئىبنى مەئىين ۋە دارۇقۇتنىيمۇ ئىمام ئەھمەدكە ئوخشاشلا دىگەن. ئەلبانىي‹ بۇ ھەدىس تۇقۇلما› دىگەن.

5.من حج، فزار قبري بعد موتي، كان كمن زارني في حياتي » . قال ابن تيمية: ضعيف . "قاعدة جليلة" (57) . قال الألباني: موضوع. "الضعيفة" (47) . وانظر "ذخيرة الحفاظ" لابن القيسراني (4/5250)5.

«قانداق بىر كىشى ھەج قىلسا ۋە مەن ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن قەبرەمنى زىيارەت قىلسا،مىنى ھايات چېغىمدا زىيارەت قىلغان بىلەن ئوخشاش»

ئىبنى تەيمىييە‹ئاجىز › دىگەن. ئالبانىي ‹تۇقۇلما› دىگەن.

6.اختلاف أمتي رحمة » . موضوع. "الأسرار المرفوعة" (506) . "تنزيه الشريعة" (2/402) . وقال الألباني: لا أصل له. "الضعيفة6.«ئۇممىتىمنىڭ ئىختىلاپلىشىشى رەھمەتتۇر» بۇ ھەدىس تۇقۇلما . ئالبانىي ‹بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق› دىگەن.

ھازىرقى كۆپىنچە ئىختىلاپچىلار مۇشۇ ھەدىسنى تۇتقۇ قىلىۋېلىپ ھەدەپ ئىختىلاپنىڭ پىلىكىنى تارتىدۇ. خىجىل بۇلۇشماي بۇ سۆزنى ‹رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسى› دىيشىدۇ. بۇ ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

7.أصحابي كالنجوم بأيهم اقتديتم اهتديتم » . وفي لفظ: ((إنما أصحابي مثل النجوم فأيهم أخذتم بقوله اهتديتم » .قال ابن حزم : خبر مكذوب موضوع باطل لم يصح قط."الإحكام في أصول الأحكام"(5/64) و (6/82) . وقال الألباني: موضوع. "الضعيفة" (66) . وانظر "جامع بيان العلم وفضله" لابن عبد البر7.

«ئەسھابىلىرىم يۇلتۇزغا ئوخشاشتۇر. ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئەگەشسەڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» يەنە بىر لەپزىدە « ئەسھابىلىرىم يۇلتۇزغا ئوخشاشتۇر.ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ سۆزلىرىدىن قۇبۇل قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» بۇ ھەدىس تۇقۇلما،باتىل ھەدىستۇر.

ئالباني ‹ بۇ ھەدىس تۇقۇلما› دىگەن.

مانا بۇ ھەدىسنى كۆپنچە ئىماملار خۇتبىلىرىدە ھەر جۇمە ئوقۇشىدۇ. مەن تۇرۋاتقان يۇرتتىكى مەلۇم بىر جامەدىمۇ ھەممىمىز چوڭ ئالىدىغان *** داموللام ھەر جۇمە خۇتبىسىدە تازا ئاھاڭىغا ئېلىپ ئوقۇپ كىتىدۇ. بۇنداق تۇقۇلما ھەدىسلەرنى سۆزلەپ يۇرۇش نىمە دىگەن قەبىھ ھە؟؟!!

8.من عَرَفَ نفسهُ فقد عرف ربَّه » .موضوع."الأسرار المرفوعة" (506) . و "تنزيه الشريعة"(2/402) . "تذكرة الموضوعات"8.«قانداق بىر كىشى ئۆزىنى تۇنۇسا رەببىنى تۇنۇيدۇ» بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

بۇ ھەدىسمۇ ئىچىمىزدە ئىنتايىن مەشھۇر بولغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسنى ھەتتا ساۋاتسىزلارمۇ سۆزلىشىدۇ. ئىماملار ھەتتا قۇلاق موللىلىرى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي سۆزلىشىدۇ. ۋە بۇ ‹ھەدىس›نى شەرھلەپ كىتىشىدۇ. ئىسلام دىنىنى يالغان ساختىپەزلىك قىلمايمۇ تارقاتقىلى بۇلىدۇ. شۇڭا بۇنداق تۇقۇلما ھەدىسلەردىن ئىھتىيات قىلىشىمىز ۋە ئىھتىيات قىلدۇرىشىمىز كىرەك. 9.تزوجوا ولا تطلقوا، فإن الطلاق يهتز له العرش » . موضوع . "ترتيب الموضوعات" (694) . "الموضوعات" للصغاني (97) . "تنزيه الشريعة" (2/202)

«ئۆيلىنىڭلار،تالاق قىلماڭلار. ھەقىقەتەن تالاق ئەرشنى تىترىتىۋېتىدۇ» بۇ تۇقۇلما ھەدىس. يەنى ھەدىس ئەمەس.

ئاللاھ نىكاھلىنىشنى ھالال ياراتقىنىدەك تالاقنىمۇ ھالال ياراتتى.

10.السخي قريب من الله، قريب من الجنة. قريب من الناس، بعيد من النار، والبخيل بعيد من الله، بعيد من الجنة، بعيد من الناس ، قريب من النار وجاهل سخي أحب إلى الله من عابد بخيل » . ضعيف جدّاً . "المنار المنيف"(284) . "ترتيب الموضوعات" (564) . "اللآلئ المصنوعة"

«سېخي كىشى ئاللاھقا يېقىن، جەننەتكە يېقىن، ئىنسانلارغا يېقىن، دەۋزەختىن يىراق. پخسىق كىشى ئاللاھتىن يىراق،جەننەتتىن يىراق،كىشىلەردىن يىراق،دەۋزەخكە ۋە جاھىللارغا يېقىن. سېخىي كىشى ئاللاھقا پىخسىق ئىبادەت قىلغۇچىدىن سۈيۈملۈكراقتۇر» بۇ ھەدىس بەك ئاجىز.

11.أنا عربي والقرآن عربي ولسان أهل الجنة عربي » . "تذكرة الموضوعات" (112) . "المقاصد الحسنة" (31) . "تنزيه الشريعة" (2/30) .

«مەن ئەرەب،قۇرئان ئەرەپچە،جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەپچە» بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

12.إن لكل شيء قلباً، وإن قلب القرآن (يس) من قرأها، فكأنما قرأ القرآن عشر مرات » . موضوع . "العلل" لابن أبي حاتم (2/55) . "الضعيفة"

(169)«ھەقىقەتەن ھەممە نەرسنىڭ يۇرىكى بار. قۇرئاننىڭ يۇرىكى سۈرە ياسىندۇر. سۈرە ياسننى بىر قېتىم ئوقۇغان كىشى قۇرئاننى ئون قېتىم تامام قىلغان بىلەن ئوخشاش»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

13.فكرة ساعة خير من عبادة ستين سنة » . موضوع . "تنزيه الشريعة" (2/305) . "الفوائد المجموعة" (723) . "ترتيب الموضوعات" ((964)

«بىر سائەت تەپەككۇر قىلىش 60يىل ئىبادەت قىلغاندىن ياخشى»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

بۇ سۆزنىمۇ بەزى ئىماملار كىشىلەرنى تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرۇش ئۇچۇن كۈچەپ سۆزلەيدۇ. بۇ خاتا تۇتۇلغان يول.

14.لا صلاة لجار المسجد إلا في المسجد » . ضعيف . "ضعاف الدارقطني" (362) . "اللآلئ المصنوعة" (2/16) . "العلل المتناهية" (1/693).

«مەسجىدكە قوشنا بۇلۇپ ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئۆيدە ئوقۇغان نامىزى ناماز ئەمەس.يەنى مەسجىدتە ئوقۇسا ئاندىن ناماز ئوقۇغان بۇلىدۇ» بۇ ھەدىس زەئىپ.‹دارۇقۇتنىينىڭ زەئىپلىرىدىن...›

15.صوموا تصحوا » . ضعيف . "تخريج الإحياء" (3/87) . "تذكرة الموضوعات" (70) . "الموضوعات" للصغاني (72) .

«رۇزا تۇتۇڭلار.سالامەت بۇلىسىلەر» بۇ ھەدىس ئاجىز.

16.لولاك ما خلقت الدنيا» . موضوع . "اللؤلؤ المرصوع" للمشيشي (454) . "ترتيب الموضوعات" (196) . "الضعيفة" (282).

«(ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا)ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ دۇنيانى ياراتمىغان بۇلاتتىم»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

بەزى ‹ئۆلىمالىرىمىز› رەسۇلۇللەنى مەدھىيلەش ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى ئوقىشىدۇ. ۋە ‹ئاللاھ بۇ دۇنيانى رەسۇلۇللە ئۈچۈنلا ياراتقان› دەپ چۈشەندۇرىدۇ. بۇ ئاساسسىز گەپ.

17.من قرأ سورة الواقعة في كل ليلة لم تصبه فاقة أبداً» . ضعيف. "العلل المتناهية" (1/151) . "تنزيه الشريعة" (1/301) . "الفوائد المجموعة" (972

«قانداق بىر كىشى ھەر كىچىسى سۈرە ۋاقىئەنى ئوقۇسا مەڭگۈ نامراتلىق يەتمەيدۇ» بۇ ھەدىس زەئىپ.

بۇ ھەدىسمۇ خەلقىمىز ئىچىدە ئىنتايىن مەشھۇر.

18.من ولد له مولود. فأذن في أذنه اليمنى وأقام في أذنه اليسرى لم تضره أم الصبيان » . موضوع . "الميزان" للذهبي (4/397) . "مجمع الزوائد" للهيثمي . "تخريج الإحياء" (2/61) .

«قانداق بىر بالا تۇغۇلسا ۋە ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان سول قۇلىقىغا تەكبىر ئوقۇلسا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

19من تمسك بسنتي عند فساد أمتي ، فله أجر مئة شهيد» . ضعيف جدا . "ذخيرة الحفاظ" (4/5174) . "الضعيفة" (326) .

«مىنىڭ ئۇممىتىمدە پاسادچىلىق ئېغىر بولغان ۋاقىتلاردا مىنىڭ سۈننىتمىنى چىڭ تۇتقانلارغا 100 شەھىدنىڭ ساۋابى بىرلىدۇ»

بۇ ھەدىس بەكلا ئاجىز.

20.أنا ابن الذبيحين» . لا أصل له . "رسالة لطيفة" لابن قدامة (23) . "اللؤلؤ المرصوع" (81) . "النخبة البهية" للسنباوي (43) .

«مەن ئىككى قۇربانلىقنىڭ بالىسى»

بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق.

21.النظر في المصحف عبادةٌ، ونظر الولد إلى الوالدين عبادةٌ، والنظر إلى علي بن أبي طالب عبادةٌ » . موضوع . ""الضعيفة" (356) .

«قۇرئانغا قاراش ئبادەت. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قارىشى ئىبادەت. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپقا قاراش ئىبادەت»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

قاراڭلار! بۇ ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆز. ئىبادەت دىگەن بىراۋغا قاراش بىلەن ئەمەس ئەمەل بىلەن بۇلىدۇ.

22.اطلبوا العلم ولو بالصين» . موضوع . "الموضوعات" لابن الجوزي (1/215) . "ترتيب الموضوعات" للذهبي (111) . "الفوائد المجموعة" (852) .

«ئىلىمنى جۇڭگۇدا بولسىمۇ تەلەپ قىلىڭلار»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

بۇ ھەدىسمۇ ئارىمىزدا ئىنتايىن مەشھۇردۇر.

23.السلطان ظل الله في أرضه، من نصحه هدي ، ومن غشه ضل» . موضوع . "تذكرة الموضوعات" للفتني (182) . "الفوائد المجموعة" للشوكاني (623) . "الضعيفة" (475) .

«پادىشاھ ئاللاھنىڭ زىمىندىكى سايىسى. ئۇنىڭغا نەسھەت قىلغان كىشى ھىدايەت تاپىدۇ. ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن كىشى ئېزىپ كىتىدۇ»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

22.حب الدنيا رأس كل خطيئة» . موضوع ."أحاديث القصاص" لابن تيمية (7) . "الأسرار المرفوعة" (1/163) . "تذكرة الموضوعات" (173) .

«دۇنيانى دوست تۇتۇش ھەممە خاتالىقنىڭ بېشى»

بۇ ھەدىس تۇقۇلما.

23.لا تجعلوا آخر طعامكم ماءً » . لا أصل له . "الضعيفة" (2096) .«سىلەر ئەڭ ئاخىرقى تائامىڭلارنى سۇ قىلماڭلار» يەنى تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن سۇ ئىچمەڭلار. بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق.

24.إن للقلوب صدأ كصدأ الحديد وجلاؤها الاستغفار » . موضوع."ذخيرة الحفاظ" (2/1978) . "الضعيفة" (2242) .«ھەقىقەتەن قەلىب تۈمۈر داتلاشقاندەك داتلىشىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ روشەنلىشىشى ئىستىغپاردۇر»

بۇ ھەدس تۇقۇلما

25.رجعنا من الجهاد الأصغر إلى الأكبر » . لا أصل له. "الأسرار المرفوعة" (211) . "تذكرة الموضوعات" للفتني (191) .«بىز كىچىك جاھادتىن چوڭ جاھادقا قايتتۇق» بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق.

بۇ ھەدىسنى چۇشەندۇرىدىغان ‹ئالىملار› كۇپپارلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى كىچىك جىھاد،نەپسىنى كونترول قىلىدىغان ئەمەللەرنى چوڭ جىھاد دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار بىلمەمدۇكى ماللىرى بىلەن جانلىرى بىلەن قىلىنغان جىھادنىڭ ھەممىدىن چوڭ ھەممىدىن كاتتا ئىكەنلىكىنى....

26.أبغض الحلال إلى الله الطلاق » . ضعيف. "العلل المتناهية" لابن الجوزي (2/1056) . "الذخيرة"

(1/23)«ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ غەزەبلىكراقى تالاق»


بۇ ھەدىس زەئىپ.

27.لما قدم النبي صلى الله عليه وسلم المدينة جعل النساء والصبيان والولائد يقولون :


طلع البدر علينا وجب الشكر علينا

أيها المبعوث فينا من ثنيات الوداع

ما دعا لله داع جئت بالأمر المطاع »

ضعيف. "أحاديث القصاص" لابن تيميه (17) . "تذكرة الموضوعات" (196). «رەسۇلۇللە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ئاياللار بالىلار تۈۋەندىكى شىئىرنى ئوقۇشتى.

بۇ ھەدىس ئاجىز.

28.إياكم والحسد فإن الحسد يأكل الحسنات كما تأكل النار الحطب » . ضعيف. "التاريخ الكبير" (1/272) . "مختصر سنن أبي داود" للمنذري(7/226).

«ھەسەد قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۇنكى ھەسەد قىلىش ئوت ئۇتۇننى يىگەندەك ياخشىلىقلارنى يەيدۇ»

بۇ ھەدىس زەئىپ.

29.الأذان والإقامة في أذن المولود » . ضعيف جداً. "بيان الوهم" لابن القطان (4/594) . "المجروحين" لابن حبان (2/ 128) ."الضعيفة" (1/494

«يىڭى تۇغۇلغان بۇۋقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇش»

بۇ ھەدىس بەكلا ئاجىز

30.الخير فيَّ وفي أمتي إلى يوم القيامة » . قال ابن حجر : لا أعرفه . "المقاصد الحسنة" للسخاوي (ص 208). وهو في "تذكرة الموضوعات" للفتني (68) . وفي "الأسرار المرفوعة في الأخبار الموضوعة" للقاري (ص 195

«ياخشىلىق قىيامەت كۇنىگىچە مەندە ۋە مىنىڭ ئۇممەتلىرىمدە»

بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھەجەر ‹مەن ئۇ ھەدىس توغۇرلۇق بىر نەرسە بىلمەيمەن› دىگەن.

ئەسكەرتىش: مەن بۇ ھەدىسلەرنى پەقەت ساغلام ئەمەسلىكىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈنلا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇ ھەدىسلەردىن پايدىلىنىشقا دەلىل قىلىشقا بولمايدۇ.

تەييارلىغۇچى: ھەمزە