دۆلەتباغ يېزىسى (قەشقەر شەھىرى)

ئورنى Wikipedia
دۆلەتباغ يېزىسى

多来特巴格乡.Döletbagh town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 18 دانە
نوپۇس 56 مىڭ
يەر مەيدانى 30 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

دۆلەتباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرى رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.55 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 30 كىۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 14 مىڭ بۇلۇپ ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %97.7 كە يەتكەن. جەنۇبىي رايونىدا ئېقىنلاردىن قىزىل دەرياسى، شىمالدا تۈمەن دەرياسى جەنۇبقا قاراپ قىزىل دەرياسىغا ئېقىپ كىردۇ. «314» دۆلەت يولىنىڭ چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەتباغ يېزىسىدا قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن ئارسلانخان مازىرى بار.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ :

  • ياركۆلبېشى كەنتى،
  • ئارسلانخان كەنتى،
  • چوڭ كۆلبېشى كەنتى،
  • ئاقيار بېشى كەنتى،
  • كۆۋرۈكبېشى كەنتى،
  • ئەسلىكۆل كەنتى،
  • قەدىمىيجاي كەنتى،,
  • باغچى كەنتىى،
  • تۇرپان كوچىسى كەنتى،
  • تاربوغۇز كەنتى،
  • يانبۇلاق كەنتى،
  • ئەگرىيار كەنتى،
  • سوپىلار كەنتى،
  • ئاياقسوزاق كەنتى،
  • توقاي كەنتى،
  • تۆۋەنكى ھويلا كەنتى،
  • لەڭگەر كەنتى،
  • تىل سۇزاق كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات رايونى بار. باقمىچىلىقتا كالا، قوي بورداش ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ياغاچ ماتېرىياللىرى توپ سېتىش سودا بازىرى تەسىس قىلىنغان. بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، ترانسپورت، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، پىلاستىك ماتېرىيال (سۇلياۋ)، پار قازان ياساش قاتارلىق يېزا-بازار كارخانىلىرى بار.