دۇب دەرىخى

ئورنى Wikipedia

ئەلچى - دۇب دەرىخى

گېرمانىيىنىڭ بىر ئورمانلىقىدا يىراق يېقىنغا داڭقى كەتكەن بىر تۈپ قېرى دۇب دەرىخى بار . كىشىلەر ئۇنى < ئەلچى - دۇب دەرىخى > دەپ ئاتىشىدۇ .بۇ توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت بار . بۇندىن 600 يىللار ئىلگىرى بىر شاھزادە ئۇرۇشتا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئېغىر يارىلىنىپ يېتىپ قالغاندا ، بىر گۈزەل قىز تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ . شاھزادىنىڭ يارىسى ساقايغىچە قىز يىگىتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ ، كىيىن ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ ، شاھزادە قىزغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئورمانلىققا مۇشۇ تۈپ دۇب دەرىخىنى تىكىدۇ ، كىيىنكىلەر شاھزادىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىشىپ ، دائىم بۇ دەرەخنى كۈرۈش ئۈچۈن كىلىپ - كىتىپ تۇرىدۇ ھەمدە مۇشۇ دەرەخ ئاستىدا ئۆز كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن تېزراق مۇرادىغا يىتىش ئۈچۈن تىلەك تېلەيدۇ . كىيىنكى كۈنلەردە مۇشۇ دەرەخ ئارقىلىق خەت يېزىشىپ تۇنۇشۇپ ، ئاخىرى مۇشۇ دەرەخ ئاستىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ . شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن يىللاردىن بىرى بۇ دەرەخ < ئەلچى > لىك رولىنى ئېلىپ كەلمەكتە ، ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ياشلار بۇ دۇب دەرىخىگە خەت يازىدۇ ، بۇ خەتلەر ئۇچۇق - ئاشكارا بۇلۇپ ، كىمگە كىمنىڭ خېتى يېقىپ قالسا ، خەت قايتۇرىشىپ ، كىيىن كۆرىشىدۇ . مۇشۇ < ئەلچى > ئارقىلىق ھازىرغىچە 5000 جۈپتىن ئارتۇق قىز -يىگىت توي قىلىپ بەخىتلىك ياشاۋىتىپتۇ .

بۇ دەرەخنىڭ نامى بارغانسىرى يىراق يېقىنغا تاراپ ،ھەتتا باشقا دۆلەتتىكى ياشلارمۇ بۇ دەرەخكە خەت يازىدىكەن ، ھەر يىلى بۇ دۇب دەرىخى تاپشۇرىۋالىدىغان مۇھەببەت خېتى 800 پارچىدىن ئېشىپ كىتىدىكەن .