دۇفۇ شېئىرلىرىدىن 40 پارچە
دۇفۇ شېئىرلىرىدىن 40 پارچە
دۇفۇ (712-770) تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق رېئالىست شائىر. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭشيەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى ئاتاقلىق شائىر، دادىسى ناھىيە ھاكىمى ئىدى. دۇفۇ 20 يېشىغىچە بېرىلىپ كىتاب ئوقۇغان. 35 يېشىغىچە يۇرت كېزىپ ساياھەت قىلغان. زاماندېشى لى بەي قاتارلىق شائىرلار بىلەن تونۇشقان. 35 ياشتىن 44 ياشقىچە پايتەخت چاڭئەندە ياشىغان. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن سىياسىي شېئىرلارنى يازغان. 45 ياشتىن 48 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم ئۆڭلۈك - سۆيگۈن ئىسيانچى قوشۇنىغا سەككىز ئاي تۇتقۇن بولۇپ قالغان. 757- يىلى خاننىڭ نەزىرىگە ئېلىنىپ سەككىزىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. ئەمما ئوزۇن ئۆتمەي خانغا يوللىغان بىر مەلۇماتى خاننىڭ غەزىپىنى قوزغىغاچقا «ئائىلەڭنى يوقلاپ كەل» دېگەن باھانە بىلەن يۇرتىغا يولغا سېلىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چېكىپ، 770- يىلى قىشتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
تەنھا تۇرۇپ
ئۇچسا سار كۆك قەھرىدە پەرۋاز ئۇرۇپ،
سۇدا لەيلەك قۇش ئۈزەر بىر جۈپ بولۇپ؛
شۇڭغۇسا سار ئالىمەن دەپ پەنجىگە،
قېلىشى مۇمكىنمۇ شۇ قۇش قۇتۇلۇپ؟
ئۆمۈچۈك توقۇيدۇ تور چىمەن ئارا،
چۈشسە شەبنەم كېتىدۇ دەم بوزۇلۇپ.
تەقدىرى پەلەك سىرى شۇنداق ئىكەن،
قىسمىتىدىن چۆچۈدۈم تەنھا تۇرۇپ.
باھارنى كۆرگەندە
كەتتى تەخت قولدىن، دىيار قالدى مانا،
بۈككىدە باستى شەھەرنى گۈل-گىيا.
ھۆسنى گۈلنىڭ بۇزدى كۆڭلۈمنى ئەجەب،
قۇش ناۋاسى ئەيلىدى دىلنى يارا.
جەڭ ئوتى ياندى ئۇندا ئۈچ ئايغىچە،
كەلدى مىڭ تىللاغا ياردىن خەت گۇيا.
سانچىغۇچ تۇرماس بولۇپ قالدى مانا،
ئاق چېچىم شالاڭلىشىپ بارا-بارا.
باھاردا لى بەينى ئەسلەپ
نەزمىدە لى بەيگە تەڭ كەلمەس جاھان،
پىكرى يۈكسەك، ئۆزگىدىن ھېسسى راۋان.
تىلى سۇشىندىن گۈزەل ھەم ساپ ئۇنىڭ،
ئۇسلۇبى باۋجاۋنى يەڭگەي ھەرقاچان.
كەلدى ۋۇ بىيغا باھار، گۇگۇمدا مەن
بارقىمەن دەرياسىرى مەشرىق تامان.
جەم بولۇپ قايتا شېئىرىيەت بابىدا—
مۇڭدىشارمىز مەي-شاراب ئىچكەچ قاچان؟
تەنھا شاراب ئىچكەندىن كېيىن
شام چېچەكلىسە نېمەمدىن خۇش بولاي،
مەي ماڭا تۇرسا بولۇپ يار- ئۈلپۈتۈم.
نەزمە پۈتسەم پىر ماڭا بىرۇر مەدەت،
كەيپ بىلەن ئۆتتى مۇساپىرلىق كۈنۈم.
كەتمىسە كۆزدىن نېرى ھېچ جەڭ-جىدەل،
كى ئاسايىشتا ياشايمۇ بىر ئۆزۈم؛
زەررىچە ئەمەلگە باغلاندىم دەرىخ،
چۈشتى باش ئەل ئالدىدا، كۆيدى يۈزۈم!
مېھمان كەلدى
ئالدى-كەينىدە ئۆيۈمنىڭ ئاقىدۇ سۇلار تولۇپ،
كېلىدۇ باھاردا قۇشلار ھەر كۈنى پەرۋاز ئۇرۇپ.
قويمىغانتىم سۈپۈرۈپ مېھمان كېلەر دەپ يولنىمۇ،
سىز ئۈچۈن ئېچىلدى كەپەم ئىشىكى تۇنجى بولۇپ.
غورىگۈل پەتنۇس قويۇلدى بەك يىراق بولغاچ بازار،
قول ئۈزۈك بولغاچقا مەيمۇ قاپتۇ كوزامدا قۇرۇپ.
مەن بىلەن ئۈلپەتلىشىشنى كۆڭلىڭىز تارتسا ئەگەر،
چاقىرارمەن بار شارابنى ئىچكىلى تەڭ ئولتۇرۇپ.
ئېگىزگە چىققاندا
قىلار نالە، كۆرۈڭ، مايمۇن شامال سۇققاچ بۇ كۈز ئەدەپ،
سۈزۈلدى سۇ، ئاقاردى قۇم، بېلىقچى قۇش ئۇچار لەپ-لەپ.
پانايى يوق دەرەخزاردىن تۆكۈلدى بارچە ياپراقلار،
تېنىمسىز شۇ ئەزىم چاڭجياڭ ئاقار ھەيۋەتتە ئۆركەشلەپ.
بۇ غەمكىن كۈز ئارا كەلدىم مۇساپىر بوپ يىراقلاردىن،
تېنىم بىمار، ئۆزۈم تەنھا، كېلەرمەن تا ئېگىز ئۆرلەپ.
مۇشەققەت دەستىدىن كەتتى چېكەمنى قار-قىروۋ قاپلاپ،
ئېسىت، قالدىم شارابتىنمۇ، يۈرەي ئەمدى قايان تېنەپ؟
يۈرمىگىن خۇدۈكلىنىپ
ھېچنېمە يارىتالمىدىم ئالەمگە ئەركەك تۈرۈلۈپ،
قالدى لىڭشىپ چىشلىرىم، ئاق چاچقا باشىم كۆمۈلۈپ.
چۈشتى ئەسكە ئوردىغا «ئەردەم-ئەدەب» سۇنغانلىقىم،
شول كۈنى ھەيرانىمەن، كەتتىم شەرەبكە چۆمۈلۈپ؛
مىرزىخانە ئىچرە قەغەزدە ئويناتسام قەلەم،
ئۆلىمالار كۆرگىلى كىرگەن سارايغا تۈرۈلۈپ.
ئاشۇ چاغ پەرۋاز قىلاتتىم شېئىرىيەت گۈلزارىدا،
ئەمدى ھەيدەلدىم دالاغا كۆرمىگەن كۈننى كۆرۈپ.
نەۋجۇۋانلارغا زاۋالىمدا ئەقىدە ئەيلىسەم،
يۈرگىدەك ئالدىمدا خوپ دەپ، ئەمما كەينىمدە كۈلۈپ.
بەس، بۇ ئەپسانە جاھان دۆلەتمىنى رەھمەت ساڭا،
تالىشىپ مەندىن تاپاۋەت يۈرمىگىن خۇدۈكلىنىپ.
باھار كېچىسىدىكى خاسىيەتلىك يامغۇر
نەۋباھارنىڭ خاسىيەتلىك يامغۇرى،
تەبىئەت كۆڭلىنى خوپ بىلگەن چېغى.
سىم-سىم ئارىلاپ تۈن بۇيى تىنماي يېغىپ.
بارچە شەيئى باغرىنى نەم ئەيلىدى.
قاپقارا تۈن ئىلكىدىدۇر يول تامام،
كۆرۈنەر قېيىقتا يالغۇز شام نۇرى.
ئاتتى تاڭ، زەپمۇ قىزاردى ھۈپپىدە،
شەھرى جىنگۈەننىڭ جىمىكى گۈللىرى.
چاڭ سۇ كەنتى توغرىسىدا ئىككى شېئىر
1
قىلۋە ياققا بارىدۇ كۈنمۇ پېتىپ،
يەرگە بۇلۇت ئارىسىدىن نۇر چېچىپ.
قىلدى سېغىزخان خەۋەر قۇۋۇق بېشىدا،
كەلدى مېھمان، دەپ، ئوزاق سەپەر چكىپ.
قالدى يىغلاپ ئايىلىم ھەيران بولۇپ،
ھەم تىرىك يانغانلىقىمدىن داڭ قېتىپ.
قىلدى سەرسان بىزنى بۇ ئەنسىز جاھان،
شۈكرى، ياندىم ئولجىغا جاننى ئېلىپ.
كۇچا-كويغا چىقتى خۇلۇم-خوشنىلار،
ھەسرىتىگە پايلىماي كۆز ياش قىلىپ.
كۆيدى كۆپ شام، ئولتۇرۇشتۇق كۈن بۇيى،
خۇددى چۈشۈمدەك يار بىلەن سۆھبەتلىشىپ.
2
قىستىدى تۇرمۇش مېنى قېرىغاندا ھەم،
كەتمىدى يانساممۇ ئۆيگە غۇسسە-غەم.
قۇچۇغۇمدىن چۈشمىدى ئەسلا بالام،
كەتمىسە، دەپ، ئەنسىرەيتتى دەممۇدەم.
ساپتىمەن كۆل بويىغا باشتا جىرىم،
سايىدارمەن كەلسە ياز، دەپ، ئەسلىسەم.
تۆكۈلۈپ شامالدا ئۇچقان شۇ خازان،
قوزغىدى قەلبىمدە چەندان دەرت-ئەلەم!
يىغىلىپمۇ بوپتۇ ئاشلىق ئاڭلىسام،
پۇرىدى بادە بۇيى گۇيا شۇ دەم.
بولسىلا شاراب بۈگۈن خوپ تويغىدەك،
ئۆمرۈم ئوزىراتتى بولۇپ دىلمۇ جەم.
چاڭ سۇڭ كەنتى توغرىسىدا بىر شېئىر
كەيدى بېشىغا تۇخۇلار ھويلىنى،
سالدى غوۋغا بىر-بىرنى چۇقىلاپ؛
قونىدىقىغا چىقىرىپ تۇرغاندا مەن،
ئىشىكىمنى قاقتى مېھمان ۋارقىراپ.
ئاق ساقالدىن تۆت-بەشى كەلدى كىرىپ،
كەپتۇ دەپ مېنى سەپەردىن ھال سوراپ.
ھەربىرىنىڭ قولىدا بار سوۋغىسى،
كۇزىسىدىن قۇيدى جامغا مەي-شاراب.
دېدى: ئەرلەر جەڭگە ماڭغاچ توختىماي،
قالدى ئېكىنسىز ئېتىزلار چۆلسىراپ؛
دېمىگىن مەي سۈپىتى ناچار ئىكەن،
بارى مۇشۇ، ئازنى كۆپكە قىل تاۋاپ.
كۈن ئېغىر، ھىممەت ئۇلۇق بولغاچ ماڭا،
ئۇيۇلۇپ قالدىم شۇ چاغ يەرگە قاراپ.
ناخشا ئېيتسام ئاھ ئۇرۇپ پەيياد چېكىپ،
ئاقتى بارچە كۆزىدىن ياش تامچىلاپ.
لەشكىرى يۈرۈشتە
ھارۋىلار گۈلدۈرلىشىپ، ئاتلار چېپىپ كەلدى بۇيان،
سەپ تۈزۈپ سەپەرچىلەر يان-بېلىگە باغلاپ كامان.
ئوزىتىپ كەلدى ئاتا-ئانا، كېلىن سەپەرچىنى،
ئالدى شيەنياڭ كۆۋرۈكىنى قوينىغا چاڭ ۋە تۇمان.
ئېسىلىپ بىر-بىرىگە يولنى تۇسۇپ ئاچتى ھازا،
يىغا-زارغا پايلىماي سىلكىندى يەرۇ-ئاسمان.
نېمە ئىش، دەپ سورىدى يولۇچىلار سەپەرچىدىن،
جەڭگە ماڭدۇق دەپ جاۋاب بەردى بىراۋ سۈرۈپ زۇۋان.
دېدى: ئون بەش ياشتا خۇاڭخې چېكىگە بارغان ئىدىم،
كەپتىمەن قىرىققىچە چېرىك بولۇپ، گاھى دېخان.
جەڭگە-چىرىكلىككە تۇتۇلۇپ بارغىنىمدا ياش ئىدىم،
يانغىمدا ياقا يۇرتتىن بولدى ساچىم قارسىمان.
ياقا يۇرت بوسۇغىسىدا ئاقتى قان دېڭىز بولۇپ،
ئەمما كەتتى نەپسى ئاۋۇپ، تويمىدى تۇپراققا خان.
ئاڭلىغىن، تاغ شەرقىدە يۈزلەپ ۋىلايەت، ناھىيە،
چۆللىشىپ كەتتى شۇ دەم، مىڭلاپ يېزا بولدى خازان.
ئىشلىدى قاۋۇل ئاياللار يەر تېرىپ، ساپان يۆلەپ،
بەرمىدى يەر قوينىدىن ئاخىر كېلىپ بىر تالمۇ دان.
تۇتتى چىن چۈەنلىكنى تىنماي جەڭگىۋار خەلق بۇ دەپ،
ئىت – ئېشەك ئورنىدا ھەيدەلدۇق يېغىغا ھەر زامان.
دېدى بىراۋ: ھالىمىزنى قالدىڭىز سوراپ جاناب،
دەردىمىزنى دەرىخا، باردۇ كىم ئاڭلايدىغان؟
باشقىنى دېمەي تۇراي، بۇ يىل مانا قىش كەلگۈچە،
جەڭگە كەتكەنلەر تېخى يانماي تۇرۇپلا يۇرت سايان؛
بىزنى قىستاپ كەلدى شەنگەن يامۇلىدىن غەللە دەپ،
نەق تۆلەشكە بۇ سېلىقنى ئەمدى بارغاي ئەل قايان؟
بەلكى ئوغۇل تاپقۇچە قىز تاپ، دېگەن سۆز راست ئىكەن،
بولمىسا دەردۇ ئەلەمدە بولمىغاي باشىڭ ئامان؛
قىز كېتەر يەتسە بويىغا خوشنىغا ياتلىق بولۇپ،
كېتىدىكەن ئەر بالا يانتاق تۈۋىن ئەيلەپ ماكان.
ئاشۇ كۆكنۈر بويىغا ئەگەر نەزەر سالغاندا سىز،
شۇندا چېلىقاتتى ئەسىرلەپ ياتقىنى كۆپ ئۇستىخان.
شىر – شىر ئەيلەپ ياغسا يامغۇر ئاندا ھاۋا بوزۇلۇپ،
بىگۇنا ئۆلگەنلىنى يىغلايدۇ دەڭ تارتىپ پىغان!
يەتتە ناخشا
— بۇ شېئىرلار چەنيۈەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇڭگۇ ناھىيەسىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا يېزىلغان.
1
بىر مۇساپىرمەنكى، قويدۇم دەپ «زىمى» ئەدەبىي لەقەم،
پاخپىيىپ ئاق چاچلىرىم قۇلاققىچە چۈشتى شۇدەم.
يىگىنىم مايمۇن كەبى ھەر كۈندە توشقان بۆرىكى[1]،
تاغقا قىش كەلسە، زاۋال چۈششسە چۈشەر باشىمغا غەم.
نەخەۋەر يوق ئەھلى يۇرتتىن نەكى يۇرتقا يولمۇ يوق،
پۇت – قولۇم قالدى قېتىپ سوغدا گويا ئۈزۈلدى دەم.
ئاھ دەرىخا، تۇنجى ناخشام تولدى چەكسىز مۇڭ بىلەن،
سوقتى شىۋىرغانمۇ دەرتلىك مەن ئۈچۈن تارتىپ ئەلەم.
2
ئوتىغۇچ، ھەي ئوتىغۇچ سېپىڭ سېنىڭدۇر ئاق تېرەك،
بار تاۋاباتىم ئۈچۈن بىر سەن ئىدىڭ يارۇ – يۆلەك.
تېخى بىخ ئۇرمايلا دانمۇ كەتتى تاغنى قار بېسىپ،
ئاشمىدى تىزدىن چاپان، ياپالمىدى ئەتنى ئېتەك.
سەن بىلەن قايتقاندا بوش قول مەن ئېتىزدىن ئۆي تامان،
ئاھۇ – زاردىن ئۆزگە ھېچ يوقتى ھاياتلىقتىن دېرەك.
ئاھ دەرىخ، ئىككىنچى ناخشام ياڭرىغاندا ئەمدىلا،
مەن ئۈچۈن قوشنام پىغان چەكتى، ئېزىلدى بۇ يۈرەك.
3
ئەي ئۇكام، جانىم ئۇكام مەندىن نېرى كەتتىڭ يىراق،
ئۈچىمىز تەڭلا قۇتۇپ قاخشال بولۇپ قالدۇق بىراق.
تىرىك ئايرىلدۇق پەلەك ھەر يانغا بىزنى تاشلىدى،
يول كېسىلدى جەڭ تۈپەيلى، ئۆرتىدى دىلنى پىراق.
تۇرنىلار ئۇچسا شەرققە چۈشسە شۇم قۇش كەينىگە،
ئۇشبۇ ھالەتتە يېنىڭغا مەن ئاسان بارايمۇ ساق؟
ئاھ دەرىخ، ئۈچىنچى ناخشام ئۈچ قېتىملا تارتتى ئۇھ،
سەن كېلىپ نەدىن تاپارسەن ئۇستىخانىمنى بىراق؟
4
بار مېنىڭ سىڭلىممۇ جۇڭلى شەھرىنى ماكانلىغان،
ئۆتتى كۈيۈسى جاھاندىن بالىلىرى قالدى نادان.
ئارىدا خۇەيخې تۇرادۇر تولغۇنۇپ ئەجدەر كەبى،
ئۆتتى ئون يىل، بىلمىدىم، دىدارلىشارمىزكىن قاچان؟
كەلسىمۇ بارغۇم قېيىقتا ئوق كۆزىدىن قورقىمەن،
چۈنكى، جەنۇبنى تامام جەڭ بايرىقى زىچ قاپلىغان.
ئاھ دەرىخ، تۆتىنچى ئاخشام ياڭرىغاندا ھەر تەرەپ،
تاڭدا – ئورمانلىقتا مايمۇن مەن ئۈچۈن چەكتى پىغان.
5
تۆتلا تاغنىڭ شامىلى كۆپ، سۈيى ئاقار ئالدىراپ،
توختىماس كۈز يامغۇرى قاقشال دەرەخنى قامچىلاپ.
كونا، قورايلىق شەھەرنى چۆرگىلەپ كەتمەس بۇلۇت،
چاپسا سېرىق تۈلكە ئۆرە، ئېقى يۈرەر قاتىراپ.
بۇ، يۈچۈن سايدا ياشاپ مەن نەئۈچۈن قالغاندىمەن،
تۈندە تۇرۇپ كېتىمەن خىيال سۈرۈپ، ئۇيقۇسىراپ.
ئاھ دەرىخ، بەشىنچى ناخشام ئېيتسام–ئېيتسام تۈگىمەس،
بەلكى ئۆلگەندە كېتەرىم بار چېغى يۇرتقا قاراپ.
6
تا تۆۋەن تاغ باغرىدا – كۆلچەكتە ئەجدەر تۇرغىدەك،
ئېلىبان قوينىغا كۆلنى بۈك – باراقسان تال – تېرەك.
كى خازان پەسلىدە ئەجدەر ئۇيقۇغا كەتكەن كۈنى،
كەلدى مەشرىقتىن ئۈزۈپ بىر ئوق يىلان بوپ پايپېتەك.
مەن ئۇنى چاپماق ئىدىمۇ، بەس دېدىم ئۆزۈمگە ھەم،
سۇغۇرۇپ ئېلىپ قىلىچنى غەزىپىم كەلگەچكە بەك.
ئاھ دەرىخ، ئالتىنچى ناخشام قالدى خىيال ئىلكىدە،
ماڭا كۆلچەك بەرسە دەيمەن نەۋ باھاردىن ئىز – دېرەك!
7
ئاھ ئىسىت، يىگىتلىكىمگە، بىھۇدە قالدىم قېرىپ،
كەزدىم ئۈچ يىل تاغ – جەزىرە قوينىنى ھېرىپ – ئېچىپ.
بەگلىرى ئاستانە – چاڭئەننىڭ كۆپى بولغاچ گۆدەك،
بەلكى بەركەت ئالدى ھەركەت بولىشىن كەتمەس بىلىپ.
ئۇچرىشىپ قالدىم بۇ تاغدا بىر قەدىناس دانىشقا،
ئاھۇ – ھەسرەتتە ئۇزاتتۇق تۈننى تالاي سىردىشىپ.
ئاھ دەرىخ، يەتتىنچى ناخشام تۈگىدى جىمجىتقىنە،
قارىسام بۇزۇپ چىراي كۈن بارىدۇ تېز – تېز پېتىپ.
يۈرەك سۆزى
شەھرى تۇڭگۈەن كەتتىكى قولدىن تامام،
كەلمىدى ئۆيدىن ئۇچۇر تالاي زامان.
ياز كېلىپ باسقاندا يارنى ئوت – گىياھ،
يول ئېلىپ قاچتىم بەدەر مەغرىپ تامان.
پۇتتا كەندىر كەش، ئۇچام جۇل – جۇل ئىدى،
قىلدى قوبۇل مېنى شۇ تۇرقۇمدا خان.
ئوردا ھەم، دوستلار ئېچىندى ماڭا كۆپ،
كەپتۇ دەپ گۆر ئاغزىدىن ئېسەن – ئامان.
ئىلتىپات قىلغاندا ماڭا مەرتىۋە،
ئاقتى كۆز ياشىم تاراملاپ شۇ ھامان.
كەلدى بارغۇم زەپمۇ يۇرتۇمغا مېنىڭ،
يوق بىراق تىل شۇ ئويۇمنى دەيدىغان؛
نامە ئەۋەتىپ سورايمۇ دەپ ئويلىدىم،
بارمىدۇ ئۆي، يوقمىدۇ ماڭا گۇمان.
ئاڭلىسام يۇرتۇمدا يېغى بوپتۇدەك،
تا توخۇدىن ئىتقىچە قىرىلىپتۇ جان.
ئاندا ئۆيۋاقىم تامام بولسا خاراب،
چىقىدۇ دەمسەن كىشى قارايدىغان؟
ئېگىسىز ياتقاندۇ جەسەتلەر سېسىپ،
بەلكى قارىغاي تۈۋىنى ئەيلەپ ماكان.
ئۆي ئىچىمنىڭ قانچىسى باردۇر ھايات،
تەلتۆكۈس كەتكەندىمۇ بولۇپ خازان؟
ھاڭ – چوققا كۆرۈندى يولۋاستەك گويا،
باققىنىمدا ئەنسىرەپ يۇرتۇم سايان.
نامە ئالغانچە تېخى ئۆتكەن يىلى،
ئۆتتى ئون ئاي مانا شۇ كۈندىن بۇيان؛
كۈتىمەن ئۆيدىن خەۋەرۇ، قورقىمەن،
نە ئۈچۈندۇر بۇ يۈرەك سىماپسىمان.
گۈللىنىشكە بۇ دىيار يۈزلەنسىمۇ،
تاشلىماي كەلدىم ئىچىپ مەينى ھامان؛
چۈنكى، خوۋلۇق – خورلۇغۇمنى ئويلىسام،
باسىدۇ يالغۇز بېشىمنى دەرت – پىغان.
توققۇزىنچى كۈنى شەھرى شىنجۇ سېپىلىگە چىققاندا
كەلسە «جۈپ توققۇز»[2] ئىچەتتىم مەي – شاراب،
ئەمدى ئاقاردى چېچىم بوۋايغا باب.
ھەر يىلى شۇ چاغدا، يۇرتقا باققىلى __
چىقىمەن ھاسارغا تەستە ھالسىراپ.
مەس كۆزۈمگە كۆرۈنەر ئالەم خۇنۈك،
ئېيتىمەن كۈي جان – جىگەرىم يادىلاپ.[3]
جەڭ – جىدەلنى ئويلىسام قورغاندىكى،
بولىدۇ تىلىم گاچا، باغرىم كاۋاپ.
قارلىغاچ قوندى قېيىققا
چەتتە مۇساپىرغا زەپ تېز بىلىنەر ئۆتكەن بۇ كۈن،
كەلدى قارلىغاچ ئىككى رەت چاڭگا تۈزۈپ يەنە بۈگۈن.
ئۇ بىلەن يۇرتتا قەدىناس بولۇشۇپ قالغان ئىدۇق،
كەپتۇ باھار پەسلىدە ئىزلەپ مېنى كۆرمەك ئۈچۈن.
چاڭگىسىنىڭ ئورنى ئىلماس بۇ غېرىپ بىچارىنىڭ،
ئوخشىمامدۇ يۈرگىنىم سەرسان بولۇپ ئاڭا پۈتۈن؟
دەم ۋىچىرلاپ ئۇچتى مۇندىن، كەتتى بېغىرلاپ سۇنى،
شۇندا ھۆل بولدى ئىتەگىم، بۇ دىلىم بولغاچ زەبۇن!
لى بەي چۈشۈمدە
(ئىككى شېئىر)
1
ئۆلۈپ ئايرىلساڭ تۈگەيدۇ ھەممە گەپ،
تىرىك ئايرىلماق غېمى كەتمەس تۈگەپ؛
ئاڭلىسام جاڭنەندە كېزىك كۆپ ئېمىش،
كەلمىدى خەۋەر ئۇياقتىن بىزگە دەپ.
كىردى چۈشۈمگە ئېنىق دوستۇم مېنىڭ،
چىن دىلىمدىن سېغىنىپ كەتكەچ ئەجەب.
تۇرسا سىرتماقۇ – چۈشەكتە پۇت – قولى،
كەلمىكى ئاسانمۇ ئۇ قانات تۈزەپ؟
يول يىراقى يىدى كۆزنىڭ خۇنىنى،
ئۆزىنى كۆرمەي يۈرەرمەنمۇ چۈشەپ؟
قاپتۇ ئىرەن تال چۈشۈمدە ياشىرىپ،
تۇرىمەن ئوڭۇمدا قورغاندا تۈنەپ.
ئاي نۇرىغا تولدى لىق ئۆينىڭ ئىچى،
قارىسام ئوخشايدۇ چىرايىڭغا زەپ.
دولقۇنى كۆپ بولىدۇ تېرەن سۇنىڭ،
ھەزەر ئەيلە، قويمىغاي ئەجدەرى يەپ!
2
ئۈزىدۇ ئاسماندا كۈندە ئاق بۇلۇت،
يۈرىدۇ دوستۇم تېخى سەرسان بولۇپ.
ئۈچ كېچە چىقتىم سېنى ئۇدا چۈشەپ،
سەن بىلەن قالغان چېغىم بىر جان بولۇپ.
دېگۈدەكسەن: كېلىشىمنىڭ چېكى بار،
ھەممە ئىش چۈشمەيدىكەن ئاسان بولۇپ؛
كۆپ بولۇركەن بەھرىنىڭ دولقۇنلىرى،
كىم كېتەر ئوڭاي -ئاسان گۇمران بولۇپ.
خەپ دېدىڭ، تۇتتۇڭ ساقالنى قامىلاپ،
كەتكىنىگە ئۈمىدىڭ ۋەيران بولۇپ.
تولدى بەگۇ تۆرىلەر ئاستانىغا.
سەنلا قالدىڭ سارغىيىپ زەپىران بولۇپ؛
تەڭرى قويمايدۇ ياماننى دەپتىكەن،
ئەكسىچە كەتتىڭ قېرىپ نىمجان بولۇپ.
مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ بىراق نامىڭ سېنىڭ،
گەرچە كەتسەك باقىغا راۋان بولۇپ!
شاراپ ناخشىسى
تۆرىلەر تۆرنى ئىگەللەپ ئالدى يۇرتقا بەگ بولۇپ،
بىرلا جېن چيەن[4] چەتتە قالدى قايرىلىپ دەرتكە تولۇپ.
مەي، تائامدىن كېكىرىپ ئويناشسا بەگلەر ئوردىدا،
ئۆتتى ئۇ زاتنىڭ كۈنى گاھ ئاچ قېلىپ گاھى تويۇپ.
كى ئىلىم بابىدا بۇ زات چۈشسە شىخۇاڭنى[5] بېسىپ،
ئۆتىدۇ چۈيۇەن[6] بىلەن سۇڭيۇيمۇ[7] ھەم پەمدە ئۇزۇپ.
ئەردەم – ئەخلاق كۆمۈلۈپ ئەخلەتتە ياتسا بىر ئۆمۈر،
نە كېرەك نامىڭنى مەڭگۈ قويغىنىڭ تاشقا ئويۇپ!
مەن غېرىپنى تىلغا ئالساڭ مەسخىرە ئەتكەي كىشى،
كىيگىنىم پۇقراچە تون، بەردىم ساقالىمنى قويۇپ.
ئالغىنىم كۈندە مېنىڭ خان سېڭىدىن بەش شىڭ گۈرۈچ،
كېلىمەن جېن لاۋنى يوقلاپ، مۇڭدىشىپ دەم ئولتۇرۇپ.
تېپىۋالساق ئىككى پۇل تەڭ ئىزدىشىپ،
ئىچىمىز مەي بەخۇدۇك جام تولدۇرۇپ؛
مەيگە كۆتۈرۈشلۈك ئۇ زات مەندىنمۇ بەك،
ئۆزئارا ھۆرمەت قالاتتى ئۇنتۇلۇپ.
تۈن سۈكۈتتە، ئولتۇراتتۇق شام تۈۋىدە مەي ئىچىپ،
ياغدى باھار يامغۇرى گۈللەرنى لەپ – لەپ توزۇتۇپ.
توۋلىشىپ خۇي ناخشا ئېيتتۇق جىنغا تەسىر قىلغۇدەك،
ئويلىمايتتۇق ساق قېلىشنى بىز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ.
ئۆزىنى ئاتقان ئەمەسمۇ ئۆگزىدىن ئۇلما زىييۇن[8]،
ئۆتتى شاڭرۇنىڭ[9] كۈنى مەيخانىدا قاچا يۇيۇپ.
«مەن كېتەي» دەپ سەنمۇ جىن لاۋ ياز شېئىر بولما ھايال،
ئېتىز – ئېرىق، باغۋارانىڭ قالمىغاي چاڭقاپ قۇرۇپ.
موللىلىقنىڭ ھېكمىتىدىن نىمە نەپ ئالدۇق تۈزۈك،
كوڭزىمۇ، بۇلاڭچىمۇ ياتمامدۇ يەردە خاك بولۇپ؟
بولمىسۇن كۆڭلۈڭ پەرىشان بۇ كەيىپ ناخشامغىمۇ،
بىز تېخى ئۈلپەتلىشەرمىز كەتمىسەكلا تەڭ ئۆلۈپ!
سەنەم
باشتا كەلدىم بىرلا سەنەمجان بولۇپ،
ئەمدى غار قالدى ماڭا ماكان بولۇپ؛
كەپتىكەنمەن ياخشىلارنىڭ پۇشتى دەپ،
قېلىشىمنى نە بىلەي خازان بولۇپ.
كەتتى مەندىن ئايرىلىپ قېرىندىشىم،
شەھرى تۇڭگۇەن جېڭىدە قۇربان بولۇپ؛
جەسىدى قالدى تالادا ئېگىسىز،
نېمە تاپتى يۈرۈبان ئەركان بولۇپ.
بىۋاپا ئالەم ئىكەن بۇ رەھىمسىز،
ئۆتىدىكەن بارچە ئىش مېھمان بولۇپ.
تاشلىدى ئۈجمە كۆڭۈل ئېرىم مېنى،
ئۆزگىچە سەنەم بىلەن بىر جان بولۇپ.
بىلىدۇ گۈلمۇ پەسىلنىڭ قەدرىنى،
قۇش چېغىدا يۈرىشەر ھەميان بولۇپ.
يېڭى يارلار يۈرىدۇ ئويناپ – كۈلۈپ،
كونا يارنى يىغلىتىپ پىنھان بولۇپ.
چىققىچە تاغدىن بۇلاق ئاقار سۈزۈك،
كېتىدىكەن سۇڭرە ئۇ تۇمان بولۇپ.
خەجلىدىم زۇلپى زۇنارىمنى سېتىپ،
توزىغاچ كۆلبەم مېنىڭ ۋەيران بولۇپ.
گۈل ئۈزۈپ ساچىمغىمۇ ساچماپتىمەن،
ئارچا ئۈزسەم يانغۇسى گۈلخان بولۇپ.
چۈشتى قىش، ئۈستۈم يالاڭ، تۇردۇم قاراپ—
كەتكىچە كۈن يولىغا راۋان بولۇپ.
چېگرا ناخشىسىغا مۇقەددىمە
(ئالتە شېئىر)
1
چىققىلى يۇرتتىن ماڭا بولدى ئوزاق،
ئۆزگىگە بولماي بوزەك كەلدىم بىراق.
تۇرسىمۇ ھەردەم مېنى ئۆلۈم كۈتۈپ،
ئەمما دىلدىن ئۆچمىدى دەردۇ پىراق.
نە يۈگەن، نە نوختا سالماي ئاتقا مەن،
جەڭگە كىردىم چاپتۇرۇپ تېز ياۋىداق.
گاھى ئۆتتۈم تىك— ئېگىز ھاڭدىن ئۇچۇپ،
تۇغ يۇلۇشنى ئېڭىشىپ ئەيلەپ سىناق.
2
ئولتۇراتتىم تىغ بىلەپ ئويغا پېتىپ،
تېلىقىپ ئىڭرايدۇ سۇ نالە قىلىپ.
قارىسام سۇغا كېتىپتۇ قان تېمىپ،
شۇندا سەزدىم ئاپتىمەن قولنى كېسىپ.
ئەل ئۈچۈن ئاچتىم كۆزۈم، بەس، ئەر بولۇپ،
دىلنى ئۆرتەپ نە قىلاي ھەسرەت چېكىپ؟
قالغۇسى بابۇر راۋاقتا شۆھرىتىم،
مەيلى كەتسۇن سۆڭىكىم جەڭدە چىرىپ.
3
ماڭدى سەرۋەر جەڭ ئارا يالاپ مېنى،
نەكى يالاپ، يول بويى خارلاپ مېنى؛
خاھ ئۆلەي، خاھ تىرىلەي ماڭدىم مانا،
كايىما بىگىم تولا چارلاپ مېنى.
يولدا يۇلۇقسا تونۇش نامە پۈتۈپ—
يوللىدىم، سېغىنىپ جەمئى تۇغقانلىرىمنى.
ئاھ، دەرىخ، ئۆيدىن تامام بولدۇم جۇدا،
كاشكى، تەڭ دەرد تارتقۇدەك قوۋمىم قىنى؟
4
كەلگىنىمدە مەن ئۇزاق يولنى بېسىپ،
مۇنتىزىم لەشكەر ئارا قويدى قېتىپ.
شۇ قوشۇننىڭ ھالىنى، ئاچ – توقىنى
تۇرىدۇ سەركەردىلەر دەمسەن بىلىپ.
ئۇ تەرەپتە بىر سۈزۈك غۇز لەشكىرى،
ئۆتۈشەر ھەر يانغا تېز – تېز ئات چېپىپ.
مەنكى قۇل بىچارىنىڭ نام – ئاتىقى
قالىدۇ دەمسەن پۈتۈككە يېزىلىپ؟!
5
ماڭدى لەشكەرلەر ئېتىنى قامچىلاپ،
قار – شىۋىرغان ئىچىدە تاغ باغرىلاپ.
قالدى بارماقلار چۈشۈپ يولدا ئۈششۈپ،
ئۆرلىگەندە مۇز قۇچۇپ، يەر تاتىلاپ.
كەتتى ئاي بۇندىن يىراق، يىراق ئۈزۈپ،
بىز سېپىلنى بولىمىز قاچان ياساپ؟
بارىدۇ جەنۇب تامان كەچكى بۇلۇت،
باققىنىمچە كەينىدىن قالدىم قاراپ.
6
تەڭرىقۇت لەشكەرلىرى قىلدى ھۇجۇم،
باستى ئالەمنى گويا بوران ۋە قۇم.
كى قىلىچۋازلار ئېلىشتى نەچچە رەت،
يېڭىلىپ ياۋ قاچتى سۈڭرە بولدى گۇم.
قولغا ياۋ سەردارى چۈشتى، بولدى ئەل،
بولدى تارتۇق بېشى ھەم پوستى تۇلۇم.
نەقىلاي سۆزلەپ تېرىقچە غەلبىنى،
سەپكە جىم ياندىم، تامادا بولمۇدۇم.
7
تاكى لەشكەرلىكتە ئۆتتى ئون يىلىم،
يوق دېيىش مۇمكىنمۇ قىلچە خىزمىتىم؟
تۆگە دەيدۇ باشقىلار تېرىقنىمۇ،
ماختىنىشقا مەنمۇ تەڭ كۆيدى تىلىم.
ئوتتۇرا ئەلدە بېسىقماس جەڭ – يېغا،
دى ۋە رۇڭ يۈرمەمدۇ ھېچ بەرمەي تىنىم؟
تاشلا ئالەمگە نەزەر بولساڭ يىگىت،
بولما مەردلىك ئالدىدا روھىي يېتىم!
چېگرا ناخشىسىغا خاتىمە
(ئىككى شېئىر)
1
يەتسە يىگىت تۇغۇلۇپ قۇرامىغا،
قوزغۇلۇپ ئۇ سەپكە سەردار بولغۇلۇق.
تۆھپە قوشماي بىر ئۆلۈش جەڭلەر ئارا،
كى كېرەكمۇ قەبرە ساقلاپ ياتقۇلۇق؟
ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغانمىش قوشۇن،
جەڭ ئۈچۈن جىمېڭغا تېزدىن يانغۇلۇق.
ئات–ئىگەر، شەمشەر-غىلاب ئالدىم سېتىپ،
مىڭلىغان ئالتۇن-كۆمۈش سەجلەپ تۇلۇق.
ئوزىتىپ كەلدى خۇلۇم-خوشنام مېنى،
يار-بۇرادەر، قوۋم-قېرىنداش بار ئۇرۇق.
ئولتۇرار يۇرت چوڭلىرى تۆرگە كېلىپ،
ماڭا دەپ راسلاپ شاراپ، ئاش ۋە ئوزۇق.
تەڭ دېمەتلەر ئايرىلىش چاغدا مېنى،
قىلدى خۇش، تۇتتى قېلىچنى سوغۇلۇق.
2
كۈن چىقىش قۇۋۇقتىن كىرىپ بىر تاڭ سەھەر،
كەچتە خېياڭ كۆۋرۈكىن تۇتتۇق ماكان.
كەچكى كۈن نۇرىدا تۇغ جەۋلان قىلار،
كىشنىشەر، ئاتلا، شامال ھۇۋلار ھامان.
چۈشتى تۈزلەڭلىككە چىپ مىڭلاپ چېدىر،
ياتتى لەشكەرلەرمۇ جىم سۈرمەي زۇۋان.
ئاي يۈرەر كۆكتە ئۆزى يالغۇز ئۈزۈپ،
ئېيتقۇسىز سۈر ئىچىدە قالدى جاھان.
چېلىنار مۇڭ ياغدۇرۇپ كانايمۇ گاھ،
ھەم بېغىشلاپ مەرتلىگە دەردۇ پىغان.
كىمدۇ لەشكەرلەر بېشى دەپ سورىساڭ،
بەلكى خۇپياۋ ياۋ بولۇر ئۇ بىگۇمان.
شىئەن بېگى
مەن باراتتىم شەھرى شىئەننى كېزىپ،
بەگ يۈرەككى غوۋغا سېلىپ، چېرىك يىغىپ.
بۇ نەھال، دەپ سورىسام بەگدىن، دېدى:
— تۇتقىدەك بۇ شەھەردە چېرىك قالمىدى.
يۇقىرىدىن كەپتۇ يارلىق كچىلەپ،
دەپتۇ چىقسۇن خىل گۈدەكتىن سەپ تۈزەپ.
تېڭىرقاپ قالدىم بۇ سۆزنى ئاڭلىبان،
بۇ بىلەن قالغايمۇ خانبالىق ئامان؟
ئانىسىزلار تۇرىدۇ يېتىمسىراپ،
ئانىلىقلار مەڭزى تۇلۇق، يالتىراپ.
كەتتى دەريا شەرقىگە گۇگۇم چاغ ئارا،
كۆتۈرۈلدى يىغا-زارە تاغ ئارا.
بەس، دېدىم، مەن ياش تۆكۈش بىھۇدىلىك،
بۇ بىلەن سەن نېمە خورلۇق كۈرگۈلۈك؟
سۇغۇلۇپ پۈتكەن بىلەنمۇ كۆز يېشىڭ،
بۇ چاھاندا كىم كېلىپ سىيلار بېشىڭ؟
ئەسلى قوشۇن ئىلكىدە ئىدى شەھەر،
ئارزۇ-ئۈمىد ساقلىماق شامۇ سەھەر.
ياۋنى خام چاغلاشنى كىممۇ ئويلغان،
تارمار بولدى قوشۇن، تارتتۇق زىيان!
كەتتى يۇرتقا بەزىسى ئىزدەپ ئوزۇق،
بەزىسى قىلماققا لەشكەرنى تولۇق.
ياش گۆدەكلەر جەڭدە مىسران قول بولۇپ،
بارىدۇ خەندەك ئويۇشقا تېيىز ئويۇپ.
نامى بار، خان لەشكىرىنىڭ ئورنى بار،
باقىدۇ چېركنى ئەيلەپ ئېتىۋار.
يىغلىما ئوزاتقۇچى، بەس، سەۋى قىل،
قۇر بېشىنى سەن بالاڭغا ئاتا بىل.
كۈز ئىلھامى
— «كۈز ئىلھامى» جەمئىي سەككىز شېئىر بولۇپ، سېكىل شەكلىدە يېزىلغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ تۆت پارچىسى تەرجىمە قىلىندى.— تەرجىمان.
1
چۈشتى شەبنەم ئۈنچە يەڭلىغ بولدى ئىرەنزار خازان،
قالدى ۋۇشەن چۆللىشىپ ۋۇشا[11] بۇغازى گۆرسىمان.
بارىدۇ دەريادا دولقۇن خۇددى ئاسماننى ئۇيۇپ،
بىپايان چىگرا تەرەپتە يەرنى پۈركەپ چاڭ-تۇمان.
ئىككى رەت ئېچىلدى گۈللەر مېنى ئىككى يىغلىتىپ،
بارىمەن قېيىقتا يۇرتنى سېغىنىپ، دىلدا پىغان.
شەھرى بەيدىدا[12] كىرچىلار بەك ئالدىراش،
ھەممە چەپدەس پىچىشار لەشكەرگە دەپ قىشلىق چاپان.
2
ياتىدۇ تاڭ نۇرىدا ئۇخلاپ تېنچ تاغلىق شەھەر،
باقىمەن راۋاقتا زۇمرەت تاغقا ھەركۈنن تاڭ سەھەر.
كېلىدۇ بېلىقچىلار دولقۇن ئارا تاڭدا يېنىپ،
يۈرۈشەر قارلىغاچ ئۇچۇپ قىلماي تېخى يۇرتقا سەپەر.
قاپتىكەنمىش داغدا كۇاڭخېڭ[13] قىلىپ پەرماننى ئۇ،
دەرت چېكىپ ئارماندا ليۇشاڭ[14] ئىستىكى قۇچماي زەپەر.
تولىسى ساۋاقدېشىمنىڭ كەتتى دۆلەتمەن بولۇپ،
سەمىرىپ ۋۇلىڭغا[15] پاتماي كېرىلىپ ئاتتا يۈرەر.
3
ئاڭلىسام،چاڭئەندە تەخت ماجراسى چىققان ئەۋجىگە،
سالدى يۈز يىل قايغۇ-ھەسرەت بۇ جېدەل ئەل قەلبىگە.
ئالمىشىپ بەگلەر كىرىشتى ئوردىغا تالاي نۆۋەت،
تۇتقۇزۇپ قويغاچ قەلەمنى ھەم ئەلەمنى ئۆزگىگە.
كەپتىمىش شىمالى قۇرغاندىن ساداسى ناغرىنىڭ،
قىل يۈرۈش مەغرىبكە دەپ جارچى يۈرەرمىش ھەممىگە.
بۇندا كۈز كەلگەچ بېلىقلار كەتتى دەريادا جىمىپ،
مەن يۈرەرمەن ياد ئەيلەپ يۈرتنى ھىجران دەردىدە.
4
ئويلىسام، كۇڭمىڭ كۆلىنىڭ تۆھپىسى ۋۇدىغا[16] تەن،
كۆرۈنەر لەپىلدىگەندەك ئاشۇ كۆلدە تۇغ-ئەلەم.[17]
ئوت بېسىپ ياتقاندۇ نيۇلاڭ ۋە جژنۇي ھەيكىلى،[18]
تاش لەھەڭمۇ[19] كۈزدە ئايدىڭدا چېكىپ دەردۇ ئەلەم.
قاپقارا بۇلۇت كەبى لەش قوينىدا ياتقاندۇ لەش،
توزىتىپ گۈل بەرگىنى گۈلباغقا چۈشۈپ شەبنەم.
شۇ ئېگىز قۇرغان يولىدىن بىرلا ئۇچار قۇش ئۆتەر،
قرىسام بېلىقچى يۈرەر كۆلدە ھەم، دەريادا ھەم.
خان لەشكەرلىرىنىڭ خېنەن ۋە خېبېينى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ
خەۋەر كەلگەندە قورغاندىن خېبېينى قولغا ئالدۇق دەپ،
ئېتەككە تولدى كۆز ياشىم ئۇچۇر ئالغاندا مەن دەسلەپ.
يۈگۈرتسەم كۆز نىگارىمغا ئۆچۈپتۇ غەم چىرايىدىن،
يىغىشتۇردۇم بىساتىمنى سەپەرگە ئالدىراپ تىنەپ.
شۇبۇ خۇش كۈندە مەي ئىچمەي، غەزەل ئېيتماي تۇرالامدىم،
ئانا يۇرتقا سەپەر قىلدىم باھارنى ھەمرىيىم ئەيلەپ.
چىقىپ باشا بۇغازىدىن ۋۇشا بۇغازىدىن ئۆتتۈم،[20]
كېزىپ شاڭياڭنى يول ئالدىم لوياڭ قەلئەسىنى كۆزلەپ.
—————————
ئىزاھلار:
[1]توشقان بۆرىكى— ئىچكىرىنىڭ تاغلىق ئۆلكىلىرىدە بولىدىغان بىر خىل ياۋا مېۋە.
[2] «جۈپ توققۇز»— بىرخىل ئەنئەنىۋىي بايرام. بۇ كونا 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ھەممەيلەن ئېگىزگە چىقىپ، مەي ئىچىپ تاماشا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ كۈننى «چۇڭياڭ بايرىمى» دەپمۇ ئاتايدۇ.
[3] جان – جىگەرىم— ئاپتۇر بۇ يەردە ئۇكىسى بىلەن سىڭلىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
[4] چىن چيەن— دۇفۇنىڭ ياخشى دوستى، ئۇ ئۆز زاماناسىدا شېئىر، ھۆسىن خەت ۋە رەسسەملىقتا قالتىس داڭق چىقارغان شەخس بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمرانلارنىڭ قىلچە نەزىرى چۈشمىگەن.
[5] شىخۇاڭ— قەدىمكى پادىشاھلاردىن بىرى. يۇرت سوراشتا داڭ چىقارغان.
[6] چۇييۈەن— جەنگو دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر شائىر.
[7] سۇڭيۈي— چۇييۈەننىڭ شاگىرتى، داڭلىق نەزمىچى.
[8] زىييۇن— شۇ دەۋرنىڭ كاتتا شائىرلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن قېچىپ، ئۆگزىدىن ئۆزىنى تاشلىغاندا ھايات قالغان.
[9] شاڭرۇ— غەربىي خەن دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، كەمبەغەلچىلىكتە مەيخانا ئېچىپ جان باققان.
[11] ۋۇشا— ۋۇشەن بۇغۇزى، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋۇشەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدە.
[12] بەيدى— ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ فۇڭجېي ناھىيەسىدە.
[13] كۇاڭخېڭ— خەن دەۋرىدە ئۆتكەن دانىشمەن.
[14] ليۇشاڭ— خەن دەۋرىدە ئۆتكەن دانىشمەن.
[15] ۋۇلىڭ— ئاپتۇر بۇ يەردە چاڭئەنى كۆزدە تۇتقان.
[16] ۋۇدى— تاڭ پادىشاھى خەن ۋۇدىنى كۆرسىتىدۇ.
[17] خەن ۋۇدى ئۆز ۋاقتىدا جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، كۇڭمىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدە خۇددى كۇڭمىڭ شەھىرىدىكى دىيەنچى كۆلىگە ئوخشىتىپ، چاڭئەن شەھىرىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى 20 چاقىرىم يىراقلىققا بىر كۆل قازدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا «كۇڭمىڭ كۆلى» دەپ نام بېرىدۇ. ئاندىن لەشكەرلىرىنى شۇ كۆلدە سۇ ئۇرۇشىغا ئۆگىتىدۇ. بۇ مىسرادا ئەنە شۇ ۋەقە كۆزدە تۇتۇلغان.
[18] نيۇلاڭ ۋە جژنۇي ھەيكىلى— ئېلىمىز رىۋايىتىدىكى ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ئىسمى. ئۇلار ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۇچرىشىپ تۇرارمىش. كۇڭمىڭ كۆلىگە ئۇلارنىڭ ھەيكىلىمۇ ئويۇلغان.
[19] تاش لەھەڭ— ئاسايىشلىق سىمۋولى سۈپىتىدە كۇڭمىڭ كۆلىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندە قۇيرۇقىنى قىمىرلىتىپ تۇرارمىش.
[20] ۋۇشا— ۋۇشەن بۇغۇزى، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋۇشەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدە.
(ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى)