دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكلەر

ئورنى Wikipedia

چۆللۈك دېگىنىمىز يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن ئاز (ئادەتتە يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىردىن تۆۋەن ياكى پارغا ئايلىنىش مىقدارى ھۆل–يېغىن مىقدارىدىن كۆپ) بولغان، يەر يۈزىدە جانلىقلار ناھايىتى ئاز ياشايدىغان رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكلەر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

ب د ت ھەر يىلى 17–ئىيۇننى «دۇنيا چۆللىشىش ۋە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. چۆللۈك دېگىنىمىز يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن ئاز (ئادەتتە يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىردىن تۆۋەن ياكى پارغا ئايلىنىش مىقدارى ھۆل–يېغىن مىقدارىدىن كۆپ) بولغان، يەر يۈزىدە جانلىقلار ناھايىتى ئاز ياشايدىغان رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
  • جەنۇبىي قۇتۇپ چۆللۈكى
  • سەھرايى كەبىر چۆللۈكى
  • شىمالىي قۇتۇپ چۆللۈكى
  • ئەرەب يېرىم ئارىلى
  • گوبى چۆللۈكى
  • كالاخارى قۇملۇقى
  • پاتاگونىيە چۆللۈكى
  • چوڭ ئويمانلىق چۆللۈكى
  • چوڭ ۋېكتورىيە قۇملۇقى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

جەنۇبىي قۇتۇپ چۆللۈكى[تەھرىرلەش]

19پارچەجەنۇبىي قۇتۇپ چۆللۈكى جەنۇبىي قۇتۇپ چۆللۈكىنىڭ يەر مەيدانى 13 مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، يىل بويى قار–مۇز بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ھۆل–يېغىن مىقدارى جەھەتتە ئەڭ قۇرغاق قۇرۇقلۇق. جەنۇبىي قۇتۇپتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 30–50 مىللىمېتىر، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ھۆل–يېغىن مىقدارى تېخىمۇ ئاز، ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر چۆللۈكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقى ئەڭ تىمتاس قۇرۇقلۇق بولۇپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات تۈرلىرى ئىنتايىن ئاز. شۇڭا ئانتاركتىكا قىتئەسىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك دېيىشكە بولىدۇ.

سەھرايى كەبىر چۆللۈكى[تەھرىرلەش]

15پارچەسەھرايى كەبىر چۆللۈكى    سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 9 مىليون 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ چۆللۈك. بۇ چۆللۈكتە قۇم بارخانلىرى، قۇملۇق ۋە قۇم ساھىللىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋا شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يەر شارىدىكى ياشاشقا ئەڭ ماس كەلمەيدىغان جاي دېيىشكە بولىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپ چۆللۈكى[تەھرىرلەش]

16پارچەشىمالىي قۇتۇپ چۆللۈكى    شىمالىي قۇتۇپ چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 2 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى شىمالىي مۇز ئوكياننى ئوراپ تۇرغان قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزلىرى تۆۋەنگە يېيىلالمايدۇ، شۇڭا دەل–دەرەخلەر ئۆسەلمەيدۇ، ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكى مۇخلار. شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 100–250 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ.

ئەرەب يېرىم ئارىلى[تەھرىرلەش]

ئەرەب يېرىم ئارىلى قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 2 مىليون 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئىگىلىگەن پارچە–پارچە قۇملۇقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەرەب يېرىم ئارىلى قۇملۇقى، دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان رۇبئەلخارى قۇملۇقى، غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان نامب قۇملۇقى ۋە شەرق تەرىپىدىكى دەخنە قۇملۇقى بىرلىشىپ مۇھاسىرە چەمبىرىكى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، كېچە–كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ.

گوبى چۆللۈكى[تەھرىرلەش]

26پارچەگوبى چۆللۈكى گوبى چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك ھېسابلىنىدۇ.

كالاخارى قۇملۇقى[تەھرىرلەش]

  كالاخارى قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 900 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ قۇملۇق ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىغا جايلاشقان، بوتسىۋانانى، نامىبىيەنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلارنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەردە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇم بارخانلىرى بار بولۇپ، يىللىق ھۆل– يېغىن مىقدارى ئادەتتە 76– 190 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ.

پاتاگونىيە چۆللۈكى[تەھرىرلەش]

24پارچەپاتاگونىيە چۆللۈكى پاتاگونىيە چۆللۈكى ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلار ۋە چىلىنىڭ ئاز بىر قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايونلار بىپايان يايلاق ۋە قۇملۇقلاردىن تۈزۈلگەن. ھاۋا كىلىماتى سوغۇق ھەم قۇرغاق، بۇ ئالاھىدىلىك جەنۇبقا سۈرۈلگەنسېرى تېخىمۇ روشەنلىشىپ كۆپ قىسىم رايونلىرى چۆللىشىپ كەتكەن.

چوڭ ئويمانلىق چۆللۈكى[تەھرىرلەش]

  چوڭ ئويمانلىق چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 520 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىم ئېگىزلىكىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىغا جايلاشقان، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، ئۆسۈملۈكلىرى ئاز، كۆللىرى تۇزلۇق، ئويمانلىقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى دۇنياغا مەشھۇر «ئۆلۈك جىلغا» دىن ئىبارەتتۇر.

چوڭ ۋېكتورىيە قۇملۇقى[تەھرىرلەش]

  چوڭ ۋېكتورىيە قۇملۇقى 420 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئىچكى قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن شىمالدىكى جېپسون قۇملۇقى، چوڭ قۇملۇق چۆلى ۋە تانامى قۇملۇقى ئۆزئارا تۇتۇشۇپ غايەت زور قۇملۇقنى شەكىللەندۈرگەن.