دۇنيادىكى چوڭ ئاگېنتلىقلار

ئورنى Wikipedia

دۇنيادا200 گە يېقىن ئاگېنتلىق بار، ئۇلاردىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، قوشما شتاتلار خەلقئارا ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىقلار ھەممىدىن مەشھۇر.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئاگېنتلىق، ئۇنىڭ ئەسلىيسى1848 - يىلى قۇرۇلغان «پورت خەۋەرلىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» دىن ئىبارەت، 1875 - يىلى نيۇيورك بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1892 - يىلى ھازىرقى نام بىلەن ئاتالغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى1400 دىن ئارتۇق گېزىت - ژۇرنال ۋە3600 رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پاي قوشۇشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا10 مىڭدىن ئارتۇق زاكاز قىلغۇچىسى بار، 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاخبارات ئورگىنىنى ماقالە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قوشما شتاتلار خەلقئارا ئاگېنتلىقى ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئاگېنتلىق. سكرىپىس - خۇۋارد مەتبۇئات سىستېمىسىنىڭ قوشما ئاگېنتلىقى بىلەن خېرىست مەتبۇئات سىستېمىسىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى باشقا ئاگېنتلىقلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن1958 - يىل5 - ئاينىڭ16 - كۈنى قوشۇلۇپ، ھازىرقى قوشما شتاتلار خەلقئارا ئاگېنتلىقىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ باش ئىدارىسى نيۇيوركتا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە140 نەچچە، چەت ئەللەردە80 شۆبىسى بار، دۇنيادىكى140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى7500 دىن ئارتۇق ئاخبارات ئورگىنىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقى ئەنگلىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاگېنتلىق بولۇپ، 1850 - يىلى گېرمانىيىدە قۇرۇلغان، كېيىنكى يىلى ئەنگلىيىگە كۆچكەن. ئۇ قۇرغۇچىسى رېيتېرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يېڭى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا، سودا ئەھۋالىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان كىچىك ئورگان ئىدى، گېزىتلەرنى ماقالە بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى1858 - يىلى باشلانغان، ئۇنىڭ نامى1916 - يىلى رېيتېر چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن، 1941 - يىلى ئەنگلىيە گېزىتچىلىك بىرلەشمە تەشكىلاتى − ترېست بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇنىڭ70 نەچچە دۆلەتتە120 دىن ئارتۇق شۆبىسى بار، ھەر سوتكىدا ھەر خىل شەكىللەردە700 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر تارقىتىدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى فرانسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاگېنتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىيسى خاۋاس ئاگېنتلىقى ئىدى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋالغان ھەم بىر قىسىم كىچىك ئاگېنتلىقلارنى قوشۇش ئارقىلىق1945 - يىلى11 - ئايدا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى رەسمىي قۇرۇلغان. ئۇنىڭ160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا شۆبىسى بار. كەسپىي مۇخبىرى ۋە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مۇخبىرى2500 دىن ئاشىدۇ، ھەر كۈنى تەخمىنەن600 مىڭ خەتلىك (خەنزۇچە خەت ھېسابىدا) خەۋەر - ماقالە تارقىتىدۇ، 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا3500 زاكازچىسى بار.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاگېنتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ باش ئىدارىسى ھامبۇرگدا. ئۇ چەكلىك پاي شىركىتى بولۇپ، 185 گېزىتخانا، ئۈچ رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىڭغا ئەزا. ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى60 نەچچە ئاگېنتلىق بىلەن توختام مۇناسىۋىتى بار، 80 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا مۇخبىر ۋە خىزمەتچىلىرى بار.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ت ئا س س ئاگېنتلىقىمۇ دۇنيادىكى چوڭ ئاگېنتلىقلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭ نامى ھازىر روسىيە ئاگېنتلىقىغا ئۆزگەرتىلدى. ئېلىمىزنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ دۇنياغا داڭلىق.