دۇنيادىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ ئاجىز ئون دۆلەت

ئورنى Wikipedia

دۇنيادىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ ئاجىز ئون دۆلەت

دەۋرىمىزدە دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈستىدىكى تەسىرى ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوراللىنىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلەشمەكتە. بۇ خىل بەسلىشىش ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز ھالدا داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، خەلقئارادىكى بەزى تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھەر يىلى دېگۈدەك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ھەربىي كۈچى، پەن-تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. كىشىلەرنىڭ دىققىتى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە مەركەزلەشكەن ۋاقىتتا، ئىختىيارسىز ھالدا «دۇنيادا ھەربىي كۈچى ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرچۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ھەربىي كۈچى ھەقىقەتەن ئاجىز دۆلەتلەر بار. بۇ دۆلەتلەرنىڭ تارىخى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بۇ دۆلەتلەرنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاجىز دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بولسا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىق ۋە كۆز ياشلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بىز تۆۋەندە 2017-يىلى 133 دۆلەتنى ئىقتىسادى، ھەربىي كۈچى، تەرەققىياتى قاتارلىق 50 جەھەتتىن تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن Globalfirepowerتورىدا ئېلان قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىن دۇنيادىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ ئاجىز ئون دۆلەتنى رەت تەرتىپى بويىچە دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.


1. بۇتان Bhutan (ئاسىيا قىتئەسى)

نوپۇسى: 750 مىڭ 125.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى 15 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى ئىككى مىليارد 261 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى ئالتە مىليارد 432 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 7500.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: جەمئىي ئون بىرونېۋىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: ئىككى تىك ئۇچار ۋە ئىككى يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: دېڭىز بىلەن چېگرالانمىغاچقا، دېڭىز ئارمىيەسى يوق.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: ئون مىليون دوللار.


2. سۇرىنام Suriname (جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى)

نوپۇسى: 585 مىڭ 824.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى 393 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى بىر مىليارد 439 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى سەككىز مىليارد 547 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 2270.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: 40 دانە ھەر خىل بىرونېۋىك ۋە قوراللىق ماشىنىلاردىن تەركىب تاپقان.

ھاۋا ئارمىيەسى: ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى بار. باشقا ھېچقانداق ئايروپىلانى يوق. ھەتتا يولۇچىلار ئايروپىلانىمۇ يوق.

دېڭىز ئارمىيەسى: ئۈچ ساقچى پاراخوتى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 67 مىليون 410 مىڭ دوللار.


3. سېررالېئون Sierra Leone (ئافرىقا قىتئەسى)

نوپۇسى: ئالتە مىليون 18 مىڭ 888.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى ئىككى مىليارد 332 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى بىر مىليارد 561 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى ئون مىليارد 640 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 10750.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: ئىككى ئۇرۇش تانكىسى ۋە ئون بىرونېۋىك بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: بەش تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئىككى يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: ئون ساقچى پاراخوتى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 13 مىليون 40 مىڭ دوللار.


4. ماۋرىتانىيە Mauritania (ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا)

نوپۇسى: ئۈچ مىليون 677 مىڭ 293.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى بىر مىليارد 186 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى ئۈچ تىرلىيون 585 مىليارد دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى 16 مىليارد 710 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 20870.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: 35 ئۇرۇش تانكىسى، 70 بىرونېۋىك، 194 زەمبىرىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: ئىككى ھۇجۇمچى ئايروپىلان، تۆت يۈك توشۇغۇچى، توققۇز مەشىق ئايروپىلانى ۋە تۆت تىك ئۇچار بولۇپ، جەمئىي 26 ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: جەمئىي بەش ساقچى پاراخوتى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 39 مىليون 140 مىڭ 500 دوللار.


5. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى Central African Republic

نوپۇسى: بەش مىليون 507 مىڭ 257.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى تۆت مىليارد 128 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى 686 مىليون 900 مىڭ دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى ئۈچ مىليارد 206 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 5825.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: تۆت ئۇرۇش تانكىسى، 51 بىرونېۋىك، 24 زەمبىرىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: تۆت يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلانى بىلەن ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: بۇ دۆلەت دېڭىز بىلەن چېگرالانمايدۇ.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 18 مىليون 500 مىڭ دوللار.


6. سومالى Somalia (ئافرىقا قىتئەسى)

نوپۇسى: ئون مىليون 817 مىڭ 354.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى 30 مىليون 450 مىڭ دوللار. تاشقى قەرزى ئۈچ مىليارد 054 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى تۆت مىليارد 431 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 15900.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: 140 ئۇرۇش تانكىسى، 430 بىرونېۋىك، 230 زەمبىرىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: جەمئىي 25 ئايروپىلانى بار (ئايروپىلانلارنىڭ تۈرلىرى يېزىلمىغان).

دېڭىز ئارمىيەسى: جەمئىي ئۈچ پاراخوتى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 58 مىليون 960 مىڭ دوللار.


7. نامبىيە Namibia (ئافرىقا قىتئەسى - جەنۇبى ئافرىقا)

نوپۇسى: ئىككى مىليون 436 مىڭ 469.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى بىر مىليارد 762 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى ئالتە مىليارد 515 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى 27 مىليارد 40 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 15500.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: ئون ئۇرۇش تانكىسى، 113 بىرونېۋىك، 30 زەمبىرەك ۋە تۆت باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: ئالتە ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئالتە ھۇجۇمچى ئايروپىلانى، ئون يۈك توشۇغۇچى، 14 مەشىق ئايروپىلانى، ئىككى ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە ئالتە تىك ئۇچار بولۇپ، جەمئىي 31 ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: ئىككى ھەربىي، ئالتە ساقچى پاراخوتى بولۇپ، جەمئىي سەككىز پاراخوتى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 120 مىليون دوللار.


8. پاناما Panama (يېرىمى شىمالىي ئامېرىكا، يېرىمى لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە)

نوپۇسى: ئۈچ مىليون 705 مىڭ 346 (باج ۋە قانۇنسىز پۇل يۇيىدىغانلارنىڭ جەننىتى).

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى ئۈچ مىليارد 878 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى 22 مىليارد 900 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى 93 مىليارد 120 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 34 مىڭ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: جەمئىي 65 تانكا ۋە بىرونېۋىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: 19 يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلانى، تۆت مەشىق ئايروپىلانى ۋە 15 تىك ئۇچار بولۇپ جەمئى 40 ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: 12 ھەربىي، سەككىز ساقچى پاراخوتى بولۇپ، جەمئىي 20 پاراخوتى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 145 مىليون دوللار.


9. سان سالۋادور El Salvador (شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى - ئوتتۇرا ئامېرىكا)

نوپۇسى: ئالتە مىليون 156 مىڭ 670.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى ئۈچ مىليارد 201 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى 14 مىليارد 900 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى 54 مىليارد 790 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 47 مىڭ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: تانكا ۋە ھەرخىل بىرونېۋىكلىرى بولۇپ 123ى ۋە 70 زەمبىرىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: 15 ئۇرۇش ئايروپىلانى، 26 يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلانى، ئۈچ مەشىق ئايروپىلانى، 30 تىك ئۇچار ئايروپىلانى بولۇپ، جەمئىي 74 ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: پەقەت ئۈچ ساقچى پاراخوتىلا بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 161 مىليون دوللار.


10. لائوس Laos (ئاسىيا قىتئەسى - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا)

نوپۇسى: 7 مىليون 19 مىڭ 73.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى بىر مىليارد 24 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى 11 مىليارد 980 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى 40 مىليارد 960 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 130 مىڭ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: 55 ئۇرۇش تانكىسى، 185 ھەر خىل بىرونېۋىك، 149 زەمبىرىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: 25 ئايروپىلان ۋە 22 تىك ئۇچار ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: دېڭىز بىلەن چېگرالانمىغان بولۇپ، دەريالاردا ھەرىكەت قىلىدىغان ھەر خىل پاراخوتىدىن 36 سى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 18 مىليون 500 مىڭ دوللار.


يۇقىرىقى ئون دۆلەتتىن كېيىن:


11. دومىنكا Dominica. (شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى - كارايىپ ئاراللىرى)

نوپۇسى: ئون مىليون 606 مىڭ 865 .

ئىقتىسادىي ئەھۋالى: يىللىق تاشقى سودا سوممىسى ئالتە مىليارد 924 مىليون دوللار. تاشقى قەرزى 26 مىليارد 050 مىليون دوللار. سېتىۋېلىش كۈچى 161 مىليارد 900 مىليون دوللار.

زاپاس ئەسكىرى بىلەن قوشۇلغاندىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانى: 65925.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: ئالتە ئۇرۇش تانكىسى، 20 برونېۋىك ۋە 20 زەمبىرىكى بار.

ھاۋا ئارمىيەسى: ھەر خىل ئايروپىلانلىرىدىن 56 سى ۋە 26 تىك ئۇچار ئايروپىلانى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى: ساقچى قىسمىنىڭ 24، ھەربىي قىسمىنىڭ توققۇزى بولۇپ، چوڭ-كىچىك 33 پاراخوتى بار.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق ھەربىي خىراجىتى: 110 مىليون 850 مىڭ دوللار.


https://www.cnnturk.com/dunya/liste-aciklandi-bunlar-da-dunyanin-en-gucsuz-10-ordusu?page=1


http://www.hurriyet.com.tr/galeri-2019un-askeri-guc-siralamasi-yayinlandi-137-ulkenin-yer-aldigi-listede-turkiye-bakin-kacinci-sirada-41139460/36