دەريا بويى يېزىسى

ئورنى Wikipedia
دەريا بويى يېزىسى

达里雅博依乡.Jay town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 1 دانە
نوپۇس 1.2 مىڭ
يەر مەيدانى 15،344.6 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

دەريا بويى يېزىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسى گە جايلاشقان. يېزا يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ، يەر ئاستى سۈيى مول، مىنېراللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، تەۋەسىدە 1205896 مو تەبىئىي ئوتلاق بار، تەبىئىي توغراق ئورمىنى 677 مىڭ مو، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى بار، يەنە ياۋا توڭگۇز، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. يېزا بويىچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئاساس قىلىنىدۇ، ھازىر بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

يېزا جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، يېزىنىڭ جەنۇبى تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرپىدىكى كېرىيە دەرياسىنى يۇقىرى بەلباغسىمان قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، كىچىك قۇم بارخانلىرى بار، تۆت ئەتراپى ھىلال ئايسىمان قۇم. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1230.5 مېتىر. يېزىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، قۇم-بوران كۆپ يۈز بېرىدۇ.