Jump to content

دەلىلقان سۇگۇربايوپ

ئورنى Wikipedia

دەلىلقان سۇگۇربايوپ


مىللىتى قازاق
توغۇلغان ۋاقتى 1906-يىلى
توغۇلغان جاي قۇبدا
ئۆلۈم ۋاقتى 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى

دەلىلقان سۇگۇربايوپ

دەلىلقان سۇگۇربايۇف 1906-يىلى قۇبدىدا قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. -1933-يىلى ما جۇڭيىڭ قىسمىدىكى ما خەييىڭ قوشۇنى ئالتايدا قىرغىنچىلىق قىلغاندا، ئۇ ما خەييىڭ باندىتلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان. 1937-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇلغاندا، دەلىلقان چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياپونغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئالتايدىكى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان.

1940-يىلى 9-ئايدا دەلىلقان ئالتاي ناھىيەسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولغان. -1941 يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئىلغارلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغاندا، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىپ، شۇ يەردە 1943-يىلىغىچە ئوقۇغان. 1944-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالتايغا كېلىپ، تارقىلىپ كەتكەن) ئەسلىدىكى (قوراللىق قىسمىنى يىغىپ، چارۋىچىلاردىن قوراللىق قوشۇن تۈزۈپ، شۇ يىلى 10-ئايدا» ئالتاي ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى «نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىزان ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى بولغان ھەم گومىنداڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئالتاينىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى دۈشمەن قولىدىن تارتىۋېلىپ ئازاد قىلغان. ئالتاينىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. -1945 يىلى ئالتاي ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئاتلىق تۈەنجاڭ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. -1947 يىلى ئالتاي ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئاتلىق تۈەنجاڭ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. -1947 يىلى مىللىي ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىپ، ئوسماننىڭ ئالتايغا قىلغان ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان. -1948 يىلى-8 ئايدا شىنجاڭدا تىنچلىقنى ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى مەركىزىي تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ، ئالتاينىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان. دەلىلقان سۇگۇربايۇف 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا كېتىۋېتىپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئايروپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان.

مەنبەسى: شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلار ئەسەر خاتىرىسى 2-قىسىم