Jump to content

دەيتيەنشەن تېغىدىكى راھىبنى زىيارەت قىلغاندا

ئورنى Wikipedia

دەيتيەنشەن تېغىدىكى راھىبنى زىيارەت قىلغاندا

لى بەي


بولسا جۈر بۇلاق ئۈنىگە ھاۋشىغان ئىتنىڭ ئۈنى،

بەرگى شاپتۇلدا جۇلا قىلغان قۇيۇق شەبنەم سۈيى.

بۈككىدە ئورماندا گاھى كۆرۈنەر بۇغا – مارال،

جىلغىدا چېلىنسىمۇ ئاڭلانمىغاي داڭنىڭ ئۈنى.

ياۋا بامبۇك شاخلىرى گۇيا يېشىل بۇلۇت – تۇمان،

ئاقسا زۇمرەت چۇققىلاردىن چەشمىلەر ئوقيا كەبى.

بىلمىگەي كىرگەن كىشى قايغا قەدەم باسماقىنى،

دىلدىكى غەم – قايغۇنى كەتكەن ئېلىپ قارىغاي بۇيى.


— بۇ شېئىرنى لى بەي 20 ياشقا كىرمىگەندەك يازغان. دەيتيەنشەن(يەنە بىر ئىسمى داكاڭشەن) تېشى جىڭجۇ چاڭلۇڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىدە بولۇپ، لى بەي تاغدىكى دامىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۇقۇغان.