Jump to content

دەۋاچىلىقتا «ساختىلىشىش» ھادىسىسى ۋە ئۇنىڭ سىگناللىرى

ئورنى Wikipedia

دەۋاچىلىقتا «ساختىلىشىش» ھادىسىسى ۋە ئۇنىڭ سىگناللىرى

قىلغان بىلەن دېگەن ئوتتۇرىسىدا، ئىددىئا بىلەن ھەرىكەت ۋە تۇتۇم ئوتتۇرىسىدا ئالەمچە پەرق بارلىقى سىر ئەمەس. ئىدىيەۋى ھەرىكەتتە سۆز دائىم ئىشنىڭ مۇقەددىمىسىدە بولىدۇ. ئىش مۇقەددىمىنىڭ تاماملىغۇچىسى ياكى مۆھۈرى كەبى سۆزنىڭ تەستىقى، تاماملىغۇچىسى ۋە خاتىمىسىدۇر. سەلەفلەر ئىماننىڭ خاراكتېرىنى «تىل سۆزلىگەن، دىل چىن پۈتكەن، ئەمەل تەستىقلىغان نەرسە» دەپ تەبىرلىگەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىماننىڭ ھېچبىر ۋاقىت ئاغزاكى دەۋا قىلىش بىلەن، ئىددىئا ياكى كۆز - كۆز يولى بىلەن دەلىللەنمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئاغزاكى دەۋا بىلەن ئەمەلىيەت ئۇيۇشۇشى كېرەكلىكىنى پىرىنسىپ قىلىشتىن باشقا ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەمەل ۋە پىرىنسىپال تۇتۇم ئىماننىڭ مۇقەددىمىدىن تارتىپ نەتىجىگىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانىنى تاماملىغۇچى، ئۇنىڭ چولتا ئەمەس، كامىللىقىنى، ئىددىئا ئەمەس، سەمىمىيەت ئىكەنلىكىنى مۆھۈرلىگۈچى تەستىقىدۇر. يەنى ئاغزاكى دەۋانىڭ راستقا ئايلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. پەقەت ئىدىيەسى تۇتۇق، رەڭگى ئېنىقسىز، مەيدان - مەۋقەسى ئاممىۋىلىشىپ كەتكەنلەردە تەستىق مۆھۈرىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرۈش قىيىن. چۈنكى ئۇلاردا ھە دېگەندە ئىددىئالىرى بىلەن تۇتۇم ۋە ھەرىكىتىدە ئۇيۇشماسلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.  ئىماننىڭ كامالىتى ئەمەلدە ئىپادىسىنى كۆرسەتكىنىدەك، كىشىلىك كامالەتمۇ ئۇنىڭ ھەرىكەت ۋە تۇتۇملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. كىشىلىك كامالەتتىكى مەجرۇھلۇق ئۆز نۆۋىتىدە ئىماندىكى، زېھنىيەتتىكى، بىلىم ۋە روھىيەتتىكى مەجرۇھلۇقلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرىدىن ئىبارەت.

  روھىيەتتىكى مەجرۇھلۇق ئۆز نۆۋىتىدە ۋابادۇر. ئۇ پەقەت كىشىلىكتىكى دۇرۇسلۇقنى بۇلغاپ، ئادىمىيلىك قىممەتلەرنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ توختىمايدۇ، بەلكى ئەقىل كۆزىنىمۇ ئەما قىلىپ تاشلايدۇ. مۇتەئەسسىپلىككە، قاتماللىققا مۇپتىلا قىلىدۇ. ئۇ كىشىلىك كامالەتنى زىدىلەيدىغان جىمى ھۈجەيرىلەرگە تاراپ قالماستىن، يەنە ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ يۇقىدۇ. كامالەتتە بولسا، سۆز دائىم ئەمەل ۋە تۇتۇم بىلەن ئۇيۇشۇپ چىقىدۇ.  تىلىمىزدىكى «كامىل مۇئمىن» ئىپادىسى دەل مۇشۇ خىل ئۇيۇشۇشقا قويۇلغان ئاتاقتىن ئىبارەت. نىفاق بۇنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ، ئۇ سەمىمىيەتتىكى تۇتامسىزلىقنى، تىل ۋە دىل ئارىسىدىكى بىنورماللىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە دىل بىلەن ھەرىكەت ئارىسىدىكى يەكپايلىققا چاپلاشقان ئىللەتتۇر. نىفاقلىق بۇ مەنىدىن قەلبكە سېلىنغان مۆھۈردىن بەكرەك مەۋجۇت ھالەتنىڭ ۋەسپى، چاپلاشقان ئىللەتنىڭ بەلگىسى، ئىشەنچتىن ئىبارەت ھەقىقىيلىكنىڭ ساختىلىشىشقا قاراپ يۈز تۇتقانلىقنى پاش قىلىدىغان روھىي ھالەتنىڭ ئىسم - سۈپەتلىرىدىندۇر. قۇرئان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئىللەت بىر تۈرلۈك «مەرەز» بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقۇش ئوبيېكتى دىلدۇر. تىل ۋە دىل ئارىسىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى بولسا، ئۇشبۇ مەرەزنىڭ دىلدا كۆكلىگەن، ئاڭدا بىخلانغان ۋە مېۋە بېرىشكە باشلىغان ھالىتىدۇر. بۇ تۈر «مەرەز» ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قەلبتىن قەلبكە يۇقىدىغان مەنىۋى ۋابا، ئادىمىيلىك ھۆجەيرىلىرىنى قەدەممۇقەدەم كاردىن چىقارغۇچى راكدۇر. «ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مەرەز (كېسەل) بار...» [سۈرە بەقەرە، 10-ئايەت].

روھىي مەجرۇھلۇقنىڭ سىياسەت ئالىمىدىكى ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىلاردىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى سىياسەت دۇنياسىدىمۇ سۆز ئەمەس، ئىش ۋە تۇتۇم مەسىلىنىڭ نىھائىي دىياگنوز ۋە تەستىق ئوبيېكتىدۇر.  گېتلىرنىڭ مۇنۇ سۆزى بۇ خۇسۇستا دىققەتكە ئەرزىيدۇ: دېيىلىۋاتقان سۆزلەر يالغان چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما قىلغان ئىش (تۇتۇم) ھەر دائىم راست چىقىدۇ». كۈنىمىزدىكى مەجرۇھ سىياسەتچىلىكنىڭ مەجرۇھ زېھنىيەت ئىگىلىرى تەرىپىدىن ھىمايىگە ئېرىشىۋاتقانلىقى، سىياسىي سەتچىلىكلەرگە كۆز يۇمۇش، سۈكۈتنى تاللاش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىقلارغا رازىمەنلىك كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى، قالپاق قىلىپ كىيىۋالغان دىن، سىياسەت، تەشكىلاتچىلىق قاتارلىق تەۋەلىكلەرنىڭ ھېچبىر پىرىنسىپىغا ياتمايدىغان تۇتۇمسىزلىق ۋە نەيرەڭۋازلىقلارغا قارىتا ئىنجىقلاپمۇ سالمايدىغان دەرىجىدە ھەمدەمچىلىكنى بىمالال داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار سىياسى سەھنىلەردە چىڭقىلىپ تۇرۇپ قىلىنىۋاتقان شوئارلاردىن بەكرەك، تۇتۇملارنىڭ، پوزىتسىيەلەرنىڭ راست گېپىنى قىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي مىساللاردىندۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «دەۋا» ئاتموسفېراسىنى ئىس - تۈتەكلىرى بىلەن قاماللاۋاتقان تىپلارنىڭ ھەقىقىي ئەپتى ئۇلارنىڭ ئىددىئا قىلىۋاتقان سۆزلىرى ئارقىلىق ئەمەس، تۇتۇم ۋە مەۋقەلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ مېڭىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىدا. مەھشەردە تىل خۇپسەنلىك قىلغاندا ئۇنىڭ ئەزالىرى سۆزلەشكە مەجبۇر قالغاندەك، يىللاردىن مىللەتكە ساھىب چىقىش، «دەۋا» ئاڭلىتىش نامىدا ئۇلارنىڭ ئۈمىد - ئارزۇلىرىنىڭ، ئىرادە ۋە غايىلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا خىزمەت قىلىۋاتقان كۆرۈنگەنلەرنىڭ سەمىمىيەتسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چېنىپ قېلىشى، ئارقا ھويلىدىكى دىگىۋار ۋە داستىخاندارچىلىقلارنىڭ بۈگۈنكىدەك سۈنئىي يوپۇقلار بىلەن ياپقانچە ئېچىلىپ قالىدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشى نە پەقەت سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەنقىد ۋە ئەيىبلىنىشىدىن بىئارام بولىدىغان دەرىجىدە زېھنىيىتى مۇتەئەسسىپلىشىپكەتكەن قاتمال زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭمۇ چىركىن خاراكتېرىنى پاش قىلىپ تۇرۇپتۇ. مانا بۇ  ۋابا مىسالى يامراۋاتقان مەزكۇر «روھىي مەرەز»لىكلەرنىڭ ئەدىگەن ھالىتى، يارىنىڭ يىرىڭ ئالغان، زەرداپلاشقان ۋەزىيىتىدۇر.

«قۇش جۈپتى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن»، دېيىلگەن ھېكمەتتىكىدەك خاھ دىن، خاھ سىياسەت قالپىقىنى كىيىۋالغان تائىپىلەردە مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى ۋە ئىرادىسى پايخان قىلىنىۋاتسىمۇ خۇددى يارىلىشىدا توپىسى بىر يەردىن ئېلىنغان «قېيىنئاتا - كۈيئوغۇل»دەك قانداقتۇر مىللىي غايىدىنمۇ ئۆتە ئۇلۇغۋار ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن مىللىي ئىرادىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەر كېلىشىم ياكى دىگىۋارلىشىشلارنىڭ بېسىمى باردەك ئەتەي بولۇۋېلىپ باشنى ئىچىگە تىقىۋېلىشلار كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرماقتا. ھەتتا بىر - بىرىگە بولۇشۇش پوزىتسىيەسىدە ئىنكاس قايتۇرۇشلارمۇ، سۈكۈتۋازلىققا چۆمۈشلەرمۇ، دىققەتنى بۇرايدىغان باشقا كۈنتەرتىپلەرنى كۆشەشكە زورۇقۇش ۋە ئاللىقانداق سۈنئىي كۈن - تەرتىپلەر ئاساسىدا ئاۋامنىڭ نەزىرىدىن مەسىلىنىڭ ئۇنتۇلۇشنى ساقلاپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقتەك بىر ۋەزىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇپتۇ. مانا بۇ ماھىيەتتە مەسىلە بىلەن يۈزلىشىشتىن قېچىش، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا ھەر تۈرلۈك قاراڭغۇ ھېسابلارنىڭ ئىجرا بولۇشلىرىغا، ئارىغا سۇقۇنۇپ ياكى سىڭىپ كىرىشىگە يوچۇق ئېچىشقا كۆز يۇمغانلىقتۇر. بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئاددىي ئويلاش، كۆز يۇمۇۋېلىش ئەمەلىيەتتە جار سېلىنىۋاتقان ئاتالمىش «بىرلىك»لەرنىڭ تەشكىلىي پەرقلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەمەسلىكىنى چاندۇرۇش، خاراكتېرىدە بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقسىز ئىكەنلىكلىرىنى تەن ئېلىش بولۇپ، بۇ يەنە ئېغىزدا دېيىلىۋاتقاننىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇۋاتقانلىقنى نامايىش قىلىش، شۇنداقلا ئېغىزدا رەت قىلىۋاتقانلىرىنى ئەمەل ۋە تۇتۇملىرىدا ئىپادىلەشتە ئىزچىللىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئىقرار قىلىش جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى تەكىتلەنگىنىدەك، پېئىل ۋە تۇتۇم ھەر زامان ئاغزاكى شوئارنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بەلگىلىگۈچى تارازىدۇر.

بىر تەشكىلىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزلىرى ئىددىئا قىلىۋاتقان دىنىي ۋە سىياسىي پىرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ ئىش يۈز بېرىۋاتقىنىدا سۈكۈت قىلىپ كۆز يۇمۇۋېلىشى مەسئۇلىيەتسىزلىك ھېسابلانسا، مەزكۇر تەشكىلى قۇرۇلمىلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي خاتالىقلارغا قاراپ ئولتۇرماسلىقى، سەپسەتەۋى ئەزۋەيلەشلەرگە داپ-راۋاپ چېلىپ تەڭكەش قىلىپ ئولتۇرماستىن خىيانەتلىك تۇتۇملارغا قارىتا سەزگۈرلۈك بىلەن مەيدان ئىپادىلەپ قويۇشى خەلق نەزىرىدە داستىخاندارچىلىق ياكى ئاللىقانداق مەنپەئەتلەرگە چېتىلغان  مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى بىر گۇرۇھ سانىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ ئەقەللىي بىر تەلەپ. يەنە كېلىپ يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي سەتچىلىك ۋە بەغەرەزلىكلەرگە قارىتا تەنقىدىي مەيدان تۇتۇش ئۇزۇن دىنىي كەچمىشكە، نەچچە ئون يىللىق سىياسىي تارىخقا ئىگە تائىپىلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىدىن بىرى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ ئۆزى تەنقىدلەشكە تېگىشلىك بىر ئىشتا سۇسلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، بۇنى ئاز دەپ، تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ تەنقىدىدىن راھەتسىز بولۇش، بولۇپمۇ سىياسىي ئانسامبىلچىلارغا بولۇشۇپ بىئارامچىلىقلىرىنى ئىپادىلىشىپ بېرىش تەۋىلگە ئورۇن قالدۇرمايدىغان دەرىجىدە مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىدىن يۇقىرى دەرىجىدە بېشارەتتۇر. زىممىلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن لايىقىدا چىقمايۋاتقانلىقلىرىدىن خىجىل بولماقتا يوق، ئۈستىلەپ مەسئۇلىيىتىنى تونۇتقان، ئېسىگە سېلىۋاتقانلارنى دۈشمەنگە چىقىرىپ پىپەن قىلىش، جاھاننىڭ تۆت بۇرجىكىگە ئاپشاركىلىرىنى يوللاپ تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدىتىش قاتارلىقلار مەزكۇر مەجرۇھ زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ نەقەدەر چاكىنىلىشىپ كەتكەنلىكىنى، پىكىرگە بەس كېلەلمىگەندە كۈچ ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار مۇستەبىت زېھنىيەتتىن قايسى دەرىجىدە نېسىۋە ئالغانلىقىنى، ئەسلىدىكى يولغا چىققان رېلىسىدىن قايسى دەرىجىدە قېيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.  

مىللەتنىڭ يولىغا توسۇق بولىدىغان، سىياسىي دەۋانىڭ پىرىنسىپ ۋە غايىلىرىنى پايخان قىلىدىغان سەتچىلىك ۋە خۇپسەنلىكلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، مەزكۇر تائىپىلەرنىڭ چاپلىشىدىغان يەرنى تاپالماي قېلىشى، پىپەن قىلىشقا تېگىشلىك جاي ئېنىق تۇرسىمۇ ئۇنى قويۇپ تۇرۇپ تەنقىدچىلەرنى دۈشمەن ئوبيېكتى قىلىۋېلىشلىرى ئۇچىغا چىققان مەرەزلىك ۋە روھىي مەجرۇھلۇقتىن، زىدىپەسلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ قەدەر ئادىشىپ يۈرۈشلەر ماھىيەتتە يىللاردىن سىياسىي ساھەنى قاماللاپ كەلگەن، ئەمما نە مىللىي ئاڭ - ساپاسى تۈزۈك قاتمىغان، نە سىياسىي غايىسى چويلىغا توختىمىغان قارا سايىلەرنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرى بارىسىدا سۆز ساھىبلىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا رازىمەنلىك پىسخىكىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تەنقىدلەردىن گۈدەكلەرچە بىئارام بولۇشقانلىقلىرىنىڭ ئۆزىلا مەزكۇر دىن ۋە سىياسەت تونىدا كېزىپ يۈرگەن زېھنىيەت ئەھلىنىڭ مەجرۇھلۇق دەرىجىسىنىڭ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، تەنقىدلەرگە قارىتا ئىپادىلەۋاتقان پاسسىپلىق ۋە دۈشمەنلىك تۇتۇملىرىدىن زېھنىي مەجرۇھلۇقتا، روھىي چىرىكلىكتە نەقەدەر زەئىپ، نە قەدەر بىچارە، نە قەدەر بىمەنە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. مانا بۇ ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ تەبىرى بويىچە «كۈرەشتىكى ساختىلىشىش» ھادىسىسى بولۇپ، بۇنى يەنە ئۇنىڭ: «كۈرەش ساختىلىشىشقا ۋە ئۆز - ئۆزىنى ئالداشقا چۈشكەندە ساختا دىن بىلەن ئۆزئارا قول بېرىشىپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ»، دېگەن مەشھۇر سۆزىنىڭ كۈنىمىز رېئاللىقىدىكى ئىپادىسى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ يەنە سىياسىي ھەرىكەت مېتودىدا «ساختىلىشىش» ھادىسىسىنىڭ نەقەدەر ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى، مەرەز مىسالى ئىللەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ۋابا مىسالى يامراۋاتقانلىقىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا «دەۋادا ساختىلىشىش» ھادىسىسىنىڭ بەلگە - ئالامەتلىرىنىڭ تەۋىلگە ئورۇن قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەلىي تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلەردە ئىسپاتلىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەلۇمكى، ساختىلىشىش دېگەنلىك تېگى - تەكتىدىن ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانغىلا ئەمەس، يەنە ئەسلىدە ساغلام قۇرۇلۇپ كېيىن ياكى بارا-بارا ساغلاملىقىنى يوقاتقانغىمۇ، ئەسلىي خاراكتېرىدىن ئۆزگەرگەن ياكى ئۆز فۇنكسىيەسىنى يوقاتقانغىمۇ قارىتىلىدۇ. ناۋادا ساغلام شوئاردا مەيدانغا چىقىپ تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلەردە قېيىش، ئىددىئا بىلەن تۇتۇم ئوتتۇرىسىدا ئۇيۇشماسلىق مەيدانغا كەلسە، يەنە كېلىپ سەھۋەنلىك ئېھتىمالى بار دەپ قاراپ تۈزىتىپ ئاگاھلاندۇرۇلسىمۇ قايتۇرۇلغان ئىنكاس ۋە تەشكىلىي تاللاش يەنىلا ئىددىئا بىلەن ئۇيۇشمايۋاتقان ئەبجەق تۇتۇم ۋە خۇپسەن ھەرىكەت تەرىپىدە بولسا، دېمەك بۇ تەشۋىقاتلاردا سايراۋاتقان ئىددىئالارنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە ئەيمەنمەستىن خەلقى ئالەم ئالدىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تۇتۇم، پېئىل - ئەتۋارلارنىڭ راست گېپىنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مانا بۇمۇ دەۋاچىلىقتا «ساختىلىشىش» ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىپ بولغانلىقىنى، جىددىي مەنىدە دېيىلىۋاتقان ئىددىئالارغا ۋە بۇ ئىددىئالارنى ئېكرانمۇئېكران تۆكمە قىلىپ كېلىۋاتقانلارغا بولغان تونۇشنى قايتىدىن يېڭىلاش كېرەكلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ھەر ساختىلىشىشنىڭ بىر بەدىلى بولماي قالمايدۇ. كۈنىمىزدە ھەر تۈرلۈك سىياسىي نەيرەڭۋازلىقلارغا، مىللەتكە قىلىنىۋاتقان سەمىمىيەتسىزلىكلەرگە، ئىككى يۈزلىمىلىك ۋە تۇتۇرۇقسىزلىقلارغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇمسىزلىقلىرىنى مەيدان قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان، قۇلاق يۇپۇرۇۋېلىش ۋە سۈكۈتۋازلىقىنى بازارغا سېلىپ تۇرۇپ سەمىمىيەتتىن، دەۋادىن سۆز ئېچىۋاتقانلار، ھەر تۈرلۈك دىنىي قىياپەت ۋە  سىياسىي كەچمىشىنى، «دەۋا» تونىنى باھانە قىلىپ قۇرغاق ۋەز-كالاملار بىلەن خەلقنى ئىدارە قىلىشنى سىياسەتچىلىك دەپ ئويلاپ قېلىۋاتقانلار ئالدى بىلەن خەلقنىڭ نەزىرىدە يىلدىن يىلغا چۈشۈۋاتقان ئورنىنى توغرا دەڭسىيەلىشى، كاللىسىنى سىلىكىۋېتىشلىرى زۆرۈر. ناۋادا بۇ تۈر تائىپىلەر كۈنسېرى چۈشۈۋاتقان ئوبرازىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئاڭقىرىپ يەتمەيۋاتقان، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكلىرىگە قارشىلىق قىلىنىۋاتقان سۈنئىي تەبەسسۇم ۋە مۇئامىلىلەردىنمۇ ھەددىنى بىلىشلىرى كېرەكلىكىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاڭقاۋلىشىۋاتقان بولسا، بۇ مەزكۇر تائىپە ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى مەجرۇھ زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلى بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا قاراپ يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جان تىكىپ قوللايدىغان، ئارقىسىدا مەزمۇت تۇرۇدىغان ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان سەركىلىرى ئەمەس، بەلكى ھېچ ۋاقىت خەيرلىك بىلەن تىلغا ئالمايدىغان، دۇئا ئورنىغا قارغىش بىلەن ياد ئېتىدىغان گۇرۇھۋاز تائىپىلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىشى ئۇزاققا بارمايدۇ. بۇ چاغدا مەزكۇر تائىپىلەرنىڭ، شۇنداقلا دىننى جانباقتىلىق ۋە سۇيىئىستېمالچىلىق دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان تىپلارنىڭ بۈگۈنكى تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىددىئا قىلىۋاتقىنىدەك مىللەتكە باشلامچىلىق ياكى چىقىش يولى ئىزدەشكە ۋە ياكى توغرا يولغا يېتەكلەشكە، كىرزىس ھەل قىلىشقا خىزمەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ خەلقسىز ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالىدىغان كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىگە قەدەممۇقەدەم يول ھازىرلاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىمۇ ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ، خالاس!


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى