دەۋا يولىدىكى رىيازەت ۋە دەۋاچىلىقتىكى رەزالەتلىرىمىز
دەۋا يولىدىكى رىيازەت ۋە دەۋاچىلىقتىكى رەزالەتلىرىمىز
1
موڭغۇل سۇلتانى غازانخان:
− ئەسىرلەرنى تاپشۇرۇپ بەر دەپ كەلدىڭ. قولىمىزدىكى مۇسۇلمان ئەسىرلەرنىڭ ھەممىنى قويۇپ بەردۇق. ئەمدى خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي ئەسىرلەرنىمۇ تاپشۇر دەۋاتىسەن. مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرگىنىمىز يەتمىدىمۇ؟
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە:
− يەتمەيدۇ، چۈنكى سەن ئەسىر قىلىپ تۇتۇۋالغان خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلار ئەھلى زىممىيدۇر. ئۇلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكى بىزنىڭ زىممىمىزدە؛ يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ زىممىسىدە؛ يەتمەيدۇ، چۇنكى ئۇلارمۇ شاملىقلاردۇر.
يۇقىرىقى دىيالوگ بۇندىن يەتتە يۈز يىل مۇقەددەم مۇڭغۇل ئىستېلاچىلىرىدىن سۇلتان غازانخان بىلەن دەۋرنىڭ يېتۈك ئەللامىلىرىدىن شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق كېلىشىم ئەسناسىدىكى بىر ۋەقەنىڭ تەسۋىرىي مەزمۇنى بولۇپ، بۇ پەيتتە دەمەشقنى ئىستېلا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن موڭغۇل خانىغا قارشى ئىبنى تەيمىييە شام خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى رەھبەر سۈپىتىدە غازانخاننىڭ قارشىسىغا چىققان ئىدى. ئەتراپتىكى مۇسۇلمان خاقانلاردىن ھېچبىرى ياردەم بېرەلمىگەن ۋە ھەتتا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ شەھەرنى ھىماتچىسىز ھالدا موڭغۇللارنىڭ باستۇرۇپ كېلىشىگە تاشلاپ قويغان ھەمدە شەھەر پۈتۈنلەي مۇڭغۇللارنىڭ قورشاۋىدا تۇرۇۋاتقان بۇ مەزگىلدە بىر تۈركۈم مۇناپىق ئۆلىما ۋە تەسلىمىيەتچى ئەمىر - سىپاھلار خەلق نامىدىن شەھەرنى تەسلىم قىلىش غېمىگە چۈشكەن ۋە ئاستىرىتتىن خان بىلەن پۈتۈشكەن ئىدى. خانمۇ بۇ تەسلىمىيەتچىلىككە ماسلىشىپ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم خاراكتېرىسىز موللا - ئۆلىما، جانباقار مۇئەززىن - مۇپتىلارنى يىغقان ۋە ئۆزىنىڭمۇ «مۇسۇلمان» بولغانلىقىنى جاكارلاپ، خەلق شەھەرنى قارشىلىق كۆرسەتمەستىن تاپشۇرسا، مۇسۇلمان خاقان سۈپىتىدە ئىسلام شەرىئىتى بويىچە شەھەرنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇناپىق ئۆلىما ۋە تەسلىمىيەتچى ئەمىر - سىپاھلارنىڭ زۇۋانى ئارقىلىق خەلق ئىچىگە ئالدىن سۆز چۆچەك يايماقچى بولىدۇ. بۇنىڭغا يانداشقان ۋەتەنساتارلار ئالدىن پىلانلاپ تەشكىللىنىۋالغان بويىچە شەھەر ئىچىدە گەپ - سۆز تارقىتىشقا، خۇتبىلەردە غازانخاننىڭ ئىخلاسلىق مۇسۇلمان بولغانلىقىنى، باشقا شەھەرلەرنى ئىستېلا قىلغاندا كۆرسەتكەن ئاتالمىش ئادالىتى ۋە پەزىلىتىنى كۈيلەپ نۇتۇق ئېيتىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە بۇ ئارقىلىق شەھەر خەلقىنى پىسخىكا جەھەتتىن زېھنىي تەسلىمىچىلىككە چۈشۈرمەكچى، تۇپراق ئىشغالىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىنى ئاچماقچى بولىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە ئوتتۇرىدىكى ساتقىنلىققا، خىيانەتكە، ۋەتەنساتارلىققا، دىن دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قەھرىمان سېيمالار سۈكۈتنى بۇزىدۇ ۋە بۇ ئىشغال ئويۇنىنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرىدۇ. ئەنە شۇ قەھرىمان سېيمالارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بولسا، يۇقىرىقى دىيالوگدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئىدى. ئىبنى تەيمىييە شەھەر خەلقىنى بۇ ھىيلىگەر سۇلتانغا ئالدانماسلىققا چاقىرىدۇ ۋە شەھەر قوۋۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان قوماندانغا «قەلئەنىڭ بىر تال خىشىنىمۇ موڭغۇللارغا تارتقۇزۇپ قويماسلىقنى، ئەسلا شەھەرنى تاپشۇرماسلىقنى، ئىشغالچىلارغا دەرۋازا ئېچىپ بېرىشتىن شەھىد بولۇشنىڭ ئەلا ئىكەنلىكىنى، بۇ بەدەلدىن باش تارتىشنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى سورىقىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتكەن مەزمۇندا خەت يازىدۇ. ئارقىدىن يۇقىرىقى ساتقۇن تەسلىمىيەتچىلەرنىڭ پىتنە – پاسات، سۆز - چۆچەكلىرىگە خۇتبە ۋە نۇتۇقلاردا، دەرس ۋە يىغىلىشلاردا رەددىيە بېرىپ توختاۋسىز ئاقارتىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ خەلقنى ئويغىتىدۇ. خەلق ئايدىڭلىنىش بىلەن ئىبنى تەيمىييە تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە تەرەددۇتتا قالغان ئەمىر - سىپاھلارمۇ، جېنى تاتلىق كۆرۈنۈپ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۆلىما - موللىلارمۇ ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ شۇ تەرىقىدە خەلقنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى شەھەرنى قورشاپ ياتقان موڭغۇل خانغا يەتكۈزۈش، مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالدىن سۆھبەت تۈزىتىشكە نىيەتلىنىدۇ. ئەتراپىدا قورقۇپ تۇرغانلارمۇ نائىلاج قېتىلىدۇ. سۆھبەت جەريانى كەسكىن ۋە ناھايىتى ھالقىلىق بىر تۈستە جەريان قىلغان بولسىمۇ، نىھايىتىدە ئىبنى تەيمىييە غازانخانغا ئۆزىنىڭ ۋە خەلقنىڭ بىر تامچە قېنى قالغۇچە ئۇرۇشۇشقا تەييارلىقىنى، ئەمما ئەسلا شەھەرنى قوش قوللاپ تەسلىم قىلمايدىغانلىقىنى، خاننىڭ مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلىپ بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەكسىچە ئۇ خاننى ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغانلىق دەۋاسىدا راستچىل بولسا بېسىپ كىرىشتىن ۋاز كېچىپ شامنى شاملىقلارغا قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. نەتىجىدە بۇ قەدەر جۈرئەتكار ۋە ئۆتكۈر سۆزلۈك زاتنىڭ تۇتۇم - پوزىتسىيەلىرىدىكى جىددىيلىك ھەمدە ئۇنىڭدىكى سىياسىي سۆھبەتتىكى ئۈستۈن ماھارەت خاننىڭ قايىللىقىنى ئاشۇرماي تۇرالمىدى. بۇ قايىللىقنىڭ سەمەرىسى بولسا، ئىشغال قىلىشقا كەلگەن مەككار ۋە كۈچى زور ئىستېلاچىنىڭ ئىشغال ئىرادىسىنى يۇمشىتىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى. غازانخان قارشىسىدىكى ئالىم زاتنىڭ ئۆزى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان شەھەر ئىچىدىكى ۋەتەنساتار موللا ۋە ئەمىر - سىپاھلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خۇشامەت سۆزلىرى بويىچە شەھەرنى ئىشغال قىلىپ تەۋەككۈلچىلىكىگە كىرىشنىڭ ئاقىلانە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ھەمدە خەلقنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنىڭ ئىبنى تەيمىييە ۋەكىللىكى سۆھبەت جامائەسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. خان ئۆزى ئوينىغان مۇسۇلماندارچىلىق سەپسەتەسى ئويىنىغا قارشى ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئىبنى تەيمىييەگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۆھبەتكە كەلگەنلەرگە چېقىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ ئىبنى تەيمىييەگە چېقىلسا، خەلققە دېگەن ئاتالمىش مۇسۇلماندارچىلىق، شەرىئەت يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى يالغان ۋەدە، نەيرەڭ ۋە قارا نىيەتلىرىنىڭ پاش بولۇشىدىن، شۇنداقلا خەلقنىڭ بىر تامچە قېنى قالغۇچە ئۇرۇشۇش پەيلىنىڭ قەھرى غەزىپىنىڭ ياندۇرغۇسىز ھالغا كېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. نەتىجىدە غازانخان ئۇستاتلىق قىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلماي تۇرۇشقا سۆز بېرىپ ئىبنى تەيمىييە ۋە سۆھبەت ئەلچىلىرىنى سۈلھى بىلەن يولغا سالغان ۋە چېكىنىدىغان پەيلى باردەك كۆرۈنۈپ قويغان – يۇ شەھەرگە كىرىشنىڭ باشقا چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان. خان بىر ھەپتە ئۆتۈشىگە سۆزىدە تۇرماي شەھەر سېپىللىرىدىن بىرىگە ئاسترىتتىن ياللىۋالغان ياكى ئىتتىپاق تۈزۈۋالغان يەرلىك توپىلاڭچى ۋە قاراقچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ شەھەر ئەتراپىغا ھۇجۇم باشلايدۇ، بۇلاڭ - تالاڭ ۋە سۈرتوقاي قىلغاندىن كېيىن شەھەر خەلقىنىڭ بىر تۈركۈمىنى ئەسىرگە ئېلىۋالىدۇ. تاسمىلىق ئىت بىلەن ئىتنىڭ تاسمىسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان كۆندۈرگۈچىنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان ئىبنى تەيمىييە بىۋاسىتە خان بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. خان كۆرۈشسە مات بولۇشىنى پەملەپ باشتا رەت قىلىپ باقىدۇ، ئەمما ئۇرۇنۇشلار توختىمايدۇ. ئىبنى تەيمىيە سۇلتانغا ئۆتكۈر سۆزلەرنى قىلىشنى توختاتمايدۇ ۋە ئاخىرىدا خان بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ مەزكۇر سىياسىي ئويۇننى پىلانلىغان غازانخاننى سۆھبەتتىلا مات قىلىپلا قالماي، خاننىڭ يۈزىگىلا چىنگىز ۋە ھولاكۇلاردەك كاپىر ئەجدادلىرى جېنىدا بەرگەن سۆزىدە تۇرغانلىقىنى، ئەمما خاننىڭ مۇسۇلمانلىق دەۋا قىلىشىغا قارىماي سۆزىدە تۇرماي كېلىشىمگە خىيانەت قىلغانلىقىنى يۈزىگە سېلىپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ. ئاقىۋەت موڭغۇل سۇلتانى غازانخان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە كۆنىدۇ-يۇ، ئەمما ئۇ شۇ ھالىتىدىمۇ مەككارلىقىدىن قالمايدۇ. چۈنكى، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىمەن دېسىمۇ تۇتۇلغانلار ئىچىدە پەقەتلا مۇسۇلمانلارنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، سانى ئاز بولغان خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارنى ئايرىۋالغانىدى. دەل شۇ چاغدا ئىبنى تەيمىييە مەزكۇر دىيالوگدىكى «چۈنكى ئۇلارمۇ شاملىقلاردۇر» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى قىلىش ئارقىلىق پەقەتلا بىر تائىپە ياكى گورۇھنىڭ ئەمەس، بەلكى دىنى ۋە ئەقىدىسى پەرقلىق توپلۇملاردىن تەركىپ تاپقان بىر پۈتۈن شام خەلقنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. دەرۋەقە ئىبنى تەيمىيە مەزكۇر تۇتۇمى ئارقىلىق مۇسۇلمانلىق ۋە دىنىي سۇيىئىستېمالچىلىق باھانىسى بىلەن بىر خەلق ئىچىدىكى دىنىي ئايرىملىقتىن پايدىلىنىپ نىزا تېرىماقچى بولغان ئىشغالچى خاننىڭ ئويۇن ئىچىگە ئويۇن قۇرۇپ قۇرغان توزاقلىرىنىڭ ھەممىنى بەربات قىلغانىدى. نەتىجە شۇكى، ئىشغالچىغا قارشى خەلقنىڭ ئاۋازى، ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولۇشنىڭ قانداقلىقىنى ئىبنى تەيمىييە پەقەتلا بىر ئالىم سۈپىتىدىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە سىياسىي رەھبەر، خەلق قەھرىمانى ۋە مۇجاھىد رەھبەر سۈپىتىدە ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنى ئىچىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ قوغداشنىڭ قايسى تەرىقىدە بولىدىغانلىقىنى ساپ ۋە سۈزۈك بولغان ئىسلامىي شوئۇر بىلەن ئەمەلىي كۆرسىتىپ بەرگەن، ھەمدە ئادالەتپەرۋەرلىكنى شوئار قىلغان شەرئىي سىياسەتچىلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىيىتى ۋە پاراسىتى بىلەن كۆرسىتىپ تارىخ يازغان ئىدى.
2
ئەسىر ۋە ئاسارەت ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۇقۇم ۋە مەفھۇملىرى، ھەمدە كۈنىمىزدىكى بىزگە قارىتا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك بولغان نۇقتىلار، شۇنداقلا سەپسەتە قارشىسىدا ئاسارەت ئۇقۇمىنىڭ بىزدە قانداق شوئۇر پەيدا قىلىشى، ئاتالمىش ئازاد قىلىنغانلىق سەپسەتەسىگە قارشى ئاسارەت چۈشەنچىسىنى قانداق دەسسىتىش لازىملىقى ۋە بۇ ئاساستا مىللىي شوئۇرنى ئاسارەتكە قارشى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋە ئاكتىپلاشنىڭ مۇھىملىقى خۇسۇسىدا «ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ» ناملىق ماقالىمىزدە توختىلىپ ئۆتكەن بولدۇق. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاسارەت تېمىسى ھەر تەرەپتىن ئايدىڭلىققا ئىگە بولغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ تېما ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىلسە، ھەر تەرەپلىمە مۇلاھىزىلەر بىلەن بېيىتىلسا، ئانالىز قىلىنسا ئازلىق قىلمايدىغان ھالقىلىق تېمىلاردىندۇر.
ئاسارەتكە دائىر نۇقتىلاردىن بىرى شۇكى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئاسارەت شوئۇرى بىزدە ئازادلىق سەپسەتەسىگە قارىتا قارشىلىق تۇيغۇسى ئويغىتىپلا توختىسا بولمايدۇ. بەلكى بىزدە مىللەت سۈپىتىدە ئاسارەت قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانغا قەدەر ھەرقانداق چوڭ - كىچىك بەدەللەرگە تەييار تۇرىدىغان ئىسيان روھىنى شەكىللەندۈرۈشى، پېشانىگە چېكىلگەن قارا خەتتەك، ئىبلىسنىڭ پېشانىسىگە سىزىلغان نەقىشتەك توختاۋسىز بىزنى بىئارام قىلىپ تۇرۇشى، ئارام بەرمەسلىكى، بۇنى پېشانىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىمىغۇچە بولدى قىلماسلىق، بەل قويۇۋەتمەسلىك، تىنجىپ قالماسلىق كېرەكلىكىدەك روھىي قوزغاتقۇچقا ئايلىنىشى لازىم. بۇنى توغرا تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپ تۇيغۇلىرىمىزنى جانلاندۇرۇش، غەپلەت كىشەنلىرىنى بىر - بىرلەپ چېقىپ تاشلاپ سەگەكلىككە يۈزلىنىشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقلىرىنى باشلاش قاتارلىق مەنىۋى تۈرتكىلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرمەك كېرەك بولىدۇ. ئۆزئارا ئىگە چىقىش، قېرىنداشلىق، ۋەتەنداشلىق بۇرچلىرىنى ئادا قىلىش، دۈشمەنگە قارشى ئويغاق تۇرۇش، سەپداشلارنى تاشلاپ قويماسلىق، ۋەتەنگە مەنسۇپ ھەربىر مەۋجۇتلۇقنى ئىبنى تەيمىييەنىڭ تەبىرى بويىچە «بىر تال خىشنىمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمەن» ئىدىيەسى بويىچە مۇھاپىزەت قىلىش، قوغداپ ساھىب چىقىش ئاسارەتكە قارشى تۇتۇمنى ئىپادىلەشنىڭ، ئەسىرلىكنىڭ ھەر تۈرىنى، چوڭ - كىچىكى بولسۇن ھەممىسىنى رەت قىلىش روھىغا ئىگە بولۇشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. دىن ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مەنسۇبىيەت بىلدۈرگەن ھەر كىمسىنى بىزدىن بىلىش، بىرنى ھەممىگە تەڭ دەپ تونۇش، ھەممىنى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ھۈجەيرىلىرى، پارچىلىرى سۈپىتىدە قاراش، ئاداققىچە ۋاز كەچمەسلىك قاتارلىقلارمۇ ئاسارەتكە قارشى ئىسيان شوئۇرىنىڭ جانلىقلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
ئەلۋەتتە ئاسارەت تامغىسى پېشانىمىزدىن كەتمەستىن بىزنى ھەر تۈرلۈك مەشئۇم ئاقىۋەتلىرى بىلەن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بىئارام قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاسارەتكە قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىمىزنىڭ تۇتاملىق بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقى ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. چۈنكى، كۆزگە چېلىقىۋاتقان رېئاللىقىمىز بىنورماللىقلارغا تولغان. ھەممە كۈنتەرتىپتە بىز باردەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما ھېچبىرىنىڭ كۈنتەرتىپى بىزنىڭ كۈتكىنىمىزچە ياكى بولۇشقا تېگىشلىك رەۋىشتە ئاخىرلاشمايدىغان، شاختىن شاخقا كۈن تەرتىپ يېڭىلاپ ئۆتىدىغان، ئەمما ھېچبىر ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ باشلانغىنى بويىچە ئاخىرى چۈشۈرۈلمەي كېتىۋېرىدىغان بىر ۋەزىيەت گويا كۆنۈكۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغاندەك. بىر تۈرلۈك پىسخىكىلىق تەتۈر قىيناش زەنجىرى توختىماي ئايلىنىۋېرىش نەتىجىسىدە گويا كۈنتەرتىپ مارىلاپ ئۆتۈشتىن باشقا قىلىدىغان ئىش يوقتەك بىر ھالەت شەكىللىنىپ قېلىۋاتقان ئەلپاز بار. سىياسىي ئاكتىپ ياكى تەشكىلاتچىلىقنىڭ روھىي ھالىتىمۇ بۇ ھالەتنى بۇزۇپ قويماسىلىق ئۈچۈنلا قولىدىن كەلگىنىنى قىلىۋاتقاندەك، خەۋەر قىلىش ئەھمىيىتى بولسۇن ياكى بولمىسۇن بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان، توختىماي تېپىرلاۋاتقان كۆرۈنۈشنى بېرىشكە زورۇقۇۋاتقاندەك بىر ھالەت تەتۈر قۇيۇن مىسالى ئۇ قاشتىن بۇ قاشقا ئېسىپ يۈرۈپتۇ. قارىماققا خەلق ۋە سىياسەتچىلەر سەپراسقا تۇرغان جامائەتتەك تەڭ قول كۆتۈرۈپ تەڭ قول چۈشۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ماھىيەت پەرقلىق بولغانلىقى تۈپەيلى تەلەيگە ئۇدۇل كېلىپ قالغان ئىجابىيلىقلاردىن باشقا مەيدانغا كەلگەن كۈنتەرتىپلەرنىڭ تولىسى بۇزۇق چىراغدەك لاپ ئۆچۈپ لاپ يانغان شەكىلدە تۇراقسىز ۋە ئىز دېرەكسىز، ھەتتا تېز باشلىنىپ يەنە تېزلا تۈگەيدىغان، ئۇنتۇلىدىغان، چالا پېتى كېتىۋېرىدىغان ھالەت باش كۆتۈرمەكتە.
بۇنىڭغا ئەڭ تىپىك مىسال سۈپىتىدە، ۋەتەن سىرتىدا ئەسىرلىك ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالغان قەۋم - قېرىنداشلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارنى تۇتقۇنلۇقتىن خالاس قىلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. گەرچە تۇتقۇنلار مەسىلىسى ھەر يىلدا بىرە ئىككى نۆۋەت تىلغا ئېلىنىپ توختاپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاساسەن ئۇنتۇلۇشقا قاراپ كېتىۋاتقان، سۈنئىي كۈن تەرتىپلەر سايىسىدە يېتىشىپ بولغىلى بولمايۋاتقان مەسىلىدەك قارىلىپ قېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەجەبا، ئەسىرلەر ئىدېئولوگىيەسى، ياشام تەرزى ياكى ۋەتەن سىرتىدىكى دۇنيادا قۇرۇلۇپ قالغان سىياسىي ئاتموسفېرا بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك تاشلىنىپ قويۇلۇشى، تەرك قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ ياكى تۇتقۇنلۇق مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقتا بۇرۇنقىدەك نەپ كەلتۈرمەس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى سەۋەب بولۇۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتقۇنلۇقى ئىشغالچىلارنىڭ يوشۇرۇن پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇنلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئالدانغان ياكى خاتا يېتەكلەشكە ئەگەشكەن بولغانلىقى ئۈچۈنلا تاشلاپ قويۇلۇشقا، بىر - بىرلەپ قايتۇرۇلۇش خەۋپى بىلەن تۇتقۇندا چىرىپ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولۇۋاتامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇتقۇنلۇقى سۈنئىي كۈن - تەرتىپلەر ئارىسىدا داۋاملىق ئۇنتۇشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ كېتىۋېرىدۇ؟ ھەممىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چىش پاتمايۋاتىدۇ، دېيىلگەندىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى مەتبۇئات ۋە ياردەم چاقىرىقلىرىدىن ھە دېگەندە مەھرۇم قالدۇرۇلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىسىگە ۋاقتىنچە چىش پاتمىسىمۇ، تاجاۋۇزچىغا قايتۇرۇلۇش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان، ھەتتا قايتۇرۇلۇش ھۆكمى چىقىرىلىپ بولغان ۋە ئىجرا بولۇشنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاش ئۇنتۇلۇش، سەل قارىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولىۋېرىدۇ؟
ئەلۋەتتە، كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى، يۇقىرى ياكى تۆۋەن چەكتە بولۇشى ئايرىم مەسىلە. لېكىن بۇنى مەسىلە سۈپىتىدە قولغا ئېلىشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلماقتا يوق، ئوتتەك قىزىقلىق بىلەن باشلاپ قويۇپ، كۈنتەرتىپلەر ئالماشقانچە پۈتۈنلەي يېڭىلىرىغا غەرق بولۇپ مېڭىش، باشلانغان ئىشنىڭ چالا قېلىشى، سورىقى ياكى ئىز دېرىكى بولماسلىقى، باشلانغان ئىش ئاخىرىغا چىققانغا قەدەر كۈزىتىلمەسلىكى، ئەسلىنىپ تۇرۇشىدىن بىئارام ھالغا كېلىدىغان تۈس ئېلىش ئايرىم مەسىلە. ئەجەبا، تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان، بولۇپمۇ دۈشمەننىڭ قىلتىقى سەۋەبلىك، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى سەۋەبلىك ئەسىر ھالىتىگە چۈشۈپ قالغانلارغا قارىتا مەسىلىنى كۈنتەرتىپتىن چۈشەرمەي ئاخىرىغا قەدەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەممە ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ئەمەسمۇ؟!
3
كۈنىمىزدە «قىرىق يىل مابەينىدە كۈلۈپ باقمىغان كىشى» بار دېيىلسە، بەلكىم نۇرغۇنلار ئىشەنمەسلىكى، ئاز بىر قىسىملار ھاڭ - تاڭ قېلىشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ كۈنىمىز رېئاللىقىدا بۇنداق بىر تەسۋىرگە باب كىشىلەرنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىشنىڭ ئورنىدا. ھالبۇكى، تارىخ ئىبرەتلەرگە تولغان بولۇش بىلەن بىرگە، ئۈلگىلەر بىلەنمۇ تولغان. شۇڭا كۈنىمىزدە بىنورمال تۇيۇلىدىغان بەزى ئىشلارنىڭ ئەسلىدىلا بىنورمال ئەمەسلىكىنىمۇ دىققەتكە ئېلىش مۇھىم بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە تارىخ «كۈلمەسلىك» چاغلىق ئاددىي تۇتۇمى بىلەن پۈتۈلگەن ئۈلگىلەرنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭغان بولۇپ، ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەبۇ ئۇبەيدەتۇل خاۋاس ئىسىملىك مۇھەددىس ئالىم ئەنە شۇلاردىندۇر. ئۇ زامانداشلىرى تەرىپىدىن قىرىق يىل كۈلمىگەن كىشى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن نېمىشقا كۈلمەيلا؟ دەپ سورالغىنىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى مەشھۇر تارىخىي جاۋابىنى بەرگەن ئىدى: «مۇشرىكلار چاڭگىلىدا مۇسۇلمان كىمەرسەلەر بار ئىكەن، قانداقمۇ كۈلەلەي». [صفة الصفوة] (2/416).
قارىماققا بۇ خىل تۇتۇم بۈگۈنكى بىزلەر ئۈچۈن بىنورمال ئاڭلانسىمۇ، ئەمما قۇلاق تۈۋىدە ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان «مۇئمىننىڭ مىسالى ئۆزئارا دوستلىشىش، كۆيۈنۈش ۋە يار يۆلەك بولۇشتا بىر تەنگە ئوخشايدۇ. كىشىنىڭ تېنىدىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەندىن ئۇيقۇ قاچىدۇ، قىزىپ ئارامسىزلىنىدۇ» دېگەن ھەدىس جاراڭلاپ تۇرىدىغان شوئۇرى ئۆتكۈر بىر مۇھەددىس ئۈچۈن چۈشىنىشكە بولىدىغان بىر مەسىلە. بۇنى مەزكۇر ھەدىسنى ۋۇجۇدىدىن ھېس قىلىپ يەتكەن ئەمەلىي رېئال كارتىنىلاردىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
مەسىلىگە ئىسلامنىڭ ئىنساننى مەركەز قىلغان ھۆرلۈك دىنى بولغانلىقى نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان ئىپادىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇنلۇقىغا قاراپ تۇرماسلىق، ئۇلارنىڭ ھۆرلۈكىنى باشقا ھۆرلۈكلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشتەك ھەققانىي تۇتۇملىرىنى ئىپادىلەيدىغانلارنىڭ بولۇشى ئەلۋەتتە زۆرۈر. شۇڭا بىز بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان تۇتۇملارنى ئۆز ئارىمىزدا تولىمۇ نادىر ئۇچراتساقمۇ، ئەمما تارىخىي قەيتلەردە پەرقلىق شەكىللەردە كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز. مەسىلەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنىدۇ: «مەن ئۈچۈن بىر مۇسۇلماننى كۇففارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئەرەب يېرىم ئارىلىنى قۇتۇلدۇرغاندىن سۆيۈملۈك بىلىنىدۇ». مُصنف ابن أبي شيبة (12/418).
ئەييۇبىي دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن مەشھۇر قوماندان نۇرىددىن زەنكىي شۇنداق ئېيتىدۇ: «مۇسۇلمانلار پەرەڭلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان بىر ۋاقىتتا، ئاللاھقا تەبەسسۇملۇق ھالىتىم بىلەن كۆرۈنۈش مەن ئۈچۈن ئىزا». الروضتين لأبي شامة المقدسي (2/143)
بىز بۇ خىل تۇتۇملارنى جەڭ قورالى تۇتقانلاردىلا ئۇچراتمايمىز. بەلكى قەلەم ۋە ئەلەم ئەھلى بولغان مۇجاھىد ئالىملارنىڭ، مۆتىۋەر ئۆلىما، پېشىۋالارنىڭ پەتىۋالىرىدىمۇ ئۇچرىتالايمىز. مەسىلەن، ئەھلىسەلىپ ۋە موڭغۇل ئىستېلالىرىغا قارشى گاھ ئەلەم، گاھ قەلەم جەڭگاھلىرىدا ئىستېلاچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغان ۋە مول ئىلمىي سەمەرىلەرنى قالدۇرۇش بىلەن ئۆلىمالار سۇلتانى تەخەللۇسى تونۇلغان مۇجەددىد ئالىم ئىززىبنى ئابدۇسسالام شۇنداق ئېيتىدۇ: «مۇسۇلمانلارنى كۇففارلار چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئاللاھقا مۇقەررەب قىلغۇچى ئىبادەتلەرنىڭ ئەۋزىلىدۇر. ھەتتا بىر تۈركۈم ئۆلىمالار ئېيتماقتىكى، ناۋادا بىر مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا، ھەممىمىزگە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ۋاجىبقا ئايلىنىدۇ. يا بىز ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمىز، ياكى دۈشمەننى يوقاتمىغۇچە بولدى قىلمايمىز». أحكام الجهاد وفضائله (ص97).
موڭغۇل ئىستېلالىرىغا شاھىت بولغان نوپۇزلۇق ئالىملاردىن ئىمام نەۋەۋى دۈشمەن قولىغا چۈشكەن تۇتقۇن مەسىلىسىنى شۇ تەرزدە بايان قىلىدۇ: «ناۋادا ئۇلارنىڭ چاڭگىلىغا بىر ياكى ئىككى مۇسۇلمان تۇتۇلغۇدەك بولسا، تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ دەرىجىسى ئىسلام تۇپراقلىرىغا بېسىپ كىرگەننىڭ دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ يوق، بۇنى ھەل قىلماق لازىم. بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت. بىرى، تۇپراققا بېسىپ كىرگەنگە ئوخشاش دەپ قارىغىلى بولمايدۇ، دېگەن قاراش. بۇ قاراشقا كۆرە، بىر ئادەمنى دەپ پۈتۈن قوشۇننى قوزغىتىپ ئولتۇرۇش ئاۋارىچىلىك. يەنە بىر قاراش بولسا، ئەڭ توغرا قاراش بولۇپ، توغرىسى مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلىش بىلەن تۇپراققا بېسىپ كىرىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ھەق - ھۆرمىتى ماكاننىڭ ھۆرمىتىدىن ئۇلۇغ». روضة الطالبين (10/216)
ئىمام نەۋەۋىدىن كېيىنكى ئالىملاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىييە، يەنى بىز يۇقىرىدا يات ئىستېلاچىلارغا قارشى تۇتۇمى ئېنىق ۋە خەلقىنىڭ يەھۇدىي - ناسارالىرىنىلا ئەمەس، ئىسلام تۇپرىقىنىڭ بىر تال خىشىنىمۇ ئىستېلاچىغا تارتقۇزماسلىق پوزىتسىيەسىدە تۇرغان ئىبنى تەيمىييە شۇنداق دەيدۇ: «تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئەڭ چوڭ ۋاجىب ئەمەللەر جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ يولدا پۇل - مال سەرپ قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك چارىلەرنى ئىشلىتىش ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەتلەر قاتارىدىندۇر». (الفتاوى28/635)
ئەندەلۇسنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ئىبارەت كەلگۈسى پاجىئەلىك تەقدىرىنى بەلگىلىگەن مەشھۇر ئۇرۇشلاردىن بىرى بولغان تەرىيف جېڭىدە شەھىد بولغان دەۋرىنىڭ يېتۈك ئالىمى ۋە مۇپەسسىرى ئىمام ئىبنى جۇزەي شۇنداق دەيدۇ: «كۇففارلار قولىغا چۈشۈپ قالغانلارنى قولدىن كەلسە ئۇرۇش قىلىپ، بۇنىڭدىن ئاجىز كەلسە پۇل - مال تۆلەپمۇ بولسا قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ۋاجىبتۇر». قوانين الأحكام الشرعية (ص172).
ئىمام ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا ئۇلار بىر مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلىپلا قالغان بولسا، ئەڭ توغرا كۆز قاراش ئىمكانىيىتى يار بەرگەن بارچە كىشىگە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە قوزغىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ھەتتا بۇ ۋاقىتتا قۇلنىڭمۇ خوجايىنىنىڭ ئىزنىسىز چىقىشى كېرەك بولىدۇ». (تحفة المحتاج: 9/237)
يۇقىرىقىلار ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخىدا ئۆتكەن نوپۇزلۇقلارنىڭ، ئىلمىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتنى سىلجىتىشتا، خەلقنى توغرىغا يېتەكلەشتە بارلىقىنى ئاتىغان، جېنىنىمۇ ئايىمىغان ئۇلۇغلارنىڭ تۇتقۇنلۇق مەسىلىسىگە تۇتقان جىددىي پوزىتسىيەلىرى ھەققىدىكى بىر قىسىم بايانلاردۇر. بۇ ھەقتە يەنە تالايلىغان مەنبەلەر، قىممەتلىك كۆز قاراش ۋە ئىستېلاچىلىققا قارشى مەزمۇت تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەلەر سۆزلەنگەن بايانلار بار بولۇپ، يۇقىرىقىلار ئۆرنەك سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەنلىرى خالاس. ئەلۋەتتە، ئاسارەت ئاستىدىكى مۇسۇلمان بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي كىرىزىسلاردا يۇقىرىقىلار بىزگە ئۇنتۇلغان قىممەتلىرىمىزنى تونۇپ يېتىشتە، ئىدىيەۋى تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەلىرىمىزنى ساغلاملاشتۇرۇشتا بىزگە ئۆزىمىزنى ئەسلىتىدىغان، جەڭگىۋار ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ گېزى كەلگەندە بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشتا ئەھمىيىتى زور بولغان مەلۇماتلاردۇر.
مەزكۇر بايان ۋە نەقىللەردىن ئەڭ ئالدى بىلەن بىر كۇفۇر قەۋمنىڭ ئىستېلاسىغا دۇچ كەلگەندە مۇسۇلمانلىق شوئۇرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، ئىستېلاچىلارنىڭ قولىدىكى تۇتقۇنلارغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەسىرلەرگە قانداق مەۋقەدە بولۇش لازىملىقى، مەسىلىگە ئىنسانىي بۇرچ، ئىسلامىي مەۋقە بىلەن قانداق تۇتۇم بەلگىلەش زۆرۈرلۈكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەجەبا يۇقىرىقىدەك ئىمانىي تۇتۇمدىن، مۇستەملىكچى كۇففارغا قارشى پوزىتسىيە، ھەمدە ئۇلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈۋاتقان ۋە چۈشۈش خەۋپىدىكىلەرگە قارىتا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ئېڭىدىن قانچىلىك نېسىۋە ئالغاندىمىز؟ نۆۋەتتە بۇ تېمىدا ئويلىنىپ كۆرۈش كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپ تۇرۇپتۇ.
4
غەززالىينىڭ تەربىيەسىدە يېتىشكەن، ھەمدە سەلجۇقىيلارنىڭ گۈللىنىش ۋە پارچىلىنىش دەۋرلىرىگە شاھىت بولغان، شۇنداقلا ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي بوھرانلارغا، تۈرلۈك ئىچكى نىزا - پىتنىلەرگە شاھىت بولغان دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تارىخچىسى، ھەمدە مالىكىي مەزھەپ قازىيلىرىدىن بولغان مۇجتەھىد ئالىم ئىمام ئەبۇ بەكر ئىبنۇلئەرەبىي «قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرى» ناملىق ئەسىرىدە ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى، ھەمدە بۇنى ئورۇنداشنىڭ تەرتىپلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ كىرىزىسىلىق بىر دەۋرنىڭ تىرىك شاھىدى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇتقۇنلۇقنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا راۋا كۆرۈۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئېچىنىدۇ ۋە مەيۈسلەنگەنلىكىنى شۇ سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ: «چارىسىزلىك تۈپەيلى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارغا ياردەم قولنى سوزۇش ۋاجىبتۇركى، ھېچبىر تىرىك جان ئىگىسى بۇ ئىشتا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى، بۇ مەجبۇرىيەتنى تاكى ئەسىرلەر قۇتۇلغانغا قەدەر ئورۇندىشى كېرەك. ئەگەر قۇتقۇزۇشتا سانىمىز بىلەن بەس كەلگىلى بولسا، بولغانچە، بەس كەلگىلى بولمىسا، بىر تەڭگە پۇلىمىز قالغۇچە سەرپ قىلىپ قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. بۇ ھەم ئىمام مالىكنىڭ ۋە باشقا جىمى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر. ئەپسۇس، خەزىنىلىرى پۇل - مالغا تېشىپ تۇرسىمۇ، ھال - كۈنى پاراغەتلىك ئۆتۈۋاتسىمۇ، سان ۋە سۈپەتتە، كۈچ ۋە ماغدۇردا ئېشىنىپ تۇرسىمۇ قېرىنداشلىرىنى تۇتقۇنلۇققا تاشلاپ قويۇپ كېتىۋاتقان خالايىقنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ‹ئىننالىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن› دېمەي بولمايۋاتىدۇ». أحكام القرآن (440/2).
ئىبنۇلئەرەبىي بۇ يەردە كۈچ جەھەتتىن قۇربى بار تۇرۇپ، ئۇرۇنسا قىلالايدىغان تۇرۇپ جىددىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشلىرىغا قاراپ تۇرۇۋاتقان، قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىۋاتقان زامانداشلىرىنىڭ ھالىغا ئېچىنماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتكە سەل قاراۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانماقتا. ئۇ يەنە قېرىنداشلىرىنى تۇتقۇنغا تاشلاپ قويمايدىغان جەمئىيەتنى تىرىكلەر سەپتىن قالماي بىرلىكتە قوزغىلىدىغان جەمئىيەت دەپ سۈرەتلىسە، بۇنىڭغا سەل قاراۋاتقان توپلۇمنى ئۆلۈك توپلۇم قاتارىدا تەبىرلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىگە خۇددى ئۈلۈكنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇغان تەرزدە مۇسىبەت ئايىتى ئوقۇش بىلەن سۆزىنى تۈگەللەيدۇ.
دەرۋەقە، ئىبنۇلئەرەبىينىڭ شۇ دەۋر جەمئىيىتىگە بەرگەن بۇ ئاچچىق تەسۋىرى ئۇلارنىڭ ئاز كەم ئىككى ئەۋلادقا قەدەر تۈگەل زەئىپلىكتە، پارچىلىنىش ۋە مەغلۇبىيەت ئىچىدە ئۆتۈشىنىڭ ئارقىسىدىكى بەزى ئىچكى ئامىللارغا دىققەت تارتىدۇ. غەززالىي ۋە ئۇنىڭ تەربىيەسىدە ئىزباسار بولۇپ يېتىشكەن ئالىملارنىڭ ئىسلاھات مېۋىسىنىڭ تەجەللىيلىرىدىن بىرى بولغان ۋە نەچچە ئەۋلادقا سوزۇلغان يېڭىلىنىشتىن كېيىن قەد كۆتۈرۈپ چىققان ئەييۇبىيلارنىڭ، خارەزىمشاھلارنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشىمۇ ئەمەلىيەتتە نەچچە ئەۋلادقا سوزۇلغان يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي كىرىزىسلارسىز، ئۆلۈك جەمئىيەتكە ئايلىنىشتەك ئاقىۋەت نەتىجىسدە تالايلاپ تۆلەنگەن ئېغىر بەدەللەرسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.
زەئىپلەشكەن، چۈشكۈنلەشكەن بىر جەمئىيەتنىڭ كارتىنىلىرىدىن بىرىنىڭ تۇتقۇنغا دۇچ كەلگەن قېرىنداشلىرىغا ساھىب چىقماسلىق، قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتەك ئەقەللىي مەسئۇلىيەتتە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش ئورنىغا، بىر - بىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتۈشنى بەس قىلماسلىقنى تەنقىدلىگەن ئالىملاردىن بىرى ئەندۇلۇسلۇق ئالىم ئىمام ئەلقۇرتۇبىيدۇر. ئۇ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 85 – ئايىتىگە بەرگەن تەپسىرىدە قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھدى بۇزۇش سەۋەبلىك تەڭرىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان خۇسۇسىيەتلىرىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە شۇنداق دەيدۇ: «ئالىملىرىمىز بايان قىلىدۇلەركى، جانابى ئاللاھ يەھۇدىيلاردىن تۆت تۈرلۈك ئىشتا ئەھدە ئالغان بولۇپ، ئۇلار: ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماسلىق، بىر - بىرلىرىنى پاتۇرماي يۇرتتىن قوغلايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، بىر - بىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتمەسلىك، دۈشمەنگە ئەسىر چۈشۈپ قالغانلارنى تۇتقۇندىن خالاس قىلىش قاتارلىقلار ئىدى. ئەمما ئۇلار ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى قۇتۇلدۇرۇشتىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن باش تارتىشتى. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھدىنى بۇزۇشتەك قىلمىشىغا كايىدى. تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئۇشبۇ ئايەت ئارقىلىق ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ‹سىلەر نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، يەنە بىر قىسىمىغا كۇفۇرلۇق قىلىۋاتامسىلەر؟› دېدى. مۇشۇ نۇقتىدا مەن دەيمەنكى، تەڭرىگە قەسەمكى، نۆۋەتتە بىز ئىچكى پىتنىلەر سەۋەبلىك يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدىن باش تارتىپ بولدۇق. شۇڭا بىر - بىرىمىزگە قارشى ھەپىلىشىشلەر باش كۆتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. كاشكى بۇنداق دۈشمەنلىشىش مۇسۇلمانلارغا قارىتىلماي كاپىرلارغا قارىتىلسا. ھازىر شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارماقتىمىزكى، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى مۇشرىكلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاشلاپ قويۇشتەك خار - زەبۇنلۇققا دۇچار قىلماقتىمىز. بۇ ھالىمىزغا لاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ، دېمەي نېمىمۇ دېگۈلۈك!؟». الجامع لأحكام القرآن (2/23) .
ئانا يۇرتى قۇرتۇبەنىڭ ئىشغالىغا شاھىت بولغان، يۇرتىنىڭ ئىشغالىدىن كېيىن ئافرىقا قىتئەلىرىگە قەدەر ئىلىم ئىزدەپ مۇھاجەرەت ھاياتىنى ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئەندەلۇسلۇق بۇ گىگانت ئالىمنىڭ مەزكۇر تەنقىدىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مەغلۇبىيەتلەر، تۆلىنىۋاتقان بەدەللەرنىڭ ھېچبىرى بىھۇدە ئەمەس. بەلكى پۈتۈنلەي ئىچكى يىمىرىلىش، ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك، چىرىكلىشىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەسىلىنىڭ ئانا يىلتىزى بولغان. ئۇ مەزكۇر تەنقىدىدە تەڭرى لەنىتىگە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار تۆت تۈرلۈك ئەھدىنىڭ ئۈچىنى بۇزۇش سەۋەبلىك ۋەتەنسىزلىككە، سۈرگۈنگە، خارلىققا مۇپتىلا بولغان بولسا، ئۆز جەمئىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلىرى ھەددىدىن ئېشىشتا ئۇلارنىمۇ بېسىپ چۈشمەكتە. شۇڭا ئۇ مەزكۇر سۆزلىرى ئارقىلىق قارغىش ئالغان يەھۇدىيلارمۇ تەرك قىلىپ باقمىغان ۋە ئۆز ئىچىدە رەقىبى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۆز قەۋمدىشى بولسىلا ئۇنى تۇتقۇنلۇققا تەرك قىلىپ قويماسلىقتەك ئەقەللىي مەسئۇلىيەت ۋە غۇرۇر مەسىلىسىنىمۇ جارى قىلدۇرمايۋاتقان ئۆز جەمئىيىتىنىڭ، جۈملىدىن كۇففارلارنىڭ ئىشغالىغا دۇچ كېلىپمۇ سىلكىنمەيۋاتقان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ھالىدىن مەيۈسلەنمەكتە. ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلاردىنمۇ بەتتەر ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئېچىنماقتا. يەنە كېلىپ ئايەت ئەھدىنى بۇزۇشنى، قېرىنداشلىققا ئىگە چىقماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي چىركلىكنى «بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، يەنە بىر قىسمىغا ئىشەنمەسلىك»كە تەڭ ساناپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەھۇدىيلار تەۋراتقا ئىشەنمەسلىك ئىددىئاسى بىلەن ئەھدىنى بۇزمىغان، ئەكسىچە دېگەن سۆزىنى تۇتماسلىق بىلەن ئەھدىنى بۇزغان. مانا بۇ تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەلەر قۇرئان نەزىرىدە ئىشەنمەيدىغانلىقنى بىلدۈرۈشكە تەڭ بولۇپ، بۇ نۇقتىمۇ بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرىمىز ۋە مەيدان - پوزىتسىيەلىرىمىز بىلەن ئىشەنگەن ۋە ئىمان كەلتۈرگەنلىرىمىز ئارىسىدىكى بوشلۇقنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى ۋە قانداق خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىكتۇر.
خاتىمە
كىشى بەزىدە ئەسىرلىككە چۈشۈپ قالغان بىرمۇ مۇسۇلمان قالمىغانغا قەدەر ھاياتى بويىچە تەبەسسۇمنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن ئاشۇ زاتلار بىزدەك دىنداشلار ئەمەس، تارىخداش، قەۋمداش، يۇرتداش ۋە ۋەتەنداش بولغانلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئەسىر ھاياتىنى ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نەغمە - ناۋانى ئاتالمىش ئىنقىلابنىڭ پارچىسى قىلىۋالغان ھالىتىنى كۆرسە، ئاتالمىش «مەدەنىيەت قوغداش»، «قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش» ئۇنۋانى ئاستىدا قەھقەھەلىك يىغىلىشلارنى، يەپ - ئىچىش سورۇنلىرىنى، ئۇسۇل ۋە ناخشا - مۇزىكىلىق پائالىيەتلەرنى ئۈزمەي داۋام قىلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشەنسە، شۇنداقلا ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە قۇربى يەتمىدى دېگەندىمۇ، ۋەتەن سىرتىدا بىزنى تەبەسسۇمدىن مەھرۇم قىلىپ ئەمەس، ئەكسىچە يۈرەكنى سىيرىيدىغان تۇتقۇنلۇق ھادىسىلىرى تۇرسىمۇ ئۇنتۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىمىزنى، كۈن تەرتىپتىن سۈپۈرۈلۈش دەرىجىسىدە پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان بۇ يارامسىز ھالىتىمىزنى بىز شاھىت بولغان تەرىقىدە شاھىت بولسا نېمە ھالغا چۈشەر ئىدى، دېگەننىمۇ ئويلاپ قالىدۇ. يەنە بەزىدە كىشى ئىبنى تەيمىييەنىڭ «مۇسۇلمان ئەسىرلەرنىلا قويۇپ بەرسەڭ ھېساب ئەمەس، يەھۇدىي - خىرىستىيان ئەسىرلەرنىمۇ قويۇپ بېرىشىڭ كېرەك. چۈنكى ئۇلارمۇ شام خەلقى جۈملىسىدىن» دېگەنلىرىنى ئويلاپ: ئەي خەلق! باشلىغان ئىشنى ئاخىرىغا چىقىرىڭلار! دۈشمەن قايتۇرۇۋېلىش قەستىدە يۈرۈۋاتقان تۇتقۇن - ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش كويىدا بولۇڭلار، چۈنكى ئۇلارمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق، دېگۈسى كېلىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاڭدىن سۈپۈرۈلگەن، پەقەتلا ئىسكىلىتىگە ماركىسى چاپلىنىپ قالغان مۇسۇلمانچىلىق، شاكال مىللەتچىلىك ۋە سۆلەتۋاز ئىلىم ھايانكەشلىكى بار ئىكەن، يۇقىرىقىدەك خىتابنىڭ كارىنىڭ چاغلىق بولۇشىمۇ بىر ئەمەلىيەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. دېمەك يەنىلا تەكىتلىمەي بولمايدۇكى، زېھنىي ئەسىرلىكنى تۈگەتمەي تۇرۇپ جىسمانىي ئەسىرلىككە خاتىمە بېرىشتىن سۆز ئېچىش ئەمرى مۇھالدۇر. پەقەت بۇ ئىككىسىگە خاتىمە بېرىلگەندىلا ئاسارەت ئاتلىق بۇ مەلئۇن تامغىنى مىللەت سۈپىتىدە يۇيۇشنىڭ ئىمكانى قولغا كەلگۈسى.
شۇ ئېنىقكى، نۆۋەتتە ئەسىر قەۋمداشلىرىغا قول سوزغىدەك جۈرئىتى قالمىغان، ۋەتەن سىرتىدا تۇتقۇن قەۋمداشلىرىنى قۇتۇلدۇرغىدەك مادارغا كېلىپ بولالمىغان، ئەسىرلىكنى ئۆزىگە قانچىلىك راۋا كۆرمىسە، قېرىنداشلىرىغىمۇ شۇنچە راۋا كۆرمەيدىغانلىقىنى ئورتاق سادا ۋە قەتئىي مەيدان بىلەن ئىپادىلەشكە ماجالى يوق بوشاڭ بىر توپلۇمنىڭ، بولۇپمۇ ئاسارەتنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ھېسسىيات ئوۋلايدىغان سىياسەتچىلىكنىڭ قىسمەتلىرىنى تەڭ تارتىپ ئۆتۈشكە رازىمەن بىر توپلۇمنىڭ ھۆرلۈك ئىستىكىنىڭ بارلىقى ھەقىقەتەن دەرگۇمان مەسىلە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «قىلىۋاتىمىز»، «ئېتىۋاتىمىز»لارنى تەكرارلاپ ھارمايدىغان كارۋان «بېشى»دىكىلەرنىڭ داۋاسىدىمۇ قانچىلىك ھەقىقەت بارلىقى، سەمىمىيلىكى تارازىغا قانچىلىك ئولتۇرالايدىغانلىقى مەسىلىسىمۇ سوئال ئىشارىتىگە لايىق بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا ۋىجدان ئەھلىمەن، دېگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان سوئال شۇ: ئەجەبا بىز ھۆر بولۇشقا راستتىنلا تەييارمۇ؟ لايىقلىشىۋاتامدۇق؟ قانچىلىك؟!
-بۇرھان مۇھەممەد