Jump to content

راكنى داۋالاش ئۇسۇلىنى بايقىغانلار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئورنى Wikipedia

راكنى داۋالاش ئۇسۇلىنى بايقىغانلار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈنۈگۈن 2024-يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى.

«microRNA نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم رولىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى» ئۈچۈن ئامېرىكىلىق ئالىم ۋىكتور ئامبروس (Victor Ambros) ۋە گارى رۇۋكۇن (Gary Ruvkun) بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

microRNA نىڭ نۇرغۇن ئېغىر كېسەللىكلەر ( مەسىلەن، راك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، ئۆز ئىممۇنىتېت كېسىلى قاتارلىقلار ) دىكى تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندا، ئالىملار تېخىمۇ كۆپ يېڭى نىشاننى تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى دىياگنوز قويۇش قورالى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېچىپ چىقالايدۇ.

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :

«ئۇلارنىڭ بايقىشى گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ يېپيېڭى بىر ئۆلچىمىنى ئېچىپ بەردى. microRNA ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلار تەنچىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

ئۇلار 1 مىليون 100 مىڭ شىۋېتسىيە كىروناسى مۇكاپاتى ( تەخمىنەن 7 مىليون 440 مىڭ يۈەن ) دىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىككىيلەن دوكتور ئاشتى مەزگىلىدە يەنە بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى Howard Robert Horvitz نى ئۇستاز تۇتقان.

ئىككىيلەن 2008-يىلى لاسكېر مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا (Lasker Medical Research Awards ) ئورتاق ئېرىشكەن بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى سەۋەب دەل microRNA نى بايقاش ئىدى. لاسكېر مۇكاپاتى ئاممىنىڭ ئاغزىدىكى «نوبېل مۇكاپاتىنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى» نى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. 
كۈتۈلمىگەن بايقاش - گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىكى يوشۇرۇن مېخانىزىم. 
ئىنسانلارنىڭ خروموسومىدا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى بەدەندىكى بارلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتەكچى قوللانمىسى قىلىشقا بولىدۇ. ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ تەركىبىدە ئوخشاش بولغان خىروموسوما بولىدۇ، شۇڭا ھەربىر ھۈجەيرە تامامەن ئوخشاش بىر گۇرۇپپا گېن ۋە تامامەن ئوخشاش بىر گۇرۇپپىدىن كەلگەن بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
لېكىن، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ھۈجەيرىلەر، مەسىلەن، مۇسكۇل ھۈجەيرىسى بىلەن نېرۋا ھۈجەيرىسى ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ پەرقلەر قانداق پەيدا بولغان؟ 
 جاۋابى گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشتە بولۇپ، ئۇ ھەر بىر ھۈجەيرىنىڭ پەقەت مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنىلا تاللىشىغا يول قويىدۇ. بۇ ھەر بىر خىل ھۈجەيرە تىپى ئىچىدە پەقەت توغرا گېننىڭ جانلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 
microRNA گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. 

DNA دىكى ئېرسىيەت ئۇچۇرى (RNA (mRNA غا ئۆتىدۇ، بۇ جەريان كۆچۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ، ئاندىن يەنە ئاقسىلغا «تەرجىمە» قىلىنىدۇ. (ئاقسىلغا ئايلىندۇ)

بۇ ئاقسىللار ھاياتلىق ئىقتىدارىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاساسلىق مولېكۇلالاردۇر. Ambros بىلەن Ruvkun نىڭ بايقىشى بۇ جەريانغا يېڭى تەڭشەش-تىزگىنلەش قاتلىمى قوشتى.

20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، بەزى ئەڭ ئاساسلىق ئىلمىي بايقاشلار بۇ جەريانلارنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئىنسانلارنىڭ ئەزالىرى ۋە تۇقۇلمىلىرى نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان تىپتىكى ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ ھۈجەيرىلەردىكى DNA نىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولغان ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرى ساقلانغان بولىدۇ.

لېكىن، نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ھۈجەيرىلەر ئوخشاش بولمىغان ئاقسىللارنى ئىپادىلەپ چىقالايدۇ؟ 
جاۋابى گېننىڭ ئاكتىپلىقىنى دەل جايىدا تەڭشەش-تىزگىنلەشتە، ھەربىر خىل ئالاھىدە بېكىتىلگەن ھۈجەيرە تىپى ئىچىدە پەقەت توغرا گېنلا جانلىق بولىدۇ. ئەگەر گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشتە مەسىلە كۆرۈلسە، راك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىك قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  
20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئىلىم ساھەسىدە، كۆچۈرمە فاكتور ئالاھىدە ئاقسىلىنى DNA ئالاھىدە رايونىغا بىرلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە قانداق mRNA ھاسىل قىلىشنى قارار قىلىش ئارقىلىق ئىرسىيەت ئۇچۇرىنىڭ يۆتكىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. كېيىن كىشىلەر نەچچە مىڭ كۆچۈرمە فاكتورنى باھالاپ چىقتى. بۇ بىرمەھەل گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئاساسلىق مېخانىزمى دەپ قارالغان. 
يىپچە قۇرتتىن ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايقاشقىچە.

بۇ زور بايقاش Ambros بىلەن Ruvkun نىڭ بىر خىل ئىنتايىن ئاددىي ھايۋان − يىپچە قۇرتنى تەتقىق قىلىشىدىن كەلگەن.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، Ambros بىلەن Ruvkun يىپچە قۇرتنىڭ ئۆسۈشىگە مۇناسىۋەتلىك فىزىئولوگىيە مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، تاسادىپىي بىر غەلىتە «قوماندان» نى بايقاپ قالدى. بۇ «قوماندان»دەل lin-4 گېن.

ئادەتتە، گېننىڭ خىزمىتى ھۈجەيرىنىڭ ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بولۇپ، خۇددى زاۋۇتنىڭ لايىھە چېرتيوژىغا ئوخشايدۇ. لېكىن، lin-4 دېگەن بۇ «قوماندان»ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئاقسىل ياسىمايدۇ، بەلكى بىر خىل ناھايىتى قىسقا بولغان RNA مولېكۇلاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ قىسقا RNA مولېكۇلاسى يەنە بىر گېن lin-14 نىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغاندەك قىلاتتى.   
بۇ خۇددى بىر چوڭ زاۋۇتتا كىچىككىنە بىر «ئۈزچات» نى بايقىغانغا ئوخشايدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئايلىنىشىنى كونترول قىلالايدىكەن! 
1993-يىلى Ambros بىلەن Ruvkun ئايرىم-ئايرىم ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ سىرلىق كونترول قىلىش جەريانىنى چۈشەندۈردى. 
ئۇلار lin-4 RNA نىڭ خۇددى بىر ئاچقۇچقا ئوخشايدىغانلىقىنى، lin-14 گېن ھاسىل قىلىدىغان توشۇغۇچى بىلەن RNA نى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ( يەنى mRNA ، ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى microRNA بىلەن ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدۇ) بۇ «ئاچقۇچ»نى «قۇلۇپ تۆشۈكى»گە كىرگۈزگەندىن كېيىن، 14-lin نىڭ ئاقسىل ھاسىل قىلىشىنى توسىدۇ.
بۇ بىر خىل پارازىتسىز يىپچە قۇرت بولۇپ، تېنى سۈزۈك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1 مىللىمېتىر كېلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى مۇرەككەپ ھايۋانلارنىڭكىدەك ھۈجەيرە تۈرلىرى بار، مەسىلەن، نېرۋا ھۈجەيرىسى، مۇسكۇل ھۈجەيرىسى، شۇڭا ئۇ كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ قانداق يېتىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم مودېلغا ئايلانغان.  
ئامبروس ئەترىتى ئەسلىدە يىپچە قۇرتىنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى 4-lin گېننىڭ رولىنى تەتقىق قىلماقچى ئىدى. 
دەسلەپتە ئۇلار 4-lin گېن بىر خىل تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاقسىلىنى كودلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىغان، لېكىن تەجرىبە نەتىجىسى 4-lin گېننىڭ ھاسىلاتى بىر خىل كىچىك RNA مولېكۇلاسى بولۇپ، بۇ ئەينى چاغدىكى تونۇشقا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.   
ئۇنىڭ ئۈستىگە 4-lin دىن كەلگەن كىچىك RNA مولېكۇلالىرى يەنە 14-lin گېننى چەكلەپ قويىدۇ.

بۇنىڭ ئارقىسىدىكى مېخانىزم قانداق؟

يەنە بىر تەرەپتىن، Ruvkun مۇ يىپچە قۇرت 14-lin نىڭ گېنىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ 4-lin نىڭmRNA نىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى، تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ گېننى ئىپادىلەشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا يۈز بېرىدىغانلىقى، ئاقسىل ھاسىل قىلىشنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بايقىدى. 
تەجرىبە يەنە lin-14 mRNA دىكى تىزگىنلەش رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر بۆلىكىنى ئېچىپ بەردى.

ئىككى تەتقىقات كوللېكتىپى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدىن شۇنى بايقىدىكى، lin-4 دىن بايقالغان كىچىك RNA تەرتىپى 14-lin دىكى ھالقىلىق بۆلەك تەرتىپى بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلايدىكەن. بۇ، بۇ microRNA مولېكۇلاسىنىڭ 14-lin نى بىۋاسىتە تەڭشەپ تىزگىنلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

1993-يىلى، بۇ ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات «ھۈجەيرە » (Cell) ژۇرنىلىدا ئىلگىرى-كېيىن ئېلان قىلىنغان.

بىراق ئەينى چاغدا ئۇلار ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى بەك قوزغىمىغان ئىدى. چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ھادىسە بەلكىم شۇ خىل يىپچە قۇرتقىلا خاس بولۇپ، ئىنسانلار ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

2000-يىلى، رۇۋكۇن كوللېكتىپى يەنە بىر microRNA مولېكۇلاسى let-7 نى بايقىدى، ئۇمۇ يىپچە قۇرتتىكى گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى. بىلىش كېرەككى، let-7 گېن يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، جۈملىدىن ئىنسانلاردىمۇ بار.

بۇ ئىلىم ساھەسىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى، شامال يۆنىلىشى شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەردى، ئالىملار ھەر خىل جانلىقلار تېنىدىن تېخىمۇ كۆپ microRNA مولېكۇلالىرىنى ئىزدەش ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.

كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، نەچچە يۈز خىل ئوخشاش بولمىغان microRNA نى بايقىدى. ھازىرغىچە، مەلۇم بولغان ئىنسانلارنىڭ 1000 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان microRNA سى بار.
ئۇلار بايقىغان microRNA بولسا بىر خىل ناھايىتى قىسقا RNA مولېكۇلاسى بولۇپ، ئادەتتە ئاران 20~24 دانە نۇكلېئوزىد كىسلاتاسى ئۇزۇنلۇقىدا بولىدۇ. بۇ مىكرو مولېكۇلالار ئاقسىل ھاسىل قىلمايدۇ، بەلكى باشقا RNA مولېكۇلالىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق گېن پائالىيىتىنى تەڭشەيدۇ. 
بىز microRNA نى نازۇك بولغان «ئاۋاز تەڭشىگۈچ»غا ئوخشاتساق بولىدۇ. خۇددى بىز ئاۋاز ياڭراتقۇسىنىڭ ئاۋاز بۇرۇغۇچىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئاۋازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كونترول قىلالىغىنىمىزغا ئوخشاش، microRNA گېن ئىپادىلەشنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ۋاقتىنى توغرا تەڭشىيەلەيدۇ. 

يېتىلگەن جانلىقلار تېنىدە، microRNA ھەر خىل توقۇلمىلارنىڭ مۇقىم ھالىتىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار خۇددى بىر نازۇك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئەسۋابىغا ئوخشاش، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ھەر خىل گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش سەۋىيەسىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

جانلىقلار مۇھىت بېسىمىغا يولۇققاندا، بەزى microRNA ھۈجەيرىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى تېز سۈرئەتتە تەڭشەپ، ھۈجەيرىلەرنى تاشقى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

تەجرىبىخانىدىن كىلىنىكىغىچە microRNA نىڭ قوللىنىلىشى
ئالىملار microRNA نىڭ نورمالسىزلىقىنىڭ راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى يېڭى تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلىدى. 
دىياگنوز قويۇش جەھەتتە، بەزى microRNA نى كېسەللىكنىڭ بىيولوگىيەلىك بەلگىسى قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، قاندىكى بىر قىسىم microRNA لارنىڭ سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوختۇرلار كەلگۈسىدە بولماقچى بولغان بىر قىسىم راك كېسەللىرىنى تېخىمۇ بالدۇر بايقىشى مۇمكىن. بۇ خىل زەخمىسىز تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى دىياگنوزىنى يېڭىلىشىدىن ئۈمىد بار. 
داۋالاش جەھەتتە، ئالىملار ئالاھىدە بەلگىلەنگەن microRNA نىڭ ئاكتىپلىقىنى تەڭشەش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بەزى راك كېسەللىرىدە، بىر قىسىم microRNA لارنىڭ ئىپادىلىنىشى بىنورمال ئۆرلەيدۇ، يەنە بىر قىسمى بولسا بىنورمال تۆۋەنلەيدۇ. بۇ microRNA نىڭ نورمال سەۋىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن. 

microRNA قايتا ھاسىلىي مېدىتسىنا ساھەسىدە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى microRNA لارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، غول ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىكەن، بۇ توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئەزالارنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى يېڭى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

microRNA نىڭ بايقىلىشى بىزگە ھاياتلىقنىڭ يېڭى بىر ئۆلچىمىنى ئېچىپ بەردى. خۇددى گېننى تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ بىر يوشۇرۇن ئۈزچاتىنى بايقىغىنىمىزغا ئوخشاش، بۇ بايقاش بىزنى ھاياتلىقنىڭ مۇرەككەپلىكىگە قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ.

بىراق، بىزنىڭ microRNA غا بولغان چۈشەنچىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس. 
كەلگۈسىدە، ئالىملار microRNA نىڭ تەسىر مېخانىزمى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ microRNA نى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەجرىبىخانىدىكى بايقاشنى قانداق قىلىپ كىلىنىكىلىق قوللىنىشقا ئايلاندۇرۇشمۇ بىر مۇھىم تەتقىقات يۆنىلىشى. 

بۇ بايقاش microRNA ئاساسىدىكى يېڭى تىپتىكى دىياگنوز قويۇش قورالى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، microRNA تەتقىقاتى يەنە باشقا ساھەلەرگىمۇ ئىلھام ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، يېزا ئىگىلىكىدە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ microRNA سىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئارقىلىق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىغا تاقابىل تۇرالايدىغان ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالايدىغان يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مۇمكىن. مۇھىت قوغداش جەھەتتە، microRNA ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشتىكى يېڭى قورال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 
2024-يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىشى، Ambros ۋە Ruvkun نىڭ شەخسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتكۈل microRNA تەتقىقات ساھەسىنى ئېتىراپ قىلغانلىق.

تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، microRNA ساھەسى مۇقەررەر ھالدا ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېببىي ئىلىمگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ۋە بۆسۈش ئېلىپ كېلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە قارىماققا ئانچە مۇھىم بولمىغان بايقاش كەلگۈسىدە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئىلىم-پەننىڭ سېھرىي كۈچى، شۇنداقلا بىزنى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.


مەنبە: ئالپ سالونى