رامىزان ئېيىدا مەسجىد ھەرەمدە قىلىنغان خەتمە قۇرئان دۇئاسىنىڭ تەرجىمىسى

ئورنى Wikipedia

ھەرەمدە رامىزان دۇئاسى

رامىزان ئېيىدا مەسجىد ھەرەمدە قىلىنغان خەتمە قۇرئان دۇئاسىنىڭ تەرجىمىسى


جەلال ۋە جەمال سۈپەتلىرىدە يالغۇز بولغان اللە راست سۆزلىدى. اللە پۈتۈن ئەھۋاللارنى ئىجمالىي ۋە تەپسىلى تەسەرۇپ قىلىشتا يالغۇزدۇر.ئۇ ئۆزى ئەزەمەتى ۋە ئۇلۇغلىقى بىلەن پەيغەمبىرىگە قۇرئان كەرىمنى ئالەملەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ نازىل قىلدى. ئۇنىڭ ئىنسان ۋە جىندىن ئىبارەت پۈتۈن مەخلۇقلىرىغا خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى توغرا سۆزلىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ بولسا ئىنسانلارنى ئۇنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا چاقۇرغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ يوللىرىنى يۇرۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغدۇر.ئۇلۇغ اللە توغرا سۆزلىدى. ئۇ نېمەت بەرگۈچى، ھەلىم ۋە بەندىللىرىنىڭ دۇئالىرىنى بەك قۇبۇل قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ ئەزەمىتى ئالدىدا پۈتۈن باشلار ئىگىلگەن ۋە ئۇنىڭ ھەيبىتى ئالدىدا پۈتۈن قىيىنچىلىقلار يوق بولغاندۇر. ئۇ پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.سەۋەپلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنى تۇپراقتىن ياراتقاندۇر. اللە توغرا سۆزلىدى، ئۇنىڭدىنمۇ توغرا سۆزلەيدىغان كىم بار؟ اللە توغرا سۆزلىدى. ئۇ ھەممىنى بىلگۈچى، رەھىم قىلغۇچى، پۇتۇن مەۋجۇداتنى باشقۇرغۇچى، سالامەتلىك بەرگۈچى ۋە كەرەملىكتۇر. ئۇ قەتتى ئۆلمەيدۇ. ئۇ پۈتۈن ئۇلۇغلۇق ۋە كەرەمنىڭ ئىگىسىدۇر. بىز پەرۋەردىگارىمىز، ياراتقۇچىمىز ۋە رىزىق بەرگۈچىمىز بولغان اللە نىڭ سۆزلىگەنلىكىگە گۇۋاھچىمىز. .ۇنىڭ نازىل قىلغان ئۇلۇغ كالامىغا ئىنكار قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمىز. پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان اللە گە سانسىز شۈكرى قىلىمىز. اللە نىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئاتىلىرى ئادەم ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئەھلى ئەۋلادلىرىغا، ساھابلىرىغا ۋە ئۇلارغا ئەگشكەنلەرگە رەھمەت قىلىشنى تىلەيمىز.ئى كەرەملىك اللە ئەفۋىڭ ۋەسېخىلىقىڭ بىلەن بىزگە رەھىم قىغىن.ئى اللە بىزگە قۇرئان كەرىم بىلەن مەنپەئەتلىنىشنى نىسىپ قىلغىن . ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مەرتىۋىمىزنى كۆتۈرگۈن . قۇرئان شۇنداق ئۇلۇغ كىتابتۇركى، سەن ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئەڭ يۇقىرى قىلدىڭ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردىڭ. ئى سۆزلەرنىڭ سۇلتانى اللە ! سەن قۇرئان ھەققىدە بىز [جەبرائىلغا قۇرئاننى ئوقۇتقاندا] ئۇنى تىڭشىغىن، كىيىن ئۇنى بايان قىلىش بىزنىڭ ئۈستىمىزگىدۇر دېدىڭ. ئۇ سىنىڭ كىتابلىرىڭنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغراقى ، كالامدا ئەڭ پاساھەتلىكرەكى ۋە ھالال - ھارامنى بايان قىلىشتا ئەڭ ئۇچۇقراقىدۇر. ئۇنىڭ ھۆججەتلىرى ئاشكارا، كەم - زىيادىلىكتىن ساقلانغان، ئۇنىڭدا خۇش خەۋەر ، ئاگاھلاندۇرۇش، قورقىتىش ۋە تەھدىت قىلىش بادۇر . ئۇنىڭ ئالدى - كەينى ھېچبىر تەرىپىدىن ئۇنىڭغا باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ھېكمىتىنى بىلگۈچى ۋە سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچى ئۇلۇغ اللە نىڭ نەزدىدىن نازىل بولغاندۇر. ئى ئۇلۇغ اللە ! بىزنى ئۇنىڭ ھالالىنى ھالال ، ھارامىنى ھارام قىلىدىغان ، ئۇنىڭ مۇھكەم ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان ، مۇتە شابىھ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇنى سىنى بىزدىن رازى قىلىدىغان شەكىلدە ئوقۇيدىغان كىشىلەردىن قىلغىن . ئى كەرىملىك اللە بىزنى قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجىرا قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلغىن . ھەرىپلىرىنى ئوقۇپ، ھۆكۈملىرىنى زايا قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلمىغىن . ئى اللە قۇرئان كەرىمگە ئەىشىش ئارقىلىق سىنىڭ رازىلىقىڭغا ۋە جەننىتىڭگە يەتكەن كىشىلەردىن قىلغىن ۋە بىزلەرنى قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇپ بېشىنى دوزاخقا تىققانلاردىن قىلمىغىن . ئى اللە قۇرئان ئارقىلىق بىزلەرگە ياخشى ئىشلارنى قىلشنى نىسىپ قىلغىن.بىزلەرنى قۇرئان ئارقىلىق بەخىت - سائادەت كە ئېرىشكەن كىشىلەر قاتارىغا قوشقىن . ئى اللە بىز سىنىڭ قۇلۇڭدۇرمىز، سىنىڭ قۇلۇڭنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز، تىزگىنىمىز سىنىڭ قۇلۇڭدا، سىنىڭ ھۆكۈمىڭ بىزگە يۈرىدۇ، بىزنىڭ ھەققىمىزدىكى ھۆكۈملىرىڭ ئادالەتتۇر. ئى اللە سەن ئۆزۈڭنى ئاتىغان ، ياكى كىتابتا نازىل قلغان، خەلىقلىرىڭدىن بىرىگە بىلدۈرگەن، ياكى ئۆز نەزدىڭدە غەيب ئىلىمىڭدە ساقلىغان پۈتن ئىسىملىرىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنى قەلىبلىرىمىزنىڭ باھارى،كۆڭلىمىزنىڭ نۇرى، غەم - قايغۇلىرىمىزنىڭ تۈگەتكۈچى،بىزلەرنى ساڭا باشلىغۇچى ۋە ئىچى نىمەتلەر بىلەن تولغان جەننىتىڭگە ئۇلاشتۇرغۇچى قىلىشىڭنى تىلەيمىز.ئى اللە ئۇ قۇرئان بىلەن بىزنى زىننەتلىگىن. ئۇنىڭ بىلەن بىزنى ئەرىشنىڭ سايىسىدە تۇرغۇزغىن . ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خاپىلىقلىرىمىزنى يوق قىلغىن.ئۇنىڭ بىلەن بىزگە نىمەتلىرىڭنى تۇلۇقلىغىن. بىزنى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن قۇرتۇلغۇچىلاردىن قىلغىن. بىزنى شەيتانلار ئازدۇرغان ، دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، دىنىنى تەرىك ئەتكەن ، كىين پۇشايماندا بولغان ۋە ئاخىرەتتە زىيانكارلاردىن بولغانلاردىن قىلمىغىن.ئى اللە قۇرئاننى قەلىبلىرىمىزگە نۇر، كۆزلىرىمىزگە يورۇقلۇق ، گۇناھلىرىمىزنى يۇقاتقۇچى ۋە دوزاختىن قۇتقۇزغۇچى قىلغىن . كېچە - كۈندۈز ھەر زامان ئوقۇشنى نىسىپ قىلغىن . ئى چەكسىز مىھرىبان اللە بىزنى سەن ھىدايەت قىلغان كىشىلەر قاتارىدا ھىدايەت قىلغىن،ئافىيەتتە قلغان كىشىلەر قاتارىدا ئافىيەتتە قىلغىن ، سەن ھۆكۈم قىلغان نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن بىزلەرنى ساقلىغىن ، ھەقىقەتەن سەن ھۆكۈم قىلسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن بولغان كىشى ئەزىز بولمايدۇ. ئى پەرۋەردىگارىمىز ! سەن ئەڭ ئۇلۇغ بۈيۈكسەن ، سىنىڭ ھۆكۈملىرىڭگە ساڭا ھەمدۇ - سانا ئېيتىمىز، بەرگەن نىمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلىمىز، پۈتن گۇناھلىرىمىزغا مەغفىرەت تىلەيمىز ۋە ساڭا چىن قەلبىمىزدىن تەۋبە قىلىمىز، سەندىن باشقا ئىلتىجا قىلىدىغان ۋە پاناھىغا سېغىنىدىغان كىشىمىز يوق . ئى اللە بىزگە شۇنداق بىر نەرسە قىلغىنكى؛ ئۇ بىز بىلەن ساڭا ئاسى بولىدىغان ئىشلاردا تۇسۇق بولسۇن ، تائەت - ئىبادىتىڭدىن شۇنداق بىر نەرسە ئاتا قىلغىنكى ؛ ئۇ بىزنى ئۇدۇل جەننەتكە يەتكۈزسۇن ، چىن ئىماندا شۇنداق بىر نەرسە بەرگىنكى؛ ئۇنىڭ بىلەن دۇنيا مۇسسىبەتلىرى يەڭگىللشىپ كەتسۇن، بىزنى ھايات ياشاتقان مۇددەت بۇيىچە قۇلاقلىرىمىز ،كۆزلىرىمىز ۋە كۈچلىرىمىزدىن توغرا مەنپەئەتلەندۈرگىن. بىزدىن ياخشى مىراسچىلار قىلغىن، ئىنتىقامىمىزنى بىزگە زۇلۇم قلغانلارنىڭ ئۈستىگە قىلغىن، بىزگە دۈشمەن بولغانلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلغىن. مۇسىبىتىمىزنى دىنىمىزدا قىلمىغىن، دۇنيانى ئەڭ چوڭ ھىممىتىمىز ۋە ئىلىمىمىزنىڭ مەقسىتى قىلمىغىن. بىزنىڭ بارىدىغان يىرىمىزنى دوزاخ قلمىغىن. ئاخىرەتتە ئورنىمىزنى جەننەت قىلغىن. ئى چەكسىز مىھربان اللە گۇناھلىرىمىزنىڭ سەۋەبى بىلەن سەندىن قورقمايدىغان ۋە بىزگە رەھىم قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئۈستىمىزگە مۇسەللەت قىلمىغىن. ئى اللە ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئېزىز قىلغىن ، شېرىكنى ۋە مۇشرىكلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغىن. ئى چەكسىز مىھرىبان اللە ۋەتىنىمىزنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەنلىرىنى ئەمىن ۋە خاتىرجەم قىلغىن. ئى اللە بىزگە يامانلىق قلىشنى خالىغانلارنى ئۆز ئارىسىدا زىيانكارلىققا ئۇچراتقىن،ئۇلارنىڭ ھىلە - مىكىرلىرىنى ئۆز ئىچىدە بۇزىۋەتكىن سەن پۈتن دۇئالارنى ئىشتكۈچىسەن،ئى اللە دىنىڭغا ، كىتابىڭغا ، پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتىگە ۋە قۇللىرىڭغا نۇسرەت ئاتا قىلغىن. ئى اللە بۇ دىننى كېچە كۈندۈز بولىدىغان ھەر يەرگە ئۇلاشتۇرغىن. بۇ دىننى پۈتۈن ئۆيلەرگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەزىزلەرنى ئەزىز، خارلارنى خار قىلغىن. ئى دۇئالارنى ئىشىتكۈچى اللە ئىسلام بىلەن ئەزىزلارنى ئەزىز قلغىن.خارلارنى كۇفرى بىلەن خار قىلغىن. ئى اللە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە سىنىڭ يولۇڭدا جىھاد قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارغا ياردەم قىلغىن. ئۇلارغا تېز پۇرسەتتە نۇسرەت ۋە قۇتۇلۇش نىسىپ قىلغىن. ئى كەرەملىك اللە ئۇلارنى مەغلۇپ قلمىغىن. ئى ھايات ۋە قەييۇم بولغان اللە ئۇلارنى غالىپ قىلىش ۋە شەرىئىتىڭنىڭ ھاكىم بولىشى بىلەن كۆڭلىمىزنى خوشنۇد قىلغىن. ئى اللە بەيتۇلمەقدىسىنى ئۇ نېجىسلاردىن تازلىغىن. ئى اللە ئۇ نېجىسلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزغىن. ئى قۇدرەتلىك ئەزىز اللە ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قايدۇرغىن. ئى اللە ئۇلارنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا غەنىيمەت قىلغىن. ئى اللە باشلىقلىرىمىزنى سەن رازى بولىدىغان ۋە سەن سۆيىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قلغىن. ئۇلارغا ئىففەت تەقۋانى رىزىق قىلىپ بەرگىن ،ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن يامانلىقلاردىن ئۇزاقلاشتۇرغىن. ئى كەرەملىك اللە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلغىن . چۈنكى ئۇلار تۈزەلسە مۇسۇلمانلار تۈزىلىدۇ. ئى كەرەملىك اللە ئۇلارغا ئۇلارنى ياخشى يولغا باشلايدىغان ۋە يامان يولدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ياخشى دوسىت ئاتا قىلغىن. مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن. ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەدىگارى ئۇلارنى بىرلەشتۈرگىن. ئى اللە سەن ئەفۋە قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزلەرنى ئەفۋە قىلغىن. ئى اللە ئاجىزلىقتىن ، قورقۇنچاقلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بىخىللىقتىن، قېرىلىقتىن، ۋە قەبرى ئازابىدىن سىنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمىز. ئى اللە قەلبتىن ، پايدا قىلمايدىغان ئىلىمدىن ، تويمايدىغان نەپىسدن ، ياش تۆكمەيدىغان كۆزدىن ، ئىجابەت بولمايدىغان دۇئادىن سىنىڭ دەرگاھىڭغا سېغىنىمىز. ئى اللە نەپەسلىرىمىزگە تەقۋالىق بەرگىن ۋە ئۇنى پاكلىغىن . چۈنكى سەن ئۇنى ئەڭ ياخشى پاكلىغۇچىسەن. سەن ئۇنىڭ ئىگىسى ۋە خوجىسىسەن . ئى اللە ساڭا تەسلىم بولدۇق ۋە ساڭا ئىمان كەلتۈردۇق. ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايىتتۇق، سەن ئۈچۈن مۇجادىلە قىلدۇق. ئى اللە سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر . سىنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن بىزنى ئازدۇرشىڭدىن پاناھ تىلەيمىز. سەن ھاياتتۇرسەن،قەتتى ئۆلمەيسەن . ئىنسانلار ۋە جىنلار ئۆلىدۇ. ئى اللە ئويلاپ قىلغان ۋە ئويلىماستىن قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ، خاتا قىلىپ سالغان ۋە قەستەن قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ۋە ئىشلىرىمىزدا ئىسراپ ئەتكەن گۇناھلىرىمزنى مەغفىرەت قىلغىن . بۇ گۇناھلارنىڭ ھەممىسى بىزدە باردۇر، سەن ئۇلارنى كەچۈرگىن . ئى اللە ئىلگىرى قىلغان ۋە كىيىن قىلغان ، مەخپى قىلغان ۋە ئاشكارا قىلغان سەن بىزدىن ياخشىراق پۈتۈن گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن. چۈنكى سەن ئاۋال ۋە ئاخىرىسەن ، سىنىڭ ھەممە نەرسىگە كۈچىڭ يىتىدۇ. ئى اللە سەن ئەۋۋەل سەن، سەندىن بۇرۇن ھېچ نەرسە يوقتۇر. سەن ئاخىرى سەن ، سەندىن كىيىن ھېچ نەرسە يوقتۇر . سەن زاھىر سەن ، سەندىن ئۈستۈن ھېچ نەرسە يوقتۇر . سەن باتىن سەن ، سىنىڭ تەھتىڭدە ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئى اللە سەندىن بىزنى قەرىزلەردىن قۇتقۇزشىڭنى تىلەيمىز. ئى كەرەملىك اللە بىزنى كەمبەغەللىكتىن قۇتقۇزشۇڭنى تىلەيمىز. ئى اللە نېمىتىڭنىڭ يوق بولىشىدىن ئاپىيىتىڭنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ، ئازابىڭنىڭ تۇيۇقسىز كىلىشىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئى سېخىلەرنىڭ ئەپ سېخىراقى بولغان اللە غەزىۋىڭدىن پاناھ تىلەيمىز.ئى اللە قازانىڭ يامانلىقىدىن ، بالانىڭ قاتتىقلىقىدىن ، بەدبەختلىكنىڭ ئازگىلىدىن ۋە دۈشمەنلەرنىڭ خۇشال بولىشىدىن سەندىن پاناھ تىلەيمىز . ئى اللە ھەبىبىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋە سالىھ قۇللىرىڭ پاناھ تىلىگەن پۈتۈن يامانلىقلاردىن پاناھ تىلەيمىز . ئى اللە ھازىرقى ۋە كىيىنكى ، بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ياخشىلىقلارنى سەندىن سورايمىز. ھازىرقى ۋە كىيىنكى ، بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان پۈتۈن يامانلىقلاردىن سەندىن پاناھ تىلەيمىز. ئى اللە بىز بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز ۋە بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن سەندىن پانا تىلەيمىز. سەن ئەڭ رەھىملىكدۇرسەن . ئى اللە بۇ مۇبارەك كىچىمىزدە بىزنى كەچۈرۈم قىلغىن . ئى رەھىملىك اللە ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن يامان ئادەملەرنىڭ ئۈمۈدىنى ياخشىلارنىڭ يىرىدىن ئۈزگىن . ئى اللە ئەگەر بۇ كىچە قەدىر كىچىسى بولغان بولسا ئۇنىڭ ساۋابىنى بىزلەردىن مەھرۇم قىلماسلىقىڭنى تىلەيمىز. بىزنى بۇ كىچىدە دوزاختىن ئازات قىلىنغانلاردىن قىلغىن. ئى رەھىملىك اللە ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن بىزنى بۇ كىچىدە دوزاختىن ئازات بولغانلاردىن قىلغىن.ئى اللە سېنىڭ كىچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە بىرىنچى ئاسمانغا چۈشۈپ <<مەندىن تىلەيدىغان كىشى بارمۇ؟ تىلىگىنى بىرەي ، دۇئا قىلغۇچى بارمۇ ؟ ئىجابەت قىلاي، كەچۈرۈم سورىغۇچى بارمۇ ؟ كەچۈرۈم قىلاي >> دەپ نىدا قىلىدىغانلىقىڭنى بىلىمىز .