روبوت

ئورنى Wikipedia

روبوت (robot) - يەنە بىر خىل ئاتىلىشى "ماشىنا ئادەم".

روبوت – بۇ كەلىمە تىلىمىزغا يات بىر كەلىمە، "ماشىنا ئادەم" دەپ ئېلىنىپ كەلگەن ۋە شۇنداق قوبۇل قىلىنغان. مەيلى ئىسساك ئاسىموۋنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارىتىلغان بۇ شەيئى بولسۇن، ۋە ياكى باشقا ڧانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى بولسۇن، ۋە ياكى ھازىر تەتقىق قىلىنىپ ياساپ چىقىلغان بۇ مەھسۇلات بولسۇن، بۇ ئۇقۇم "ماشىنا ئادەم" دەپ ئېلىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى چۈشەنچىمىز، ھەمدە تەرەققىيات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدە بارلىققا كەلگەن ۋە كەلگىلىۋاتقان بۇ شەيئى، پروگراممىلانغان بىر ڧۇنكىسيەنى ئورۇنلايدىغان بىر ماشىنا. لېكىن، "ماشىنا ئادەم" كەلىمىسىدىكى "ماشىنا" سۆزى مىخانىكىلىق بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ، ۋە ئاتالغۇ مەنىسى بىلەن بىزگە يەتكۈزىدىغان ئۇچۇر مەلۇم جەھەتتىن كەمتۈكلۈكتىن خالىي بولالمىغان. ئىسساك ئاسىموۋنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارىتىلغان روبوت ئەمەلىيەتتە يالغۇز مىخانىكىلىق بىر مەۋجۇدىيەت ۋە جىسىم ئەمەس. بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر تەپەككۇر ئىگىسىدۇر.