Jump to content

روران قاغانلىقى

ئورنى Wikipedia

روران قاغانلىقى (خەنچە: 柔然؛ پىنيىن: Róurán) ياكى ئاۋار قاغانلىقى ھازىرقى موڭغۇلىيە، ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال، شەرقىي سىبىرىيە، ئۇيغۇر ۋە قازاقىستاننىڭ قىسمەن جايلىرىدا 4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن تۈركلەشكەن سىيانپىي قەۋمى بولغان رورانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەت. روران ھۆكۈمدارلىرى ھونلار ۋە سىيانپىيلارنىڭ ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئ‍ۆزلىرىنى قاغان دەپ ئاتالغان. ئاخىرىدا كۆكتۈركلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

سىيانپىلار ئىمپېرىيىسى تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇبا سىيانپىلار دۆلىتى قۇرۇلدى. توبا سىيانپىلار دۆلىتى (235—394) 394 ـ يىلىغا كەلگەندە كېلىپ چىقىشى سىيانپىلاردىن بولسىمۇ، خېلى دەرىجىدە تۈركلەشكەن روران — ئاۋارلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. 394 - يىلى «ئېگىز ھارۋىلىق تۇرالار» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۇرالارنىڭ يۇرتىدا (ئاساسەن ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە ئىچكى موڭغۇلدا) تۇبالار خانلىقى (مىلادى 394 - 535) ۋە ئاۋار قاغانلىقى (مىلادى 394 - 552) دېگەن ئىككى دۆلەت قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تۇرالار، تۇبالار ۋە ئاۋارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۈزلۈكسىز ئۇچراپ تۇردى.

مىلادىنىڭ 487 - يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۇرالار ئاۋارلارنىڭ يولسىزلىقىغا چىدىماي بۆركلى قەبىلىسىنىڭ خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسيان كۆتۈردى. شەرقىي تۇرالاردىن 120 مىڭ ئائىلە (تەخمىنەن 600 - 700 مىڭ كىشى) موڭغۇلىيىدىن غەربكە كۆچۈپ، ئالتاي تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭغار دالاسىغا، ئىلى ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ۋە تۇرپان، قارا شەھەر ئەتراپلىرىغا كەلدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئاۋار قاغانى تۇلۇنخان II (مىلادى 485 - يىلىدىن 492 - يىلىغىچە قاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ تاغىسى ناغايخانلار قوشۇن تارتىپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەن «ئېگىز ھارۋىلىقلار»نىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. شەرقىي تۇرالار جەنۇبىي ئالتايدا بولغان ئۇرۇشتا تۇلۇنخان II نى تارمار قىلدى. مانا شۇ «ئېگىز ھارۋىلىقلار» تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدا ئەزەلدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى غەربىي تۇرالار بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا «ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» (高车王国) دەپ نام ئالغان دۆلەتنى قۇردى. بۇ ئۇيغۇر خانلىقى 60 يىل (مىلادى 487 - 546) ھۆكۈم سۈردى.

مىلادىنىڭ 487 - يىلى شەرقىي تۇرالارنىڭ بىر قىسمىنىڭ موڭغۇلىيىدىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەنلىكى توغرىسىدا «ۋېينامە» نىڭ «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا خېلى تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەندىن تاشقىرى، «جەنۇبىي چىنامە» نىڭ «ئاۋارلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شىڭمىڭنىڭ 2 - يىلى (مىلادىنىڭ 487 - يىلى)... يىجۇ (ھازىرقى سى چۇەندىكى چىڭدۇ شەھىرى) ۋالىيسى لىيۇ جۈن ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە سەلتەنىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، تۇرالارغا جاڭ جىڭشۈننى ئەلچى قېلىپ ئەۋەتتى. ئەلچى پىشامشان (ھازىرقى چارقىلىق)، ئۇدۇن (ھازىرقى خوتەن) غا بارماقچى ئىدى، لېكىن پىشامشاننى تۇرالار بېسىۋالغان بولۇپ، خەلقى تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن. ئۇدۇنلۇقلار بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. تۇرالار ئۆزلىرىنى تەڭرىقۇت (تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى) دەپ ئاتايدىكەن. تۇرالار ئەلچى جاڭ جىڭشۈننى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنى قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان.»[1]

مانا شۇ خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاي ئوجرو مىلادى 487 - يىلى ئاۋارلارنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى (تۇرپان، قارا شەھەر) جايلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، پىشامشاننى تىبەت خانلىقىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان.

پايدىلانما

[تەھرىر]
  1. «جەنۇبى چىنامە»، 59 - جىلد، «ئاۋارلار ھەققىدە قىسسە».