روزى سالى

ئورنى Wikipedia

روزى سالى، ئەر، ئۇيغۇر، 1927-يىلى قارچۇغا يېزىسى چوڭ مەھەللە كەنتىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1953-يىلى لوپنۇر ناھىيە 2-رايون 9-يېزا ئات قوتان كەنتىدە باشلىق بولغان. 1954-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە لوپنۇر ناھىيە 3-رايون 10-يېزىغا قاراشلىق بولغان. 1956-يىلىدىن1979-يىلىغىچە ناھىيلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە ئىشلىگەن.1979-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە دۆڭقۇتان يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلىگەن.1990-يىلى ئارامغا چىققان.روزى سالى كىچىكىدىن باشلاپلا تاغىسى ئىسمايىل ئىسلامغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن قوشاق ئۆگەنگەن ھەم ئۆزى بىر قىسىم قوشاقلارنى ئىجاد قىلىپ داڭلىق قوشاقچى بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ كۆپ قېتىم ناھىيە، ئوبلاست، ئاپتونوم رايونلاردا ئېچىلغان قوشاق ئېيتىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ مۇكاپاتلانغان.