Jump to content

رومان

ئورنى Wikipedia

رومان (خەنزۇچە: 小说) سىغىمچانلىقى ئەڭ زور بولغان ئەدەبىي ژانىرنىڭ بىر خىلى ، بايان خاراكتېردىكى ئەدەبىي بەدىئىي ئەسەر。 رومان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەن زىددىيەت ، توقۇنۇشنى بايان قىلالايدۇ。 بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش كارتىنىسى ۋە زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ تولۇق ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ، تالاي قاتىناشقۇچىلارنى گەۋدىكەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ。 شۇنىڭ ئۈچۈن رومان ئەڭ چوڭ كومپوزىتسىيىگە ئىگە。 قەھرىمانلارنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ، رومان قەھرىمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ。 روماندا مۇرەككەپ ئىچكى بولغانلىغى ئۈچۈن ، ئەدەبىياتتا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ。 ئادەتتە بىر روماندا بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە بولىدۇ。 مەسىلەن: شى نەنئەننىڭ «سۇ بويىدا» ، ماۋدۇننىڭ «تۈن يانغاندا» ۋە قەييۇم تۇردىنىڭ «كۈرەشچان يىللار» قاتارلىق رومانلىرى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ。

رومانلار ئۆزلىرى ئىپادلىگەن مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ。 لېكىن ۋارىقى كۆپرەك。 قېلىنراق بولۇپ قالسا ھېكايە بولىدۇ ، دېيىش توغرا ئەمەس ، ئەلۋەتتە ، ھەجىم ئۇلارنىڭ ئىگەللىگەن ۋەقەلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك。 بۇنداق قاراش ماھىيەتلىك قاراش بولماستىن ، نوقۇل شەكىلۋازلىق بولىدۇ。 رومان شېئىرىي ئۇسۇلدىمۇ يېزىلىشى مۇمكىن。

ھەجمى مۇرەككەپ سيۇژىتلىق ، ئادەتتە پروزا شەكلى بىلەن يېزىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەر

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]