Jump to content

روھىي ھالىتىڭىزنىڭ سىزنى مەغلۇبىيەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشىغا ھەرگىز يول قويماڭ

ئورنى Wikipedia

روھىي ھالىتىڭىزنىڭ سىزنى مەغلۇبىيەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشىغا ھەرگىز يول قويماڭ

روھىي ھالەت – تەقدىرىمىزنىڭ كونترول مۇنارى، پاسسىپ روھىي ھالەت مەغلۇبىيەت، مەھكۇملۇق ۋە ئازاب - ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسى، ئاكتىپ روھىي ھالەت مۇۋەپپەقىيەت، ھۆرلۈك ۋە خۇشاللىقنىڭ كاپالىتى!

روھىي ھالەت غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ، ئەھۋالىڭىزنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بولۇڭ، قىزغىنىلىقنىڭ ئورنىنى مەيۈسلىكنىڭ ئىگىلىشىگە يول قويماڭ. ھاياتنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، ھېچنېمىگە ئەرزىمەسلىكىمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇنى ئۆزىڭىز تاللايسىز. ئاكتىپ روھىي ھالەتنى تاللىغان كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ، پاسسىپ روھىي ھالەتنى تاللىغان كىشىلەر مەغلۇپ بولىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، ئۇلار دەسلەپتە توغرا ئىش قىلىدۇ، بىراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا كۆرۈنمەس تۇمارنىڭ ئاكتىپ روھىي ھالەت يۈزىنى پاسسىپ روھىي ھالەت يۈزىگە ئۆرۈيدۇ، پاسسىپ روھىي ھالەت ئارقىلىق ئۆزىنى بىخۇتلاشتۇرىدۇ، ئۆزىگە تەسەللى بېرىدۇ، بېكىنىۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ پاسسىپ روھىي ھالىتىگە تايىنىپ ئاسماندىن چەلپەك چۈشۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار پاسسىپ روھىي ھالەت كەلتۈرىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى چۈشەنمەيدۇ.

سىجىل پاسسىپ روھىي ھالەت مۇنداق ئىككى خىل ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.

1. پاسسىپ روھىي ھالەت ئاچقۇچلۇق پەيتتە دېلىغۇللۇق ۋە گۇمان پەيدا قىلىدۇ

كىشى ھاياتىدا ھەمىشە پاسسىپ نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدەنسە، پاسسىپ روھىي ھالەت يەڭگىلى بولمايدىغان ئادەتكە ئايلىنىدۇ، ياخشى پۇرسەت كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، پاسسىپ كىشى ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، تۇتالمايدۇ، ئۇ ھەربىر ئەھۋالنى توسالغۇ، ئاۋارىچىلىك دەپ قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

توسالغۇ بىلەن پۇرسەتنىڭ پەرقى نېمە؟ ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسى. ئاكتىپ روھىي ھالەتتىكى كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىقنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەمدەمچىسى دەپ قارايدۇ ھەم ئوڭۇشسىزلىقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدۇ، پاسسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىقنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ توسالغۇسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

ئوخشاش پۇرسەت ئالدىدا ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن تولۇق پايدىلانغان كىشىلەر تۇرمۇشتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىگە ئىگە بولالايدۇ، پاسسىپ روھىي ھالەتتىن تولۇق پايدىلانغان كىشىلەر بولسا ئامەتنىڭ تەدرىجىي يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ پۇشايمان يەيدۇ، بىرەر ھەرىكەت قوللانمايدۇ.

ئاكتىپ روھىي ھالەت قىيىنچلىقنى يېڭىش، ئۆز كۈچىنى بايقاشقا پايدىلىق، كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە يېتىشىگە پايدىلىق، ئەكسىچە پاسسىپ روھىي ھالەت ھالقىلىق پەيتتە گۇمان، دېلىغۇللۇق پەيدا قىلىپ ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.

بۇ ھەقتە ناپولېئون خېئول مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىدۇ: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر شتاتتا كىشىلەر قىش كۈنلىرى تام مەشكە ئوتۇن قالاپ ئۆي ئىسسىتىدىكەن، ئىلگىرى ئۇ يەردە بىر ئوتۇنچى بولۇپ، ئۇ باشقا بىر سودىگەر كىشىنى 2 يىل ئوتۇن بىلەن تەمىنلەپتۇ. بۇ ئوتۇنچى تەمىنلەيدىغان ئوتۇننىڭ دىئامېتىرى 18 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى، ئېشىپ كەتسە، سودىگەرنىڭ تام مېشىگە پاتمايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن.

بىراق 3 - يىلى ئۇنىڭ بۇ كونا خېرىدارىغا ئاپىرىپ بەرگەن ئوتۇننىڭ كۆپ قىسمى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەپتۇ، سودىگەر بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئوتۇنچىغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئوتۇننى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ياكى ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئوتۇننى يېرىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ.

_ ئۇنداق قىلالمايمەن! _ دەپتۇ ئوتۇنچى، _ ئۇنداق قىلسام، ئىش ھەققى ھەممە ئوتۇن ھەققىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، _ ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا تېلېفوننى قويۇۋېتىپتۇ.

بۇ سودىگەر ئامالسىز ئوتۇنلارنى ئۆزى يېرىشقا باشلاپتۇ. ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندە يېرىلمىغان بىر ئوتۇنغا دىققەت قىلىپ قاپتۇ - دە، پالتا بىلەن بۇ ئوتۇننى يارغان ئىكەن، ئىچىدىن قەلەي قۇتىغا ئورالغان بىر نەرسە چىقىپتۇ، ئۇ بۇ قۇتىنى ئېلىپ ئاچقان ئىكەن، ئىچىدىن 50 دوللارلىق ۋە 100 دوللارلىق بىر مۇنچە پۇل چىقىپتۇ، ساناپ باقسا توپ توغرا 22500 دوللار ئىكەن. ناھايىتى روشەنكى، بۇ پۇللارنىڭ بۇ ياغاچقا يوشۇرۇنغىنىغا نۇرغۇن يىللار بولغان. بۇ كىشى بۇ پۇللارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇپ، دەرھال ھېلىقى ئوتۇنچىغا تېلېفون بېرىپتۇ. ئۇنىڭدىن بۇ ئوتۇنلارنى نەدىن ئالغانلىقىنى سوراپتۇ، بىراق بۇ ئوتۇنچىنىڭ پاسسىپ روھىي ھالىتى ئۇنى خېلى كۆپ بايلىقتىن مەھرۇم قىلغان.

_ بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى، سېنىڭ نېمە كارىڭ _ دەپتۇ ئوتۇنچى: _ ئەگەر مەخپىيىتىڭنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، باشقىلار سېنى بوزەك قىلىدۇ. قارشى تەرەپ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئوتۇننىڭ نەدىن ئالغانلىقىنى، پۇلنى كىمنىڭ دەرەخ كاۋىكىغا تىقىپ قويغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ئاخىرى بۇ پۇلنى بىر خەيرى ساخاۋەت ئورنىغا ئىئانە قىپتۇ.

بۇ ھېكايىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەسخىرىدە ئەمەس. ئۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئاكتىپ روھىي ھالەتتىكى كىشى پۇلنى بايقىغان، پاسسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشى بولسا بايقىيالمىغان. بۇنىڭدىن ئايانكى، تەلەي ھەممە كىشىنىڭ تۇرمۇشىدا بولىدۇ، ئەمما تۇرمۇشقا پاسسىپ روھىي ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەر تەلەينىڭ ئۆزىگە بەخت كەلتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاكتىپ روھىي ھالەتتىكى كىشىلەرلا پۇرسەتنى تۇتالايدۇ، ھەتتا بەختسىزلىكتىن مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

2. پاسسىپ روھىي ھالەت ئۈمىدنى يوققا چىقىرىدۇ

كەلگۈسىدىكى ئۈمىدنى كۆرەلمىگەندە، ھازىرقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىغىلى بولمايدۇ، پاسسىپ روھىي ھالەت كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى نابۇت قىلىپ، ئۈمىدنى يوققا چىقىرىدۇ. پاسسىپ روھىي ھالەت خۇددى ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىك ئوغىغا ئوخشايدۇ، بۇ دورىنى يېگەن كىشى ئاستا - ئاستا ئىرادىسىنى يوقىتىپ چۈشكۈنلىشىدۇ، ھەرقانداق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتىن ئايرىلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت پۇرسىتى پاسسىپ روھىي ھالەتتىن پايدىلانغان كىشىلەردىن بارغانسېرى يېراقلىشىدۇ.

پاسسىپ روھىي ھالەتكە ئىگە كىشىلەر كەلگۈسىدىن ھەمىشە ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، بىر ئاينىڭ يېرىمى ئايدىڭ، يېرىمى قاراڭغۇ بولىدۇ.

پاسسىپ روھىي ھالەت كىشىلەرگە ئىككى خىل ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى باشقا كىشىلەرگە تېخى يۇقىدۇ.

«خىل خىلى بىلەن، گۈل گۈلى بىلەن» دېگەن گەپ بار. بىر يەرگە توپلانغان كىشىلەر ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، تەدرىجىي يېقىنلىشىپ بىر خىللىشىدۇ. كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، توي قىلغىنىغا كۆپ يىللار بولغان ئەر – خوتۇنلارنىڭ قىلىقى تەدرىجىي ئوخشىشىپ كېتىدۇ، چىرايىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، روھىي ھالەت جەھەتتىكى ئوخشىشىش ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، پاسسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىللە بولسىڭىز، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايسىز. پاسسىپ روھىي ھالەتتىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىش خۇددى ئاتوم رادىئاتسىيىسى بىلەن ئۇچراشقانغا ئوخشاش، رادىئاتسىيە مىقدارى ئاز، ۋاقتى قىسقا بولسا، تىرىك قالالايسىز. بىراق داۋاملىق رادىئاتسىيىگە ئۇچرىسىڭىز، ھاياتىڭىزدىن مەھرۇم بولىسىز. پاسسىپ روھىي ھالەت يەنە كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چەكلەپ تۇرىدۇ.

بىرەر كىشىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى مەڭگۈ ئۆزىنى باھالىشى بىلەن ئالاقىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، پاسسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشىلەر تاشقى دۇنيانىڭ ئەڭ يامان تەرەپلىرىنى ئويلاپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ ئەڭ يامان تەرىپىنى ئويلايدۇ، ئۇلار ئۈمىد كۈتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇڭا كۆپ ھاللاردا ناھايىتى ئاز مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يېڭى قاراشقا دۇچ كەلگەندىكى ئىنكاسى مۇنداق بولىدۇ:

«بۇ نەرسىلەر ھازىر ئاقمايدۇ، ئىلگىرى بۇنداق قىلىپ باقمىغان. بۇ ئىش بولمىغان چاغدىمۇ كۈنىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنغۇ؟ بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغىلى بولمايدۇ، ھازىر شارائىت پىشىپ يېتىلمىدى.»

ئېيتىلىشچە، سۇلايمان شاھ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاقىل ھۆكۈمران ئىكەن. سۇلايمان شاھ: «كىشى كۆڭلىدە قانداق ئويلىسا، ئۇنىڭ ئادەمگەرچىلىكى شۇنداق بولىدۇ» دەپتىكەن.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىشىلەر قانداق نەتىجە قازىنىشقا ئىشەنسە، شۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ، كىشىلەر ئۆزى ئىنتىلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ. كىشىلەر ئۆزى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشمايدۇ. پاسسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشى ئۆزىدىن ئانچە زور ئۈمىد كۈتمىگەن چاغدا، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىقتىدارىغا چەك قويغان بولىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىگە ئايلىنىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇكى، پاسسىپ روھىي ھالەت مەغلۇبىيەت، چۈشكۈنلۈك، پاسسىپلىقنىڭ بۇلىقى. ۋۇجۇدىڭىزدىكى بۇ خىل يوشۇرۇن ئېقىننى ئامال قىلىپ توسۇڭ. بۇ خاتا روھىي ھالەتنىڭ سىزنى مەغلۇبىيەتچىگە ئايلاندۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويماڭ.

«مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.