رىشات ئابدۇرۇسۇل

ئورنى Wikipedia

رىشات ئابدۇروسۇل تەبىئى پەن دوكتورى. كانادا سىمون فراسەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پوست-دوكتۇر(دوكتۇر ئاشتى) تەتقىقاتچىسى. ماتېماتىكىلىق كونترول نەزىرىسى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. رىشات ئابدۇروسۇل 1962-يىلى 7-ئايدا غۇلجا شەھەردە تۇغۇلغان. 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1984-يىلى 9-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

ئۇ 1988-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ 3-قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيە توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتېتى تەبىئى پەن-سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ، 1991-يىلى 6-ئايدا شەخسى راسخوتى بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن قايتا ياپونىيىگە چىققان، ھەم بۇرۇن بىلىم ئاشۇرغان فاكۇلتېتتا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇغان. 1996-يىلى 9-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى 4-ئايدىن 1999-يىلى 3-ئايغىچە كومپيۇتېر شىركىتى «Algo21 corporation» دا كومپيۇتېر ئىنزھېنېرى بولۇپ ئىشلەپ، CAM(Computer Aided Manufacturing) سىستېمىسىنى تەتقىق ھەم ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1999-يىلى ئۈزى ئوقۇغان مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، كەسپى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشقان. ئۇ 2004-يىلى لېكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ COE تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ قاتنىشىپ «Human Adaptive Mechatronics» يەنى ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشالايدىغان ئېلېكتر مېخانىك سايمانلىرى (روبوت -- ماشىنا ئادەم) توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2005-يىلى 10-ئايدا ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۈچمەن بولۇپ بارغان بولۇپ، ھازىر كانادانىڭ Vancouver شەھەردە تۇرىدۇ.

ئۇ ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا خەلقئارالىق يىغىن، زورناللاردا كۈپلىگەن ماقاللارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى توغرىسىدا بۇ ئۇلانمىدىن تەپسىلە كۈرەلەيسىز http://www.biliwal.com/PDF/RixatAbdursul.pdf.

ئۇندىن باشقا ماتېماتىكا، ئىنفورماتسىيە ئىلىمى، سىستېما كونترول نەزەرىيىسى توغۇرلۇق دەرسلەرنى ئۈتۈش بىلەن بىرگە ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلەش جەرياندا پروفېسسورغا ياردەمدە بولۇپ كۈپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 2006_يىلى Who's Who in the Worldنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بىر نەچچە ئۇيغۇر باللىرىنىڭ ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ياردەمدە بولغىنىمۇ ئۇنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.

بىز دوكتور رىشات ئابدۇرسۇلنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز

بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : https://web.archive.org/web/20160305082727/http://matimatik.blogbus.com/logs/70999485.html {{|url=https://web.archive.org/web/20160305082727/http://matimatik.blogbus.com/logs/70999485.html |date=2016-03-05 }}