رۇقئى خەت نۇسخىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

رۇقئى خەت نۇسخىسى ”تېز يازما نۇسخا“دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىسىرلىق داڭلىق خەتتات مەئالىف رەسقى مىسىر دارۇل پىكىر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشر قىلىنغان «ئەرەب خەتتاتلىقىنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟» ناملىق كىتابىدا: ”رۇقئى خەت نۇسخىسى ھىجرىيە 850-يىلى تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خەت نۇسخىسىدۇر؛ ئەينى چاغدا ئۇلار ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە ئۆزئارا خەت-چەك ئالاقىسى قىلىشتا بىرلىككە كەلگەن بىر خىل خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن، بۇ پەقەت ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىلا قوللىنىلغان؛ شۇڭا، بۇ خەت نۇسخىسى ‘خەتتۇل رۇقئە’ دەپ ئاتالغان؛ ‘رۇقئە’ سۆزى ئەرەبچىدە ‘خەت يېزىشقا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز پارچىسى’ دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ قەدىمكى ئەرەب خەت نۇسخىسى ‘خەتتۇل رۇقئا’بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق“دەپ يازغان.

مىسىرلىق يەنە بىر خەتتات فازىل سەلىم ئەفىفى «رۇقئى خەت نۇسخىسى» ناملىق كىتابى (مىسىر دارۇل مەنار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى نەشر قىلىنغان)دا:“ئەرەبچە ھۆسنخەت يازىدىغان كۆپ قىسىم خەتتاتلار رۇقئى خەت نۇسخىسى قەدىمكى ئەرەب خەت نۇسخىسى ‘خەتتۇل رۇقئا’دىن كەلگەن، چۈنكى ‘ئەررۇقئا’ دېگەن سۆز ‘ئەررۇقئى’ دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈكىدۇر، ئۇلارنىڭ يىلتىزى بىر، دەپ قارايدۇ؛ ئەمما رۇقئا خېتىنىڭ كۆپىنچە ھەرپلىرىنىڭ يېزىلىش شەكلى نەسخ خەت شەكلىگە ئوخشاپ قالىدۇ؛ يەنە بەزى ھەرپلىرىنىڭ بېشى پۈتەي يېزىلىپ، تېز يازما شەكلىگە ئوخشاپ قالىدۇ” دەپ يازغان. فازىل يەنە مۇنداق دەيدۇ:“رۇقئى خەت نۇسخىسى ھىجرىيە 10-ئەسىردىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىدە كەڭ تارقالغان. ”

رۇقئى خەت نۇسخىسىنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە خەتتاتلارنىڭ قارىشى ھەرخىل بولسىمۇ، بۇ خەت نۇسخىسى ھىجرىيە 9-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن دەيدىغانلار كۆپ. بىزمۇ بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ تېز يازما نۇسخىسىنى 9-ئەسىردە شەكىللەنگەن دېسەك ئورۇنسىز بولمايدۇ. تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان مەشھۇر خەتتات ئەبۇ بەكرى مۇمتاز مۇستاپا (ھىجرىيە 1225−1284-يىلىغىچە ياشىغان) سۇلتان ئابدۇلمەجىدنىڭ خۇش خەت ئۇستازى ئىدى. ئۇ قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق 45 يېشىدا (ھىجرىيە 1270-يىلى) رۇقئى خەت نۇسخىسىنى يېزىشنىڭ قائىدىلىرى ۋە شەكلىنى بېكىتكەن. بۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا يەنە مۇھەممەد ئازىت (ھىجرىيە 1257−1320) دەيدىغان بىر تالانتلىق خەتتات يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇ سۇلتانلىق مەدرىسەسىنىڭ خۇش خەت ئۇستازى ئىدى، ئۇ يازغان رۇقئى خەت نۇسخىسى ئىلگىرىكى خەتتات ئەبۇ بەكرى مۇمتازنىڭكىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. ئۇ رۇقئى خەت نۇسخىسىنى يېزىشنىڭ ئۇسۇلى، قائىدىسى ۋە مۇھىم نۇقتىلىرىنى رەتلەپ ھۆسنخەت ئۈلگىسى تۈزگەن، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارالغان؛ جايلاردىكى خەتتاتلار مۇھەممەد ئازىتنىڭ خېتى ۋە خەت يېزىش قائىدىلىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ھۆسنخەت ئۈلگىلىرى ۋە كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلدۇرغان، بۇ كىتابلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

دېمەك، رۇقئى خەت نۇسخىسىنى ئەبۇ بەكرى مۇمتاز قېلىپلاشتۇرغان، مۇھەممەد ئازىت بولسا تەرەققىي قىلدۇرغان.

رۇقئى خەت نۇسخىسى يېزىشقا ئەپلىك ھەم راۋان، تەبىئىي ھەم نەپىس بولۇپ، تېز يازما نۇسخىسىدا سوزۇپ يېزىلىدىغان ھەرپلەر يوق، ھەرپلەر زىچ يېزىلىدۇ، بۇ ئۆگىنىشكە ئەڭ ئاسان خەت نۇسخىسىدۇر. بۇ خەت نۇسخىسىدا خەتلەر ئېنىق، ئوقۇش ئاسان، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، خاتىرە يېزىش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، سۆز خاتىرىلەش ۋە  خەت-چەك ئالاقىلىرىدە ئاساسەن مۇشۇ خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلىدۇ. كىتاب-ژۇرنال مۇقاۋىسى، سودا ئېلانى، ۋىۋىسكا-لوزۇنكا ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاختايلارغىمۇ مۇشۇ خەت نۇسخىسى كەڭ قوللىنىلىدۇ.

مەنبە [تەھرىرلەش]

مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.