رۇكىيا يېزىسى

ئورنى Wikipedia
رۇكىيا يېزىسى

若克雅乡.Rukiya town

نىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە نىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 7 دانە
نوپۇس 7 مىڭ
يەر مەيدانى 7,360 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت نىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

رۇكىيا يېزىسى نىيە ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، نىيە يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزا ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان، يېزا ئىچىدە قاتناش قولايلىق، ساياھەت بايلىقى مول. جەمئىي 2010 ئائىلە، 7054 ئادەم بار بولۇپ ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ئىككى مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 6996 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 58 ئادەم.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

رۇكىيا يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653227201. يېزىغا قاراشلىق 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: يېڭى ئۆستەڭ كەنتى، ئاغى كەنتى، تەكىدۆڭ كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، ئاچما كەنتى، قاتار دۆڭ كەنتى، چاشەنبە بازار كەنتى، بىر تەبئى كەنت، 27 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي قالماق قۇدۇق كەنتى.

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

رۇكىيا يېزىسنىڭ يەر شەكلى تۈز بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قىيسايغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 1493 مېتىر. يەر قاتلىمى ئېنىق، ھاۋاسى نەم، كۈن نۇرى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىلىماتى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كېلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 30.5 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىشى 2757 مىللىمېتىر، يىللىق يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃4421، قىش بىلەن يازنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ℃48.2، قىراۋسىز مەزگىلى 210 كۈن.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق،كېۋەز قاتارلىىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16300 مو، دېھقانچىلىق زىرائىتى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16934.4 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 51000 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2004.3 توننا؛ كۆممىقوناق 41722 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2502.655 توننا؛ كېۋەز 4010 مو، ساپ پاختا مەھسۇلات مىقدارى 512.478 توننا؛ يۇلغۇن، توشقانزەدىكى 8000 مو؛ ئېسىل باغ 2000 مو؛ يۇمىلاق چىلان 1038 مو؛ چوڭ لاپاس 481 كە يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 37600 تۇياق (دانە)، چىقىم قىلىنغان چارۋا 17170 تۇياق (دانە). يىل ئاخىرىدا يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليون 876 مىڭ 200 يۈەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3002.45 يۈەن.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

رۇكىيا يېزىسىدا ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوقۇتقۇچى 40 ئادەم، ئوقۇغۇچى 460 نەپەر؛ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىر، كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ 4، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 69 ئادەم، 884 نەپەر ئوقۇغۇچى. يېزىلىق شىپاخانا بىر، تىببىي خادىمى 25، كارىۋات 15؛ يېزىدا رادىئو ئۇزېلى، مەدەنىيەت پونكىتى، كۇتۇپـخانا، رادىئو-تېلېۋىزىيە (رادىئو-تېلېۋىزىيە ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈلگەن). يېزا ئىچىدە قاتناش قولايلىق، يېزا – كەنت يوللىرى بىردەك ئاسفالت يول، ناھىيە، يېزا، كەنت، يولۇچى ئاپتوموبىلى قاتنىشى تېزلىتىلگەن.