رېن خۇا

ئورنى Wikipedia

 رېن خۇا، ئايال، خەنزۇ، 1964-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ يەنتەيدىن، 1986-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي باشقۇرغۇچىلىق سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى.

  1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1986-يىلى 7-ئايدىن 1987-يىلى 3-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1-باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1987-يىلى 3-ئايدىن 1991-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1991-يىلى 12-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  1992-يىلى 7-ئايدىن 1995-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى نازارەتچىلىك باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (1992-يىلى 6-ئايدىن 1994-يىلى 6-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسى داۋان يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان)؛

  1995-يىلى 11-ئايدىن 2000-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (1996-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

  2000-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 2-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (2000-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە، يۈننەن ئۇنىۋېرسىتسى قانۇن ئىنىستوتى ئىقتىساد قانۇن كەسپىدە ئاسپىرانتلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

  2004-يىلى 2-ئايدىن 2006-يىلى 6-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (2005-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2006-يىلى 6-ئايدىن 2006-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  2006-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (2010-يىلى 7-ئايدا): (2010-يىلى 11-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتسى ئالىي باشقۇرغۇچىلىق سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلىق سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛

  2013-يىلى 3-ئايدىن 2017-يىلى 8-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى، مۇئاۋىن نازىرى بولغان؛

  2017-يىلى 8-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (قوشۇمچە)، مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى، مۇئاۋىن نازىرى بولغان؛

  2018-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (قوشۇمچە)، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى، مۇئاۋىن نازىرى بولغان.

تۇتۇلۇشى[تەھرىرلەش]

2020-يىلى 30 نويابىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇانىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، رېن خۇا غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچىدىن ۋاز كېچىپ، پارتىيەگە سادىق بولماي، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارشىلىشىپ، خۇراپاتلىق پائالىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللانغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت، مال سېتىۋېلىش، ئالىي دەرىجىلىك ھۆسن تۈزەش قاتارلىق ھەشەمەتچىلىك ئىستېمال ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىپ-چىقىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە پۇل قوبۇل قىلغان؛ شەخسىي ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغان، ئۆزلۈكىدىن قۇرۇلغان مەكتەپداشلار ئۇيۇشمىسىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قاتناشقان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز بەرگەن ھەمدە يۇقىرى سوممىلىق پايدا ئالغان، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زور سوممىلىق پۇلىنى ئارىيەت ئېلىپ پايدا ئالغان؛ ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشنىڭ قورالى قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە يەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، ھەمدە قانۇنسىز ھالدا زور سوممىلىق پۇل-مال قۇبۇل قىلغان.

  رېن خۇا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى تارتمىغان. خاراكتېرى قەبىھ ۋە قىلمىشى ئېغىر بولغاچقا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، رېن خۇاغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توختىتىلدى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق مال-مۈلۈك دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.