رەملە بىنتى ئەبۇ سوفيان

ئورنى Wikipedia

رەملە بىنتى ئەبۇ سوفيان[تەھرىرلەش]


ئۇممۇھەبىبە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن،

كۇفرىغا قايتىشنى بولسا خۇددى ئىنسان ئوتقا كىرىشنى

يامان كۆرگىنىدەك يامان كۆرگەن ئايال ساھابىدۇر.

— تارىخچىلار

ئەبۇ سوفيان قۇرەيش قەبىلىسىدىن بىرەر كىشىنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقالايدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ مۇھىم قارارلىغا قارشىلىق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. چۈنكى، ئۇ مەككىدىكى ھەممىگە گېپى ئۆتىدىغان، ھەر ـ ھەر كاتتىۋاشلارمۇ ئۇنىڭ دېگىنىدىن چىقمايدىغان كاتتىۋاش ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئۇممۇ ھەبىبە دەپ ئاتىلىدىغان قىزى رەملە ئېرى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەھشى بىلەن بىرگە بىر ئاللاھقا ئىشىنىش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، ئەبۇ سوفياننىڭ يۇقىرقىدەك ھەيۋىسىگە قارشى ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ كۆرەڭلىكىنى يەرگە ئۇردى.

ئەبۇ سوفيان بارلىق ئامال ـ چارىلەرنى، تەھدىت ـ تەقىبلەرنى قوللىنىپ قىزى بىلەن كۈيئوغلىنى بۇ يېڭى دىندىن چىقىرىپ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ دىنىغا قايتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىردىن ھېچ بىر نەتىجە چىقمىدى. رەملەنىڭ دىلىغا ئورۇنلاشقان ئىماننىڭ يىلتىزى شۇ قەدەر مۇستەھكەم ئىدىكى، ئاتىسىنىڭ بارلىق قاتتىق ـ يۇمشاق تەھدىت، تەقىپلىرى سالغان ئازاب ـ ئوقۇبەتلىرى ئۇنى ئۆز ئىرادىسىدىن ھېچ تەۋرىتەلمىدى.

رەملەنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئەبۇ سوفياننى ناھايىتى بەك پاراكەندە قىلىۋەتتى. قىزىنىڭ ئۇنىڭ رايىغا باقمىغانلىقى، مۇھەممەدكە ئەگىشىشتىن قەتئىي يانمىغانلىقى ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قىزىغا ئىشلەتكەن بېسىملىرىنىڭ قىلچە كارغا كەلمىگەنلىكى ئۇنى قۇرەيشلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەس قىلىپ قويغانىدى.

قۇرەيشلەر ئەبۇ سوفياننىڭ قىزىغا ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يۈرىكى توملاپ رەملە بىلەن ئېرى ئىككىسىنى قاتتىق قىيىن ـ قىستاققا ئېلىپ ۋە ئازابلاپ ئۇلارنى مەككىدە تۇرالمىغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغان چاغدا رەملە بىلەن ئېرى كىچىك بالىسى ھەبىبەنى ئېلىپ ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھى نەجاشىنىڭ ھىمايىسىگە ئۈمىدلىنىپ ماڭغان مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ئاللاھقا خاتىرجەملىك بىلەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. بىراق ھەبەشىستانغا قېچىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەردە خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئەبۇ سوفيان باشلىق قۇرەيش كاتتىلىرى بۇ ئىش ئۈچۈن ناھايىتى ئازابلاندى. چۈنكى ئۇلارغا بۇ ھار كەلگەن ئىدى.

ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ نەجاشىغا ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز دىيارىدا تۇرغۇزماستىن قايتۇرۇۋېتىش، «مۇسۇلمانلار مەريەم ئوغلى ئىسا ھەققىدە بوھتان چاپلايدۇ» دېيىش ئارقىلىق نەجاشىنىڭ زىتىغا تېگىپ مۇسۇلمانلارنى كەلگەن ئەلچىلەرگە قايتۇرپ بەرگۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇن سوغا ـ سالاملار بىلەن ئىككى ئەلچىنى ھەبەشىستانغا ئەۋەتتى. ئەلچىلەرنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغان نەجاشى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ھۇزۇرىغا چاقىرتتى ۋە ئۇلاردىن سوئال سورىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ئىسلام دىنىنىڭ قانداق دىن ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى نېمىلەرگە بۇيرۇغانلىقىنى، مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھنىڭ قانداق ئايەتلەرنى نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇلارنى ئاڭلىغان نەجاشى تەسىرلەنگەنلىكىدىن يىغلاپ ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن بىلەن بىر مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئىپىسكوپلىرى ئىمان ئېيتمىغان ھالەتتىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئەلچىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەستىن ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھەقىقىي بىر ھىمايىگە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنگەن رەملە (ئۇممى ھەبىبە): ئەمدى كۈنلەر ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەپسۇس ھېكمەت ئىگىسى ئاللاھ ئۇنى خېلى ـ خېلى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى گاڭگىرتىدىغان، ئويلىمىغان بىر ئېغىر سىناق بىلەن سىناشنى خالىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ سىناقتىن ئەجىرگە ئېرىشكەن ھالدا ئۆتۈشىنى بەلگىلىدى. بىر كۈنى ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە ئېرى ئۇبەيدۇللاھنىڭ قاتمۇقات قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگەنلىكىنى، ئۇنى قات ـ قات زۇلمەتنىڭ تېخىمۇ بەك قورشاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ ئۇيقۇسىدىن ناھايىتى قورققان ھالدا چۆچۈپ ئويغاندى، لېكىن ئۇ بۇ چۈشىنى نە ئېرى نە باشقا بىرىگە دېيىشنى پەقەتلا خالىمىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ چۈشى رىئالىققا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئېرى ئۇبەيدۇللاھ ئىسلام دىنىدىن يېنىپ خرىستىئان دىنىغا كىرىپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نىجىسكە بېشىچىلا دۈم چۈشۈپ قاۋاقخانىلاردىن بېرى كەلمەس، تاشلاش ئۇياقتا تۇرسۇن بارغانچە ئىچىپ قانماس بولدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئايالى ئۇمۇ ھەبىبەنى بىر ـ بىرىدىن قورقۇنچلۇق ئىككى خىل تاللاشتىن بىرىنى تاللاشقا قىستىدى. ئۇ ئىككى خىل تاللاشنىڭ بىرى ئېرى بىلەن ئاجرىشىش يەنە بىرى خرىستىئان دىنىغا كىرىش ئىدى.

ئۇممۇ ھەبىبە بۇ ئېغىر تاللاشلارغا ئۈچىنچى بىر خىل تاللاشنىڭ قوشۇلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدىن يېنىپ خرىستىئان دىنىغا كىرمىگەن ئەھۋالدا (ئۇنداق ئىشنى ئۇممۇ ھەبىبە بەدىنىنى تۆمۈر تاغاقلار بىلەن تاراپ تىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ قىلمايتتى) ئېرىدىن ئاجرىشىپ ياكى مەككىگە دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ دىنى خارلانغان ھالدا مەھكۇم بولۇپ ياشاش ۋە ياكى ھېچقانداق ئۇرۇق ـ تۇغقانسىز، يۈلەنچۈكسىز ھالدا بۇ يات ئەلدە تەنھا ياشاش. ئۇ ئاخىرى دىنى ئۈچۈن ئۈچىنچى يولنى تاللاپ تاكى ئاللاھ بىر چىقىش يولى بەرگىچە ھەبەشستاندا ياشاپ قىلىش قارارىغا كەلدى.

ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ كۆتىشى ئۇزاققا بارمىدى. ئۇنىڭ خرىستىئان دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ياشىمايلا ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىگە تۇتقان ئىددىتى توشۇش بىلەنلا ئۇنىڭغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خۇشاللىق قۇچاق ئاچتى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز غەم ـ قايغۇ تۇمانى قاپلىۋالغان ئۆيىنىڭ ئۈستىگە بەخت قۇشى قانات قېقىپ كەلدى.

قۇياش نۇرى كۈلۈپ باققان بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئىشىكى يەڭگىلگىنە چېكىلدى. ئىجازەتتىن كېيىن پادىشاھ نەجاشىنىڭ خاس خىزمەتچىسى ئەبرەھە ئەدەپ بىلەن كىرىپ ئۇممۇ ھەبىبەگە ئېھتىرام بىلەن:

— پادىشاھ نەجاشى سىزگە سالام يوللىدى. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ سىزگە توي تەكلىپىنى قويغانلىقىنى سىزگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ئالدىڭىزغا مېنى ئەۋەتتى، مۇھەممەد سىزنى ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت ئەۋەتىپتۇ. سىزمۇ خالىغان بىرىنى ئۆزىڭىزگە ۋەكىل قىلىڭ، — دېدى.

ئۇمۇ ھەبىبە خۇشاللىقىدىن:

— ئاللاھ ساڭا خۇش خەۋەر بەرسۇن! ئاللاھ ساڭا خۇش خەۋەر بەرسۇن! — دەپ توۋلاپ كەتتى ۋە شۇ ھامانلا تاقىۋالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىپ، قولىدىكى بىلەيزۈكىگە قوشۇپ ئەبرەھەگە سۆيۈنچە قىلىپ بېرىۋەتتى. ئاندىن يەنە ھالقىسى بىلەن خال ـ خالىنى، ئۈزىكىنى چىقىرىپ ئۇنىمۇ قوشۇپ بەردى. ناۋادا ئۇ دۇنيادىكى ھەممە ئالتۇن كانلىرىغا ئىگە بولغىنىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەبرەھەگە سۆيۈنچە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ئاندىن ئۇ ئەبرەھەگە، — مەن ئۆزۈمگە خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئاسنى ۋەكىل قىلدىم. ئۇ كىشىلەردىن ماڭا ئەڭ يېقىن بولغىنى، — دېدى.

نەجاشىنىڭ ھەبەشىستاندىكى قويۇق دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ چېچەك بىلەن بېزەلگەن گۈزەل باغچىلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان، چىرايلىق زىننەتلىنىپ تۇچ چىراغلار بىلەن يورۇتۇلغان ھەشەمەتلىك بىر زالىدا ئۇممۇ ھەبىبەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاش سورۇنى تۈزۈلدى، بۇ سورۇنغا ھەبەشىستاندىكى مۇھاجىر ساھابىلەردىن جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ، خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئاس، ئابدۇللاھ ئىبنى ھوزافەتەسسەھمىدەك ئابرۇيلۇق ۋە مەرتىۋىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بولغاندا نەجاشى ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇدى ئاندىن:

— ھەممىدىن ئۇلۇغ، مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك بەرگۈچى، كافىرلارغا قاتتىق قول بولغۇچى ئاللاھنى مەدھىيىلەيمەن! بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ھەمدە ئىسا ئىبنى مەريەم بېشارەت بەرگەن كىشى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن! مەقسەت: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن ئەبۇ سوفياننىڭ قىزى ئۇممۇ ھەبىبەنى ئۆزىگە نىكاھلاپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم. مەن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرئىتى بويىچە ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن مۇھەممەدكە ۋاكالىتەن 400 دىنار ئالتۇن بەردىم! — دەپ دىنارلارنى ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ۋەكىلى خالىد ئىبنى ئاسنىڭ ئالدىغا تۆكتى...

ئاندىن خالىد ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەن ئاللاھنى مەدھىيىلەيمەن! ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيمەن، كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن، مۇھەممەدنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن! گەرچە كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۆز دىنىنى بارلىق دىنلاردىن يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن توغرا ۋە ھەق بولغان دىن بىلەن پەيغەمبىرىنى بىزگە ئەۋەتتى! مەقسەت: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ مېنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلغۇچى ئۇممۇ ھەبىبەنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بەردىم. ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەرىكەت بەرسۇن! ئۇمۇ ھەبىبەگە ئاللاھ تەقدىر قىلغان ياخشىلىقلار بىلەن مۇبارەك بولسۇن!... —دېدى ۋە تويلۇق دىنارلارنى ئېلىپ باشقىلار بىلەن بىرگە قايتىشقا تەمشەلدى. بۇ چاغدا نەجاشى:

— ئولتۇرۇڭلار! توي قىلغاندا تاماق بېرىش پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى، — دېدى ۋە داستىخان راسلاپ تويلۇق تاماق بەردى. كىشىلەر تويلۇق تاماقنى يەپ ئاندىن تارقاشتى. ئۇممۇ ھەبىبە مۇنداق دەيدۇ:

ماڭا بېرىلگەن تويلۇق مال ماڭا يېتىپ كەلگەندە مەن ئەبرەھەگە ئۇنىڭدىن 50 مىسقال ئەۋەتىپ بەردىم ۋە: ‹سەن ماڭا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگىنىڭدە مېنىڭدە مال يوق ئىدى› دېدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئەبرەھە كېلىپ مەن ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ئالتۇن بىلەن ئالدىنقى قېتىمدا مەن ئۇنىڭغا سۆيۈنچە ئورنىدا بەرگەن زىبۇزىنەتلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى ۋە:

— پادىشاھ مېنىڭ سىزدىن بىر نەرسە ئالماسلىقىمنى تاپىلىدى ۋە ئاياللىرىدا بار بولغان خوش پۇراق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىمنى تاپىلىدى، — دېدى. ئەتىسى ئۇ ماڭا ۋەرەس، ئۇد ۋە ئەنبەر ئېلىپ كەپتۇ. ئاندىن ئۇ ماڭا، — مېنىڭ سىزگە بىر ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى، — دېدى. مەن ئۇنىڭدىن:

— قېنى دەڭ ئۇ نېمە ئىشتى؟ — دەپ سورىدىم. ئۇ مەن مۇھەممەدنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، پەيغەمبەرگە مەندىن سالام دەڭ ھەم ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ! — دەپ جېكىلىدى، ئاندىن مېنى جابدۇدى.

مەن مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىندىم، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندە نىكاھ ئىشلىرىمىزنىڭ جەريانىنى، ئەبرەھەگە مۇناسىۋەتلىك گەپ ـ سۈزلەرنى ئۇنىڭغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم ۋە ئەبرەھەنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىدىن خەۋەر بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبرەھەدىن سۆيۈنۈپ: « ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى، بەرىكىتى ۋە رەھمەتلىرى بولسۇن!» دېدى...