Jump to content

رەيھانگۈل مەخپىروۋا

ئورنى Wikipedia
رەيھانگۈل مەخپىروڤا (كرىل:Риһангүл Мәхпирова، رۇسچە: Рехангуль Махпирова تو. 1946-08-01، سوۋېت ئىتتىپاقى قازاق س س ئ‍ى ج، چېلەك ناھىيەسى ئەمگەكچى قازاق يېزىسى، ئۆ. 2025-11-29، قازاقستان، ئاستانا). قازاقستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆرمەتلىك سەنئەتكارى.[1]

ئۇ ئىجادىيەت ھاياتىنى س. سەيفۇللىن نامىدىكى قازاق س س ئى ج. قاراغاندا رايونلۇق تىياتىردا باشلىغان.

1971 - 1977 - يىللىرى جامبۇل ئوبلاستى ئاباي نامىدىكى تىياتېردا ئىشلىگەن.

1977 - يىلىدىن بېرى قۇددۇس غۇجامياروف نامىدىكى قازاقستان دۆلەتلىك جۇمھۇرىيەتلىك ئاكادېمىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرخانىسىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى.[2]

روللىرى

[تەھرىر]
  • نەرگېس - «نەرگېس»، يۇماگۇلوف
  • ئادۋوكات - «مەھبۇسلار»، ك. مۇھەممەدجانوف
  • ناتسىست - «دۇئېل»، م. بايجيېف
  • ئالتىناي - «بىرىنچى ئوقۇتقۇچى»، چ. ئايتماتوف
  • ئاكسىنيا - «جىمجىت ئاققان دون»، م.شولوخوف
  • بوتا - «كازاك ئەسكەرلىرى» ، گ.مۇسرېپوف
  • گالىيا - «بالۇەن شولاك» ، س. مۇكانوف
  • مېھنىبانۇ - «پەرھاد ۋە شىرىن»، ش. خۇرشىد
  • نازۇگۇم - «نازۇگۇم» ، ج. بۇساقوف
  • لەيلى - «لەيلى ۋە مەجنۇن».[1][2]

ئالاقىدار

[تەھرىر]
  1. ماخمۇت دارايېف
  2. رۇقىيەم ساتتاروۋا
  3. قۇددۇس غۇجامياروف

ئىزاھات

[تەھرىر]
  1. 1 2 Рехангуль Махпирова ناملىق يازما، 2025-02-02- كۈنى مۇقىمدالدى.
  2. 1 2 РИХАНГУЛЬ МАХПИРОВА ناملىق يازما، 2025-02-02 كۈنى مۇقىمدالدى.