رەگەتكە ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

رەگەتكە ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەنلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان ئويۇن تۈلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئويۇن شىنجاڭدىكى ھەممە مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق ئويۇندۇر. بۇ ئويۇندا، ياشلار ئوتتۇرا بارماق توملۇقىدىكى ئاچا ياغاچنىڭ ئۇچىغا بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە، 50 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رېزىنكىنىڭ ئىككى ئۇچىنى باغلاش ئارقىلىق ياسالغان رەگەتكىنى ئاساسىي قورال قىلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: رەگەتكىگە تاش قىستۇرۇپ، قۇشلارنى ۋە نىشان قىلىپ بەلگىلەپ قويۇلغان نەرسىلەرنى چەنلەپ ئېتىشتا ئۆز ئارا بەسلىشىدۇ. ئويۇندا قايسى كىشى نىشان قىلىنغان نەرسىلەرنى ئېتىپ چۈشۈرسە، شۇ كىشى مەرگەن ھېسابلىنىدۇ. بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ئۈچۈن، كۆرۈنگەنلا يەرلەردە، ئاممىۋى سورۇنلاردا رەگەتكە ئويناشقا يول قويماسلىق كېرەك. مەكتەپلەردە بۇ ئويۇننى ئويناش تېخىمۇ چەكلىنىدۇ. رەگەتكە ئويۇنىنى كەڭ دالىلاردا، ئادەمسىز جايلاردا ئويناشقا ھەمدە بەلگىلىك سورۇن ھازىرلاپ، مەلۇم ئېگىزلىكتىكى بىر جازا ئورنىتىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىنى قويۇپ، رەگەتكە ئارقىلىق چەنلەپ ئېتىش مۇسابىقىسى تەشكىللەشكە بولىدۇ. مۇسابىقىنى يەككىلەر بويىچە ياكى ئادەم سانى ئوخشاش بولغان گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، نىشان قىلىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى ئەڭ كۆپ چەنلەپ چۈشۈرگەن تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى". Archived from the original on 2021-11-27. Retrieved 2021-08-08.