رەھمەت كۈنلىرىدىكى نىدا
رەھمەت كۈنلىرىدىكى نىدا
دانالار «كىشىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئۇنىڭ شەھۋەت ۋە ھاۋايى - ھەۋەسلەرنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالالىشى بىلەن بىلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. كونترولى ئاستىدا بولۇشى كېرەك بولغان نەرسىلەرنىڭ تىزگىنىگە چۈشۈپ ياشاش، قول ئىلكىدە تۇتۇش كېرەك بولغاننىڭ قۇلى بولۇشنى كۈرەش يولى قىلىۋېلىش، ئۆمۈرنى سەرپ قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان، ھاياتنى تېگىشتۈرۈشكە يارىمايدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن قان - تەر تۆكۈشنى ياشاش پىرىنسىپى قىلىۋېلىش كۈنىمىز ئىنسانلىرى تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىۋاتقان چوڭ بۇھرانلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. «تەپەككۇر قىلغۇچى جانلىق» بولۇشتەك ئىنسانغا باب كېلىدىغان ماھىيەتلىك تەبىردىن «ئىقتىسادىي جانلىق»قا ئايلاندۇرۇۋېتىلىش، «مۇكەللەپ ۋە مۇشەررەپ ئىنسان» كاتېگورىيەسىدىن تەبىئەتتىكى ئەقىلسىز جانلىقلار مىسالى «ئىستېمالچىسى جانلىق» كاتېگورىيەسىگە كىرىپ قېلىش زامانىمىزنىڭ بۈيۈك پاجىئەسى. بۇنداق بىر قىسمەتكە پېتىپ قېلىش ئىنسانلىقنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە قارىغاندا، بۇ زامان ئىنسانلىرىنىڭ رەببانىي يېتەكلەشكە نەقەدەر موھتاجلىقىنى، مېخانىكىلاشقان مەرىپەتچىلىكنىڭ كىشەنلىرىدىن ھۆر بولۇپ ھىدايەت نۇرىنىڭ يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرىدىغان ساماۋى يېتەكچىلىككە نەقەدەر موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
دەرۋەقە، بارچە قۇللۇقنىڭ يىلتىزى بولمىش نەپس قۇللۇقى ھەربىر ئىنسان ۋۇجۇدىغا قۇرغان سەلتەنىتىنى كۈچەيتمەكتە، ۋابا مىسالى يامرىماقتا. مۇبارەك رامىزان ئېيىدا تۇرۇپتىمىز. بىلسەك، بۇ ئاي سىلكىنىش ئېيى. بۇ ئاي نەپسىمىزنى تەربىيەلەش ئېيى. مېھرى – شەپقەت تۇيغۇلىرىمىزنى ئويغىتىشنىڭ، ئىنسانلىق بۇرچىمىزنى يادقا ئېلىشنىڭ، قاششاقلىق ۋاباسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ، ئىنسان ۋۇجۇدىغا ھاكىممۇتلەقلىق تەختىنى قۇرۇش كويىدىكى نەپسنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ، ياۋغا قارشى جىھادنىڭ تۇنجى ئۆتكىلى بولغان نەپس جىھادىنى مانېۋىر قىلىشنىڭ، روھ قوشۇنلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ئېيى. بۇ ئاي يەنە ئىرادىنى تاۋلاشنىڭ، ئەقىلنى سازلاشنىڭ، ئىماننى پاكلاشنىڭ، ساداقەتنى كۈچەيتىشنىڭ، چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ، سەۋر - تاقەتنى يۈكسەك قىلىش ۋە ئىتائەت بىلەن ئاسىيلىق ئارىسىغا چېگرا قويۇشنىڭ، ئىنسانىيلىقنى شەيتانىيلىق ئىسكەنجىسىدىن خالاس قىلىپ رەببانىيلىق بوستانلىقىغا ئېلىپ چىقىشنىڭ مەۋسۇمى. بۇ ئاي ئەڭ ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئېيىدۇر. قۇرئاننىڭ ئېيىدۇر. قەدىر كېچىسىنىڭ ئېيىدۇر. پاكلىنىش ئېيىدۇر، رەھمەت ئېيىدۇر، مەغفىرەت ئېيىدۇر. دۇئا ئېيىدۇر، ئىجابەت ئېيىدۇر. نىجاتلىق ئېيىدۇر. ئاللاھ بۇ ئايغا مۇيەسسەر قىلغان ھەربىر بەندىسىنى مۇبارەك ئاينىڭ خەيرلىكلىرىدىن نېسىپ قىلسۇن! بۇ ئاينىڭ خەيرلىكلىرىدىن ئەركىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان خەلقىمىزگە ئاللاھ مەدىتى بولسۇن! نىيەتلىرىگە كۆرە بۇ ئاينىڭ ئەجىر ۋە ساۋابلىرىدىن بەھرىمەن قىلسۇن! بۇ مەھرۇملۇقنىڭ سەۋەبكارلىرى بولغان، ھۆرلۈك ۋە ئەقىدىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان، شۇنداقلا ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ دۈشمىنى بولغان مۇستەملىكىچى زالىملاردىن بۇ قەرزنى تۆلىتىش، ھۆر ۋە مۇستەقىل تۇپراقلىرىدا ئۇشبۇ ئاينىڭ خەيرىلىكلىرىدىن قىيامەتكە قەدەر نېسىۋېلىنىش پۇرسىتىنى بۇ مىللەتكە تەكرار نېسىپ قىلىپ بەرسۇن!
-بۇرھان مۇھەممەد
2025-03-06
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى