زاكات ۋە سەدىقە

ئورنى Wikipedia

زاكات ۋە سەدىقە: زاكات ھۆكۈمەت ئالىدىغان باج ئەمەس، خالىغاندا بېرىدىغان سەدىقە ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمرى. ”زاكات“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ”پاكلاشتۇرۇش“ دېگەنلىك بولىدۇ. مۈلۈكدارلار ئاللاھ ئىلتىپات قىلغان مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ يوقسۇللارنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى پاكلاشتۇرۇپ ئۇنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئىگە بولالايدۇ. زاكات ئارقىلىق مال- مۈلۈك پاكلىشىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، زاكات ئۆز تۇرمۇشىدىن ئېشىنغان مۈلۈكنىڭ %2.5 (قىرىقتىن بىرى) بويىچە يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ. ھەرقانداق پايدا كەلتۈرىدىغان مۈلۈكلەر، مەسىلەن چارۋا- مال، تېرىلغۇ يەر، باغ- ۋاران، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىقلارمۇ باھاغا سۇندۇرۇلۇپ، يۇقىرىقى پىرسەنت بويىچە زاكات بېرىلىدۇ. ( قۇرئان كەرىم 9-سۈرە 60- ئايەت) زاكات ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادا قىلىشى شەرت بولغان دىنىي مەجبۇرىيەت. ئادەتتىكى سەدىقە بولسا ئۆز ۋىجدانىغا ئاساسەن بېرىدىغان ساۋابلىق ھەرىكەتتۇر . ”سەدىقە“ دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆز ”راستچىللىق“، ”سەمىمىيلىك“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى. كېيىن ساداقەتمەنلىكنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى بولغان سەدىقىنى بىلدۈرىدىغان بولدى.( قۇرئان كەرىم 2-سۈرە، 271-، 274- ئايەتلەر)