زاڭ

ئورنى Wikipedia

يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوناق ئۇنىدىن ئېتىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تائامى

خۇرۇچلىرى ۋە ئېتېش ئۇسۇلى:

گۆش 500 گرام، قۇرۇق لازا بىر تال، يېسىۋىلەك (بەسەي) 140 گرام، كەرەپشە (چىڭسەي) ئازراق، قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ياغ 35 گرام، سامساق ئىككى باش، تۇرۇپ 140 گرام، ئاچچىقسۇ 35 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ، قوناق ئۇنىنى چېلىپ، ئۇزۇن قاينىتىلىدۇ. ئاشنىڭ ياخشى پىشىشى ئۈچۈن، تۇز تەمى تەڭشەلگەن قايناق سۇدىن بىر نەچچە قېتىم قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، پەس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇپ قاچىلارغا ئېلىنىدۇ.  2. گۆشنى ياپىلاق، بەسەينى تۆت چاسا، تۇرۇپنى ئۈچ بۇرجەك، كەرەپشىنى (چىڭسەينى) قىسقا - قىسقا، پەمىدۇرنى ئۇششاق، سۇڭپىيازنى ئات تۇۋىقى شەكلىدە، سامساق، لازا ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاندىن ئايرىم قازاندا قورۇما قورۇش تەرتىپى بويىچە قورۇمىلار قورۇلىدۇ. لېكىن قورۇما سۇلۇق بولۇشى كېرەك.  قاچىغا ئېلىپ سوۋۇتۇلغان زاڭنىڭ ئۈستىگە شورپىلىق قورۇمىدىن ئۇسۇپ يېيىلىدۇ. ئاچچىقسۇ بىلەن ياغ لازا ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ. 