زاھىر بۇرھان
زاھىر بۇرھان | |
|---|---|
|
| |
| مىللىتى | ئۇيغۇر |
| توغۇلغان ۋاقتى | 1968-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى |
| توغۇلغان جاي | ئۈرۈمچى |
تالانتلىق ياش سەنئەتكار زاھىر بۇرھان 1968-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ دادىسى ھەم ئۇستازى بۇرھان ناسىرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بەش ياش چېغىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. شۇ چاغلاردا ئىسكىرىپكا تارىسىدىن چىققان يالقۇنلۇق كۈيلەر ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىگە سەنئەتنىڭ ئۆچمەس ئوتلىرىنى ياققانىدى. ئۇ تىنىمسىز، جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدىلا ئىسكىرىپكا چېلىشتا خېلى يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى، بولۇپمۇ مۇزىكا جەھەتتىكى تەبىئىي تالانتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغانىدى. 1983-يىلى 9-ئايدا ئائىلىسى بىلەن ئاقسۇغا كۆچۈپ بارغان زاھىر بۇرھان ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىنىڭ مۇزىكا كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. ئۇ، بۇ يەردە مۇزىكا كەسپى بويىچە ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلەش ئىمكەنىيىتىگە ئېرىشىدۇ ھەم سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن تۇنجى يىلىلا «ۋاپاسىز يار» ناملىق بەدىئىيلىكى يۇقىرى شۇنداقلا لىرىك ھەم جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باسىدۇ.
زاھىر بۇرھان 1986-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنىدۇ. قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈككەن بۇ ياش سەنئەت شەيداسىنىڭ يۈرىكىدە سەنئەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت، تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش روھى ھەر قاچان جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، كەلگۈسىدىكى بىر ياراملىق كومپوزىتورنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان تالانتى ۋە بەدىئىي ماھارىتى تارىم باغرىدىكى سەنئەتنىڭ بۇ خىلۋەت باغچىسىدا ئاستا – ئاستا بەرق ئۇرۇپ مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ[1]
- ↑ ئىزاھلىغۇچى شەخس ، ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى ( ئابدۇراخمان ئەسئەت)