زوردۇن سابىر

ئورنى Wikipedia
زوردۇن سابىر
ۋاپات بولغان يەر
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىيازغۇچى

1937-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان.


زوردۇن سابىر (1937 - 1998) 20 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەببىياتىدىكى مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچى . ئۇ ئاساسلىقى 20 – ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ . ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىكى ئەدىبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى . شۇبىڭدەك كىتاپخانلار ، ئوبزورچىلار تەرىپىدىن ‹‹ ئۇيغۇر پروزىسىدىكى بايراقدار يازغۇچى ›› دەپ تەرىپلەنگەن . ئۇ رۇس يازغۇچىلىرىدىن شولوخوۋ ، تولىستوي ، گوركىي قاتارلىق رېئالىستىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان بولغاچقا ، ئىجادىيەتتە ئاشۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرگەن . ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىدە سىستېمىلىق بولغان رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت نەزىريىسىنى مۇكەممەل تۇرغۇزغان . ئۇ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار ۋە يۈزەكى ھادىسىلەرگە ھەرگىز سەل قارىمايتتى . كۈزەتكەن ، ھېس قىلغانلىرىنى جاتىرىسىگگ يېزىپ قالدۇرىۋالاتتى . بۇنداق خاتىرىلەر كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى دەلىللەش رولىنى ئويغاپ ، ئەسەرنىڭ رېئالىزملىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان . تۇرمۇش بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېققىنلاشتۇرغان ئىدى . ئۇ مەيلى قەيەرگە بارسۇن ، قانداق ئادەملەر بىلەن ئۇچراشسۇن ئۇلاردىن ئۆز ئىجادىيىتىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىزدەيتتى . ئۇ بىر قېتىم تۇرمۇش ئۆگۇنۇش ئۈچۈن مەكىتكە بارغاندا ئۇ يەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان دېھقان ئىسمائىل روزى بىلەن تونىشىدۇ . ئويلىمىغنا يەردىن بۇ دېھقان ئۆز ئىگىلىكى توغرىسىدا ئەمەس ، بۇركىتى توغرىسىدا كۆپ سۆزلەيدۇ . بۇ ھال رېئال تۇرمۇشقا يازغۇچىدا باشقىچە ئىلھام پەيدا قىلىدۇ . يازغۇچى ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش ›› ناملىق ماقالىسىدە ( بۇ ماقالە ‹‹ تارىم ›› ژورنىلىنىڭ 1986 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ) ئاشۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ . ›› ئۇنىڭ بۇركۇت توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلىرى مېنى جەلپ قىلىۋالدى . مەن بۇ رېئاللىق ئالدىدا چارۋا توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەشتىن دەرھال ۋاز كېچىم – دە ، بۇركۇت توغرىسىدا ئويلاشقا باشلىدىم . بۇركۇتنىڭ سۆھبىتى مەندە يېڭى چۇشەنچە ھاسىل قىلدى ‹‹ . دېمەك ، زوردۇن سابىر بەدىئىي توقۇلمىنى شۇ ۋەقەلىككە مۇناسىۋەتلىك ، باغلىنىشلىق بولغان رېئال تۇرمۇشنى ياكى تۇرمۇشتىن كېسىۋالغان بىر پارچە ماتېريالنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كەلتۇرىدۇ .

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ رېئاللىقا بولغان سادىقلىقى ئۇنىڭ ‹‹ قەرزدار ›› ھېكايىسىنى يېزىش جەريانىدىن تېخىمۇ روشەن كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ . يازغۇچى ‹‹ قەرزدار ›› ھېكايىسىنى يازغان 1980- يىلى خەلق گوڭشېسى تېخى بىكار قىلىنمىغان ئىدى . لېكىن يازغۇچى خەلق گوڭشېسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قازاننىڭ جوڭگو دېھقانلىرىنى باي قىلالمىغانلىقىنى دېھقانلار ئارىسىدا يۇرۇپ كۆرگەن ئىدى . بۇ رېئاللىق ئۇنى ‹‹ دېھقانلارنى ھەقىقى بېيىتىش ئۈچۈن بۇ چوڭ قازاننى چاقماي بولمايدۇ ›› دېگەن ئىدىيىنى چىقىش قىلىپ ئەسەر يېزىشقا ئۈندىگەن .

زوردۇن سابىر 1937 – يىلى باھار ئايلىرىدا غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزا بوستان كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . دادىسى سابىر ئاكا دېھقان بولسىمۇ ، ئىلىم – پەنگە قىزىقىدىغان ، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم ئىدى . ئانىسى ئانارخان ھەدە ئىشچان ، پاكىز ، چېۋەر ئايال ئىدى . زوردۇن سابىرنىڭ بالىلىق ھاياتى شىمالدىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى ئۇرۇپ تۇرىدىغان مۇشۇ كىچىككىنە بوستانلىق مەھەلىدى ئۆتتى . 1942 – يىلى زوردۇن سابىر بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ ، بۇ ئائىلىدىكى ئالتە جان ئادەم دادىسى سابىر ئاكىنىڭ ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ بېقىپ چوڭ قىلىشىغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ .

1946 – يىلى زوردۇن سابىر مەھەلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرىدۇ ، ئۈچىنچى سىنىپنى پۇتتۇرگەندە تۆتىنچى سىنىپ بولمىغاچقا داۋاملىق ئۆرلەپ ئۆقۇشقا ئامالسىز قالىدۇ . زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ، شۇ ۋاقىتتا ئۇرۇق – تۇغقانلار زوردۇن سابىرنى مەھەلىدىكى ئىمامدىن دىنىي تەلىم ئالدۇرۇپ قارىي قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولۇشقان ئىكەن . لېكىن زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان . دادىسىمۇ زوردۇننى زادى ئوقۇتىمەن دېگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بەرمەسلىكىگە قارىماي ئۇنى باشقا يەرگە ئەۋەتىپ داۋاملىق ئوقۇتۇش ئويىغا كەلگەن .

شۇ ۋاقىتتا مەھەلە باشلانغۇچ مەكتىپىدە زامانىدىن ئەپەندى ئىسىملىك مۇئەللىم بار بولۇپ ، ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ بىرى ئىدى . زامانىدىن مۇئەللىم زوردۇن سابىرنى ئارا ئۆستەڭ يېزىدى ئارا مەھەلە كەنتىدىكى تولۇقسىز مەكتەپكە ئاپىرىپ ، تۆتىنچى سىنىپقا كىرگۈزگەن . زوردۇن سابىر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ، ئۆگۈنۈشتىكى تىرىشچانلىقى م زېرەك ، ئەقىللىقلىقى بىلەن سىنىپتا بىرىچى بولۇپ ئوقۇغان . بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان . بىراق ئۇنىڭ بىراق ئۇنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشى تولىمۇ قىيىن بولغان . كۆپىنچە ساۋاقداشلىرى بايلارنىڭ ياكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ئائىلەرنىڭ بالىلىرى بالىلىرى بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زوردۇن سابىر نامرات ئائىلىنىڭ بالىسى قارىلىپ بەزىدە كەمسىتىلگەن . نۇرۇم سابىر ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ 1949 – يىلى كۈزدە زامىدىن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىز بىر يوتقان – كۆرپە ، كىگىز نان دېگەندەكلەرنى تەسلىكتە تەييارلاپ ، زوردۇننى ئارا ئوستەڭگە يولغا سېلىپ قويدۇق . قېرىشقاندەك شۇ يىلى قىشتا ناھايىتى قېلىن قار ياغدى . دادام بالام توڭلاپ قالىدىغان بولدى ،دەپ مەندىن بىر چاپان ئەۋەتتى ، مەن بارسام راش دېگەندەك ئىنىم يازدا كەتكەن يالاڭ چاپان ئىكەن . بۇ يالاڭ چاپىنىمۇ كونا بولغاچقا سوغاقتا تالاغىمۇ چىقالماي قاپتىكەن .ھەتتا بەزى مۇئەللىملەر ئىنىمنى مەكتەپتىنمۇ قايتۇرۋەتمەكچىمۇ بولۇپ تۇرۇپتىكەن . ››

1951-يىلى زوردۇن سابىر غۇلجا شەھرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ‹‹ ئىلى مەكتەپ ›› تە ئوقۇيدۇ. 1952-يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 1953-،1954-يىللىرى گىمنازىيە .‹ ھازىرقى سەككىزىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئورنىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ › دە ئوقۇيدۇ. 1955-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن ‹ ھازىرقى ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى › گە ئوقۇشقا كىرىپ ،1957-يىلى پۈتتۈرىدۇ.

دۇنيادا مەيلى كىم بولسۇن ئۇستازنىڭ رولىسز ھايات يولىنى توغرا باسالىغان ئەمەس. نۇرۇم سابىرنىڭ ‹‹ مەن زاماندىن مۇئەللىمنى زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى دەپ قارايمەن ›› دەيدۇ. شۇنداق،زاماندىن مۇئەللىم زوردۇنسابىرنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىغا ئىلھام بەرگەن ھەم ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن.ناۋادا شۇ قېتىم زامانىدىن مۇئەللىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمىگەن بولمىسا ،بەلكىم زوردۇن سابىر ئوقۇش ئارزۇسىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتى.

زوردۇن سابىر كىچىگىدىنلا ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان . ئۇ مەھەلىدىكى باشكانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلاتتى . ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يېتىلىشىگە ئۆز مەھەلىسىدىكى ھاشىم ئاكا ، ئومەر قاتارلىق قوشاقچى ئاغزىدىن نۇرغۇن قوشاقلارنى ئاڭلىغان ، يادلاپ ئالغان ، دائىم ئۇلارنىڭ قېشىدىن يىراق كەتمىگەن . نۇرۇم سابىرنىڭ دەپ بېرىشىچە ، زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە 1956 – يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېما قىلىنغان تۆت پەردىلىك بىر درامما يازغان . بۇ درامما شۇ يىلى يازدا ناھىيىلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوللىشى بىلەن مەھەلىدە ئوينالغان ئىكەن .

زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقاندا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، جۇغراپىيىگە دائىر نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇغان . ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمى ، درامماتورگ ، يازغۇچى ماناپ قادىرىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ، ئۇ سىنىپ بويىچە ئەۇڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماي يەنە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمۇ يۇقۇرى ئوقۇغۇچى ئىكەن . ئۇ دائىم ‹‹ ئانا ›› ، ‹‹ كېلىدۇ بىر كۈن ›› ، ‹‹ ئاتۇن ۋادىدىكى شاماللار ›› ،‹‹ بوتا كۆز ›› قاتارلىق رومانلارنى قولىدىن چۇشۇرمەيدىكەن . دېمەك ، زوردۇن سابىر ئۆزىدە ناھايىتى كۆپ بىلىم جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان . زوردۇن سابىر 1989 – تەتقىقاتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىنلا باشلانغانلىقىنى توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ : ›› توققۇزۇنچى سىنىپتا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا داستان يازغان ئىدىم . مەن يازغان ئىككى پارچە دراممىنىڭ بىرى ‹‹ ئېتىز كەپىسى ›› ئەينى يىللاردا رايون سەھنىلىرىدە ئوينالغان . زوردۇن سابىرنىڭ ئىلى دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچىسى مولداغالى مۇنداق دەيدۇ . ‹‹ مەن زوردۇن سابىرغا پېداگوگىكا ، پىسخىلوگىيە ، دۇنيا يېڭى زامان تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن . ئېسىمدە قېلىشىچە ، ئۇ مەندىن دائىم چوڭقۇر سۇئاللارنى سوراپ تۇرۇۋالاتتى . دەرسنى تولىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەتتى . مەن ئۇنىڭ يەنە ، ‹‹ لېنىنىڭ بالىقى چاغلىرى ›› ، ‹‹ بۇ ۋەقە روۋنو ئەتراپىدا بولغان ›› دېگەندەك كىتاپلارنى ئوقۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم . ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ مۇشۇنداق بىر ئوقۇغۇچۇم بولغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ›› .

نۇرۇم سابىر يەنە مۇنداق دەيدۇ : زوردۇن ھەقىقەتەن كۆپ ئوقۇيتتى . ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقاندا تەتىلدە بىرلا قېتىم چىقاتتى . چىققاندىمۇ بىرمۇنچە كىتاپ – ژورناللارنى ئېلىپ چىقاتتى. كۈندۇزى ئېتىز ئەمگىگە قاتناشسا كېچىسى لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇيتتى . مەن زوردۇننىڭ تەسىرىدە كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغان . مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە مەن ئۇنى مەھەلىگە ئاچىققان ئىدىم . ئېسىمدە قېلىشىچە ، ئۇ شۇ چاغدا ئىككى يۈز پارچىدىن ئوشۇق كىتاپ ئاچىققان ئىدى . بىز ئىككىمىز كەچتە رومان ئوقۇيتتۇق . بىر قېتىم لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇپ تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ . سەھەردە دادام بىزنى كۆرۇپ خاپا بولۇپ ‹‹ مۇنۇغۇ كىتاپ ئوقۇسۇن ، سەنچۇ ، سېنىڭ ئۇخلىمىغىنىڭ نېمىسى ؟ سەن دېگەن ئېتىزغا بارىدىغان ، كەتمەن چاپىدىغان تۇرساڭ ›› دەپ كايىپ كېتىۋىدى ، زوردۇن دادامغا ‹‹ مەن بىكارغا رومان ئوقۇمايمەن ، مەن كېيىن رومان يېزىپ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئۆچمەس ئىسىمغا ئايلاندۇرىمەن ، دادا ›› دېدى . بىز تالاغا چىققاندا شىمال تەرەپتىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى چىقىۋېتىپتىكەن . زوردۇن ھاياجانلىنىپ ‹‹ مەن رومانىمدا مۇشۇ ئابرال شاماللىرىنى يازىمەن . قارا ، سەھەردىكى بۇ سالقىن شامالنىڭ راھىتىنى ›› دېدى . راست دېگەندەك كېيىن ‹‹ ئابرال شاماللىرى ›› يېزىپ چىقتى . مەرھۇم دادام 1976 – يىلى ئورين تۇتۇپ يېتىپ قالغان ۋاقتىدا ، روماننىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى كۆرۇپ خوشال بولغىنىدىن ، ‹‹ بالام دېگىنىنى قىپتۇ ، مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ ›› قايتا – قايتا ماختاپ كەتكەن ئىدى .

زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجاجىيەتكە رەسمىي قەدەم قويۇپ ، يازغۇچى بولۇپ يېتىلىشىگە ئۇستاز بولغان ھەم يەسىز كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ بىرى يازغۇچى توختاخۇن ناسىرى ئىدى .

توختاخۇن ناسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، 1963 – يىلىدىن 1970 – يىلىغىچە لەنجۇدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان . زوردۇن سابىر بىلەن توختاخۇن ناسىرىنىڭ دوستلۇقى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستوتىتىدا بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئورنىتىلغان .

زوردۇن سابىر 1957 – يىلى لەنجۇ مىللەتلەر ئىنىستوتىتىغا ئەۋەتىلگەن . ئۇ يەردە ئۇ بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلى ئۆگۇنىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن دەرس تەييارلاش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىدۇ . كىتاپ ئوقۇش ، بىلىم ئېلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ . ئۇ تەنقىتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سلاھبەت خاتىرىسىدە شۇ يىللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ . ›› مەن 1957 – يىلىدىن 1960 – يىلغىچە تەتمىنەن ئۈچ يۈز پارچىدىن ئارتۇق رومان ئوقۇدۇم ... مەن ئەينى يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ نېمە قىلىش كېرەك › ، ‹ ئوغرى سېغىزخان › ، ‹ ئۆلۈك جانلار › ، ‹ بوران › ، ‹ ئاباي › ، ‹ ناۋائى › قاتارلىق رومانلارنى ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرغان . لەنجۇغا بېرىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن خەنزۇچە رومانلارنىمۇ ئوقۇشقا كىرىشكەن . ۋە ‹ كۆكۈيۈن › ، › خاتا تەربىيە ‹ قاتارلىق رومانلارنى ، مۇپاسسان ھېكايىلىرى ، ماۋدۇننىڭ ‹ تۈن پاتقاندا › باجىنىڭ ‹ ئائىلە › قاتارلىق رومانلىرىنى ئوقۇغان . مەن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستوتىتىدا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا يەنە ئەدەبىيات نەزىريىسى ، ئېستىتىكا ، پەلسەپەگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ، جۇملىدىن لېنىننىڭ ‹ ماتېرىيالىزممۇ ، ئىمپېرىئوكىرتىتسىزممۇ › ‹ ، پەلسەپە خاتىرلىرى › ، ‹ دۆلەت ۋە ئىنقىلاپ › قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ، ماركسنىڭ ‹ كاپىتال › ناملىق ئەسىرىنى ، ماركس بىلەن ئېنگىلسنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ھەققىدىكى بايانلىرى ، ماۋزېدوڭنىڭ ‹ ئەمەلىيەت توغرىسىدا › ، ‹ زىددىيەت توغرىسىدا › ، ‹ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەتنى توغرا ھەل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە › قاتارلىق پەلسەپەۋى كىتاپلارنى ئوقۇدۇم . قىسقىسى ، شۇ يىللاردا ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئەدەبىي ئىجادىيىتىمدە ئاساسلىق رول ئوينىدى .

زوردۇن سابىر لەنجۇدىكى ۋاقتىدا › ئانا يۇرت ‹ ناملىق ھېكايىلەرنى ۋە شېئىرلارنى ، ئوبزور ماقالىلەرنى يېزىپ ئۆزىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە چېنىقتۇرغان . توختاخۇن ناسىرى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ زوردۇن سابىر ئۆيۇمگە كىرەتتى . ماڭا سېئىرلىرىنى كۆرسىتەتتى . مەندە كىتاپ – ژورناللار كۆپ ئىدى . ئۇ مېنىڭ ئۆيۇمدە ‹ تارىم › قاتارلىق ژورناللارنى ئوقۇيتتى . مەن شۇ چاغدا ‹‹ ئابرال ئېتىكىدە ›› ناملىق بىر رومان يازغان ئىدىم . زوردۇن بۇ روماننىڭ قول يازمىسىنى ئوقۇپ چىققان . دېمەك ، زوردۇن سابىر قەلبىدە كىچىكىدىن يانغان ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋىسىنى غەربىي شىمال مىللەتلەرر ئىنىستىتوتىغا بارغاندىن كېيىن ئەدىپ توختاخۇن ناسىرىنىڭ بىلەن جاللاندۇرۇپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن .

مۇدھىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن زوردۇن سابىر 1964 – غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ 1971 – يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا تۇرغان . كېيىن غۇلجا شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى يەنىلا مەدەبىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ . زوردۇن سابىر 1989 – يىلى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن سۆھبەتتە ئاشۇ يىللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ 1972 –يىلى ئىلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرگىنىمدە ، ئوبلاستا ئىجادىيەت ئىشخانىسى قۇرۇلدى . بۇ ئىشخانىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلالايدىغان بىر تەرجىمان كېرەك بولۇپ قېلىپ ، ، مېنى ئەكەلگەن ئىدى . مەن بۇ يەرگەن ئورۇنلىشىپ ، ئاز كۈندىن كېيىن يېزىقچىلىققا رەسمىي كىرىشىپ كەتتىم . مېنىڭ ‹ تاغ كەينىگە ئۆتكەندە › ، ‹ گۆھەرنىڭ بەختى › ، ‹ دوستۇمنىڭ تارىخى › ، ‹ ئونىنچى سىنىپنى ئەمدى تۈگەتتىم › ، ‹ سەھەرچى › قاتارلىق بىرمۇنچىلىغان ھېكايىلىرىم شۇ چاغلاردا ئېلان قىلىنغان ›› .

زوردۇن سابىر 1970 – يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە زور قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ كېتىدۇ . يېڭى – يېڭى ھېكايىلەرنى يېزىپ تېزلا تونۇلىدۇ . ئۆزىنى ھېكايىچىلىقتا سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ، تېزلا رومان يېزىشقا كىرىشىپ ‹‹ ئابرال شاماللىرى ›› رومانىنى يېزىپ پۇتتۇرىدۇ . بۇ رومان يازغۇچىنىڭ نىرىچى رومانى بولۇشىغا قارىماي بەدىئىيلىك جەھەتتىن خېلىلا يۇقۇرى سەۋىيىدە ئىدى . . رومان شۇ چاغدا تېيىپچان ئېلىيوف ، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ قىزغىن مۇئەييەنلەشتۈرۇشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ . زوردۇن سابىر يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىدۇ . رومان بوسا شېپىگىرافتا بېسىلىپ يارغۇچى ، شائىرلارغا پىكىر ئېلىش ، كۆرۈش ئۈچۈن تارقىتىپ بېرىدۇ . ئۇ 1979 – يىلى ئۈرۈمچىگە – شىنجاڭ ،خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ .

1980 - 1990 – يىللار زوردۇن سابىرنىڭ ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن يېزىقچىلىق قىلغان دەۋرى ئىدى . ئۇ بۇ مەزگىلدە مەكىت ناھىيىسىنى ئاساسلىق تۇرمۇش ئۆگۈنىش بازىسى قىلىپ ، غۇلجا ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىڭ يېزىلىرىدا ، دېھقانلار ئارىسىدا بولدى . دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشچان تۇرمۇشى ، ئېڭى ، خاراكتېرى ، ئەنئەنىۋى پىسخىكىسى ، ئىنتلىشى ئىپادىلىنىدىغان ھېكايىلەرنى كۆپلەپ يازدى . ئۇنىڭ بۇ مەزگىلكدىكى ھېكايىلىرىدىن ، ‹‹ دولان ياشلىرى ›› ، ‹‹ ئۇنتۇمايمەن ، گۈلسارە ›› ، ‹‹ ئېھ ، توپىلىق يول ›› ، ‹‹ كومپاس ›› ، ‹‹ بۇركۇت ›› قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن .

زوردۇن سابىر ئىجادىيەتتە رېئال تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى . رېئاللىق تەققاززا بولىۋاتقان تېمىنى يازدى . .رېئاللىق ئاتا قىلغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى . شۇڭا زوردۇن سابىرنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرى رېئاللىقتىكى ئۆزى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىش – ۋەقەلەرنى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىپ يېزىلغان . ئۇنىڭ ‹‹ ئىزدىنىش ›› رومانى ھەتتا ئۇ بىۋاستەە ئۆز بېشىدىن كەچۇرگەن كەچۇرمىشلىرىنى ۋەقەلىك لىنىيىسى قىلىپ يېزىلغان . ‹‹ گۆھەرنىڭ بەختى ›› مۇ مۇنداق : 1966 – يىلى قاش ئۆستىڭى ياسالغاندا دېھقانلارغا چاي توشۇيدىغان ئايخان دېگەن بىر ئايال بولغان . كېيىن بۇ ئۆستەڭ پۈتۈپ خەلققە بەخت ياراتقان . زوردۇن سابىر ئاشۇ ئايالنىڭ چاي توشۇش جەريانىدكى ئىش – ئىزلىرىنى ئاساس قىلىپ يۇقۇردىكى ھېكايىسىنى يازغان . ئەينى يىللاردىكى ‹‹ ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنى جانلىق ئۆگۈنۈپ ، جانلىق ئىشلىتىش ›› ھەركىتىدە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تار كەنتىدىن سەيپى دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ مال بېقىش ، كوللىكتىپنىڭ ماللىرىنى قوغداش يولىدكى ئەمىلىي ئىش – ئىزلىرىنى بىر قېتىم دوكلات سۆزلىگەن .زوردۇن سابىر ئاشۇ دېھقاننىڭ ئىش – ھەركىتى ئاساسىدا ‹‹ تاغ كەينىگە ئۆتكەندە ›› ھېكايىسىنى يازغان . ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ سۆزلەو بېرىشىچە ، يازغۇچىنىڭ ‹‹ ۋاپاسارلىق ›› ، ‹‹ قوشنىلار ›› ھېكايىلىرى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بوستان مەھەللىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان . ‹‹ گۆھەرنىڭ بەختى ھېكايىسى دۆڭ مازار مەھەلىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ، ، ‹‹ قەرزدار ›› ھېكيىسى قاش يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ، ‹‹ سەھەرچى ›› ھېكايىسى بايتوقاي يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ئىكەن . بۇ ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر ۋە ئوبرازلارنىڭ رېئاللىقتا ئەينەن تىپلىرى ۋە پروتوتىپلىرى بار ئىكەن .

زوردون سابىر ‹‹ ئىزدىنىش ›› رومانىدىمۇ ئاساسىي ۋەقەلىكنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جەريانلار ئاساسىدا تىپىكلەشتۈرۈپ بارلىققا كەلتۇرگەن . بۇ ھەقتە ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتوتىدا خىزمەت قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان بىلقىز ئەخمەت مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : 1957 – يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى بىز 21 ئقۇغۇچى ۈك ماشىنىسىغا ئۆلتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق . ئارمىزدا زوردۇن سابىرمۇ بار ئىدى .بىزنى غەربىي شىمال مىللەتلەر .ىنستوتۇتىدىن كەلگەن ئابدۇلل مۇئەللىم ئېلىپ ماڭغان ئىدى . بىز كەڭسايغا بارغاندا تاماق يېيىش ئۈچۈن چۇشتۇق . شۇ ۋاقىتتا ئابدۇللا مۇئەللىم بىزگە زوردۇن سابىرنى تونۇشتۇردى ۋە بىزنىڭ يول بوتى ھەرقانداق .ىشىمىز بولسا زوردۇن سابىرنى ئىزدىشىمىز لازىملىقىنى بىزگە ئۇنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تاپىلىدى . بىزنىڭ سەپىرىمىز ‹‹ ئىزدىنىش ›› بېشىدا يېزىلغاندەك ئىدى . يۈك – تاقلىرىمىزنى ئاستىمىزغا قويۇپ قىستىلىپ ئولتۇراتتۇق . يول توپا – چاڭ ئىدى . بىز ئۈرۈمچىدە بىر نەچە كۈن تۈرۈپ يەنە يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ماڭدۇق . تاكى شڭشادىن ئۆتۈپ يۈمىنگە بارغاندىن كېيىنلا پويىزغا چىقتۇق . بىز لەنجۇغا بارغاندىن كېيىن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق . مەن غەربى شىمال مىللىتلەر ئىنستىتوتىنىڭ تەييارلىق فاكولتېتىدا ئوقۇدۇم . مەكتەپتە زوردۇن سابىرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇراتىم . مىللىتلەر ئىنستىتوتىنىڭ كۈتۈپخانىسى ناھايىتى چوڭ ، ماتېريال ناھايىتى كۆپ ئىدى . مىللى تىل – يېزىقتكى كىتاپ – ژزورناللارمۇ ئاساسەن تولۇق ئىدى . زوردۇن سابىر ئاشۇ كۈتۈپخانىدا باش چوكۈرۈپ ئۆگنەتتى . بىر قېتىم مەكتەپ بويىچە ئېچىلغان يىغىندا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈپ خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئىگەللەپلا قالماي يەنە كەسپىي بلىملەرنى ئۆگىنپ ئالىي مەكتەپكە دەرس ئۆتەلەيدىغان سەۋىيىگە تېزلا يەتتى ، دەپ ماختاپ كەتكەن ئىدى . زوردۇن سابىر بىزنىڭ سىنپقا ئەدەبىياتتىن ئومۇمىي ساۋات دەرسى بەرگەن ، دەرسنى ناھايىتى ياخشى ئۆتەتتى . ئۇنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش رەھى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈرەتتى ›› .

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسى مول ، نەزەريىۋى تەپەككۈرى چوڭقۇر بپلغاچقا تۈرمۈشنى كۈزىتىش ، ماتېريال تاللاش ۋە تاۋلاشقا ماھىر ئىدى . ئۇ ‹‹ مەن ماڭا ئىلھام بېرىدىغان تۇرمۇش ماتېريالىسىز زادىلا ئەسەر يازمايمەن ›› دېگەن . دىمىسىمۇ ئۇنڭ ئەسەرلىرى رېئال تۇرمۇشقا يېققىنلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىپ تۇرىدۇ .يازۇچى ‹‹ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ناملىق ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ ‹‹ دولان ياشلىرى ›› ھېكايىسىنى يېزىش جەريانىدا مەكت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا تۇرمۇش ئۆگىنىشتە بولغانلىقىنى ، مويسىپىت كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ دولان ئۇسسۇلىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللىگەنلىكىنى ، ھەتتا ئۇلارنى دولان ئۇسسۇلىنى ئوينىتىپ كۆرگنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ . ئەدەبىي تەنقىتچى چىن شياۋيىڭ ‹‹ دولان ياشلىرى ›› ھېكايىسىغا باھا بېرىپ ‹‹ بۇ پەقەت ئۇغۇر يازغۇچىسىلا يېزپ چىقالايدىغان ھېكايە ›› دېگەن . ( چىن شياۋيىڭ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىكى كومېدىيىلىك تۇش توغرىسىدا ›› ) زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى مىللىي خاراكتېر يارىتىش جەھەتتىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئىگە . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدكى خاراكتېرلار خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھىي پىسخىكىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ، تىل ، ھەرىكىت ، تەپەككۇرغىچە مىللى خاسلىققا ئىگە قىلىنغان . تەنقىدچى لېي ماۋكۇي ، چېن بەيجۇڭلار ‹‹ ئۆزگىچە تۇرمۇش كارتىنىسى ›› ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ : ‹ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تۇمۇشىنى ئەكس ئەتتۇرۇشكە ئىرادە باغلىغان خەنزۇ يازغۇچىلىرىغا ياخشى بىر ئۈلگىدۇر › تەنقىدچى ۋاڭ جۇڭمېڭ زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە ئورنى ئۇستىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ : ‹‹ زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر پروزا ئىجادىيىتىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ۋە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۇسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ›› ( ‹‹ ۋاڭ جوڭمېڭ ‹‹ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىن تاللانمىغا كىرىش سۆز ›› ) .

يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۈرمۈش ›› ، ‹‹ مەن بېسىپ كېلىۋاتقان مۇساپە ۋە ئىزدىنىش ›› ، ‹‹ ئەسەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرىش ۋە نادىر ئەسەر يارىتىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ ئېسىل ئەسەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ تەنقىد ئەخلاقى توغرىسىدا سۆز ›› قاتارلىق ناقالىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدى بىر قاتار قارشلىرىنى شەرھىلىگەن . يازغۇچىنىڭ قاراشلىرى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسسۇلىنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىنىشى ھەم تەسۋىق قىلىنىشى بولۇپ ، ئەدەبىياتىمىزدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىنتايىن ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ . يازغۇچىنىڭ بۇ ماقالىلەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ياش ئەدىبلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك دەرسلىك بولدى . تۇرمۇشنى مەنبە قىلىش ، تىپ ۋە تىپىكلىككە ئەھمىيەەت بېرىش ، بەدىئىي پىششىقلاشقا ماھىر بولۇش قاتارلىق رېئالىزمىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىكى ئاساسىق پرىنسىپلار بولۇپ ، زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەدەبىي ئەسەەرلەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ›› ، ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش ›› قاتارلىق ماقالىلىرىدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئۇنى مەخسۇس شەرھلەپ ئۆتكەن . ئۇ تىپ توغرىسىدا توختالغاندا ، ‹‹ مەن ئەسەرلىرىمدە پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدۇلەندۇرۇشكە ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن كىتاپخانلارنىڭ ئېسىدە قېلىشىنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىمەن ›› دەيدۇ .

زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىيات قارازشلىرى ئىچىدە ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ تېما تاللىغان ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى تاللىدى . ئۇنى يازغاندا ئۆزىنڭ يېزىۋاتقىنىنىڭ رېئاللىققا ، خەلق ئېڭىغا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى . مەسىلەن : ئۇ ‹‹ ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش ›› ناملىق ماقالىسىدە ‹‹ ئېھ ، توپىلىق يول ›› ، ‹‹ ئۇنتۇمايمەن ، گۇلسار ›› ناملىق ھېكايىلىرىنى يېزىشتىكى مەقسىتى ۋە سەۋەبىنى تپنۇشتۇرىدۇ : يېزىلاردا دېھقانلار باي بولغاندىن كېيىن گەرچە ماددىي جەھەتتە باي بولسىمۇ ، مەنىۋى جەھەتتە يەنە كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى يازغۇچى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن . نەتىجىدە ‹‹ ئېھ ، توپىلىق يول ›› ھېكايىسى ئارقىلىق دېھقانلىرىمىزنىڭ مەنىېى جەھەتتىمۇ باي بولىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان . ‹‹ ئۇنتىمايمەن ، گۇلسار ›› ھېكايىسى ئارقىلىق يېزىلاردا ئالدىن بېيىغان كىشىلەرنىڭ ئارقىدا قالغانلارغا ياردەم بېرىشكە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان . ئەمەلىيەتتىمۇ يازغۇچىنىڭ بۇ ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىدى . دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاڭ ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى . دېمەك ، يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىياتنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق راۋاجلاندۇرغان ، بېيىتقان يازغۇچى . ئۇنىڭ نەزىريىۋى قاراشلىرى ماكسىم گوركى قاتارلىق پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەدەبىيات قاراشلىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيا ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرگەن ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغان قارشلار بولۇپ ، بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك .

ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ، زوردۇن سابىر مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى . يالغۇز ئئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن 86 ھېكايىسى ، توت رومان ( جەمئىي يەتتە كىتاپ ) توققۇز پوۋېستى ، ئىككى دراممىسى ، ئىككى ئەسلىمىسى ، ئىككى زىيارەت خاتىرىسى شۇنداقلا ئالتە ماقالىسى بىزنىڭ تەتقىق – تەھلىل قىلىش ئوبېكتىمىز بولۇپ قالماي يەنە يازغۇچىنىڭ ھاياتى ، ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۇش روھىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى توختىماي ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات !

"ئانا يۇرت"، "ئىزدىنىش"، "ئاتا" قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتۇرى.