زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئورنى Wikipedia

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

«زىيالىي» ئىبارىسىدىكى «زىيا» دېگەن سۆز ئەرەبچە بولۇپ «نۇر»، «يورۇقلۇق»، «شولا» مەنىسىگە كېلىدۇ. «زىيالىي» دېگەن سۆز بولسا «نۇرلۇق»، «يورۇقلۇق»، «ئايدىڭ» دېگەن بولىدۇ. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «زىيالىي» دېگەن سۆز «نۇرلۇق»، «نۇرلانغان» ياكى «نۇرلۇق كىشى»، «نۇرلانغان كىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا «نۇر» دېگەن سۆز ئىلىمنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، زىيالىيلار «چىراغ » قا ئوخشايدۇ.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «زىيالىي» دېگەن سۆز «بىر قەدەر يۇقىرى پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، مۇخبىرلار، ئىنژېنېرلار ۋە باشقىلار زىيالىيلار كاتېگورىيەسىدە كۆرسىتىلگەن. خىتاي كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسى سەۋەبلىك دىنىي زىيالىيلار بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلمىگەن. ھالبۇكى دىنىي زىيالىيلارمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر.

زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى نېمە دېگەن سوئالغا مىللەتكە ۋە جەمئىيەتكە يول كۆرسىتىشتىن ئىبارەت دەپ جاۋاب بېرىش مۇمكىن. بىر جەمئىيەتتە زىيالىيلار مىللەتكە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ، سىياسەتچىلەر مىللەتنى شۇ يولغا باشلايدۇ. يەنى زىيالىيلارنىڭ ۋەزىپىسى يول كۆرسىتىش، سىياسەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى يول باشلاشتىن ئىبارەت. شۇڭا، بىر دۆلەتنى، بىر جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا، باشقۇرۇشتا سىياسەتچىلەرنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيىتى بولسا، زىيالىيلارنىڭمۇ شۇنچىلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. زىيالىيلار مىللەتكە ۋە جەمئىيەتكە يول كۆرسىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاچقا، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ، كېلەچىكىنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن چوڭ رولى بولىدۇ. زىيالىيلار پەن-مائارىپ ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ئىختىساسلىق كىشىلىرىنى، نەسىللىرىنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. زىيالىيلار يەنە تەتقىقات ئارقىلىق يېڭى كەشپىياتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، يېڭى نەزەرىيە ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن دۆلەت، مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ يولىنى يورۇتىدۇ. دۆلەت، مىللەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ يۈكسىلىشى ياكى زەئىپلىشىشى زىيالىيلارغا باغلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىغا قارايدىغان بولساق، دۆلەت،مىللەت ۋە جەمئىيەتكە يول كۆرسەتكەن، مىللەتنىڭ يولىنى يورۇتقان نۇرغۇن زىيالىيلار ئۆتكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىب، مەھمۇت كاشغەرىي، ئەلى شىر نەۋايى ، ئەھمەد يەسەۋى، ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى تەۋپىق، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئالىم، شائىر ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يول كۆرسەتكەن، مىللەتنىڭ يولىنى ئايدىڭلاتقان زىيالىيلاردۇر. ئىسلام دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، فارابى، ئىبنى سىنا، ئىمام غەزالى، ئىمام ماتۇرىدى، ئىبنى خەلدۇن، مەۋلانا جالالىددىن رۇمى قاتارلىق زىيالىيلارنى كۆرىمىز. بۇ كىشىلەر پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يولىنىمۇ يورۇتقان كىشىلەردۇر.

زىيالىيلار سىياسەتتىن يىراق تۇرالمايدۇ. چۈنكى زىيالىيلار يۈكسەك بىلىم ۋە تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىنسانلىق ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغان ئادالەت سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلى شىر نەۋايى قاتارلىق كىشىلەر پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىدا ھۆكۈمدارنىڭ يېنىدا سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي تارىخىدا كۇڭزىمۇ نۇرغۇن بەگلىكلەرنى ئايلىنىپ سىياسىي ۋەزىپە تەلەپ قىلغان.

زىيالىيلار ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغان، دائىما ھەقنى، توغرىنى سۆزلەيدىغان، ھەق ۋە توغرا تەرەپتە تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. زىيالىيلارنىڭ ھۆكۈمەتلەرنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى، ئالدامچىلىقلىرىنى پاش قىلىش، ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەب ، مەقسەت ۋە يوشۇرۇن نىيەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ خەلققە چۈشەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار. زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە باشلامچى بولۇش مەسئۇلىيىتى بار.

بۇ مەسئۇلىيەتنى زىيالىيلارغا كىم بەرگەن؟ مىللىي ۋىجدان بەرگەن. بۇ يەردە شۇ سوئالنى سوراپ باقايلى. زىيالىيلارنى يېتىشتۈرگەن، ئوتتۇرىغا چىقارغان كىم؟ مىللەت. دېمەك ، مىللەت بولمىسا زىيالىيلارمۇ بولمايدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەۋجۇدىيەت سەۋەبىدۇر. مىللەت يوق بولۇپ كەتسە زىيالىيلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى يوقالغان بولىدۇ. شۇنىڭغا زىيالىيلارنىڭ مىللەتنى قۇتقۇزۇشى مەلۇم نۇقتىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا زىيالىيلار نېمە قىلىشى كېرەك ؟ مەدەنىيەت جەھەتتىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەم ئېتنىك ھەم دىنى كىملىكتىن تەشكىل تاپقان. بۇنىڭ ئۈچۈن زىيالىيلار ئالدى بىلەن تىلنى ۋە دىننى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىشى كېرەك. مىللىي مەدەنىيەتنى، مىللىي ئەنئەنىلەرنى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى قوغداشقا تىرىشىشى كېرەك . سىياسىي جەھەتتىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سىياسەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى، بىر- بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىشى، داۋانى ئورتاق ئېلىپ بېرىشى كېرەك. سىياسەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەققىدە كۈچلۈك ئىلمىي دەلىللەر بىلەن تەمىنلىشى، ئۇلارنىڭ قولىنى كۈچلەندۈرىشى كېرەك . ئۆز مىللىتىنى ۋە ئۇنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنيا سىياسەت سەھنىسىگە تونۇشتۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارالىق جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ھازىرقى بۆھرانلىق دەۋر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممە ساھەدە ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن ھازىرقىدەك بىر پەيتتە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ تارىخىي مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىقى، ئىنكاسسىز، ئاۋازسىز، بىتەرەپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى، مىللىي كىملىكىنى قوغداشنىڭ، سىياسىي ھاكىمىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يول ۋە چارە تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىشى، مىللەتكە يول كۆرسىتىشى ۋە جەمئىيەتكە باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك. ئۆز ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ باشقا ساھەلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ياكى بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش ئىنتايىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى