زۇكام ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچە
زۇكام ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچە
ئادەتتە زۇكام بولۇپ قالغاندا ئاتا- ئانا، خىزمەتداش ياكى دوستلارنىڭ سوغۇق تېگىپتۇ دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە زۇكامنىڭ باش جىنايەتچىسى زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، سوغۇق تېگىش پەقەتلا بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەدەپ كېتىشىگە پۇرسەت چىقىرىپ بېرىدۇ. زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەز ۋىرۇسى، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى، پارا تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ۋە ئەيكو ۋىرۇسى قاتارلىق 130 خىلدىن ئاشىدۇ. ئادەتتە بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشقا بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.
كىچىك بالىلار ھەر يىلى بىرنەچچە قېتىم زۇكام بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولماستىن، بەلكى مەكتەپكە بارغاندا ئۇچرىشىدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ، ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىش پۇرسىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ.
ھاۋانىڭ نەملىكى %50 تىن يۇقۇرى بولغاندا زۇكام ۋىرۇسلىرى تېزلىكتە يوقىلىدۇ، بىراق قىش كۈنلىرى ھاۋا قۇرغاق بولۇپ زۇكام ۋىرۇسلىرى ئۇزۇن ياشىيالايدىغان بولغاچقا، زۇكام كۆپ قوزغىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر سوغۇقتىن قېچىپ سىرتلارغا كۆپ چىقماي، ئىشىك- دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئولتۇرىدۇ، يېڭىلانمىغان ھاۋادا ۋىرۇسلار تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا قىش كۈنلىرى ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، نەملىك ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئادەم كۆپ سورۇنلارغا كۆپ بارماسلىق كېرەك.
زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يولى
زۇكامنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ۋە قول بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قول ئەڭ خەتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى كېسەللىك ۋىرۇسلىرى قولدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا ياشىيالايدۇ، بۇ مەزگىلدە قول بۇرۇن، كۆز قاتارلىق ئەزالارغا تېگىپلا كەتسە، كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ناھايىتى ئاسانلا بۇرۇن ياكى گالغا كىرىپ كۆپىيىدۇ. شۇڭا قولنى پاكىزە تۇتۇش زۇكامدىن ساقلىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ.
بۇلاردىن باشقا زۇكامداش يەنە كەسپ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، تەخمىنەن %47 ئىشخانە كومپىيوتېرى، %46 مائۇس ۋە %45 تېلىفوندا زۇكام ۋىرۇسى بولىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
زۇكامنىڭ ئالاھىدە شىپالىق دورىسى بارمۇ؟
تاھازىرغىچە زۇكامنىڭ ئالاھىدە شىپالىق دورىسى تېپىلمىدى. گال ئىشىپ ئاغرىش، چۈشكۈرۈش، دىماغ پۈتۈپ بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، زۇكام ۋىرۇسلىرى بەدىنىڭىزگە كىرىپ بولغىلى ئاللىقاچان بىر - ئىككى كۈن بولغان بولىدۇ، ئادەتتە يەتتە كۈن ئەتراپىدا ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ھازىر كۆپرەك ئۇچرايدىغان زۇكام دورىلىرى زۇكام ئالامىتىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قوشۇمچە تەسىرلىرى بولىدۇ.
زۇكام دورىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا چوقۇم بىرلا خىل زۇكام دورىسىنى ئىشلىتىش، ھەر خىل زۇكام دورىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك؛ زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دورىنى ئىككى - ئۈچ كۈنلا ئىشلىتىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمەسلىك؛ بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇش، ئىككى ياش ئىچىدىكى بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى دورا ئىشلەتمەسلىك؛ دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئىسپىرت زۇكام دورىسىنىڭ جىگەر، بۆرەك ۋە ئاشقازان قاتارلىق ئەزالارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۈمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا ئانتىبىئوتىكلارنىمۇ خالىغانچە قوشۇپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. بىرىنچىدىن، زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەدەندىكى ئىممونىتىت ھۈجەيرىلىرى بەدەنگە كىرگەن زۇكام ۋىرۇسلىرىنى يوقۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا ئانتىبىئوتىكلار ئىشلىتىلسە ئەكسىچە بەدەننىڭ ئىممونىتىت كۈچى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئانتىبىئوتىكلارنىڭ زۇكام ۋىرۇسلىرىغا قارىتا ھېچقانداق رولى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئەكس تەسىرى بولىدۇ. پەقەت زۇكام بەك ئېغىرلاپ كەتكەن، مەسىلەن قاتتىق قىزىغان، يۆتەلگەن ياكى قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ كەتكەن، ياكى بادام بەز ياللۇغى ۋە كانايچە ياللۇغى بىرلىكتە قوزغالغان چاغلاردىلا ئاندىن ئانتىبىئوتىكلارنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
زۇكام مەزگىلىدىكى ئارامسىزلىقنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن گال ئاغرىسا تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە بولىدۇ ( 7.5 گىرام تۇزنى 250 گىرام ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ ھەر 6 ~ 8 سالەتتە بىر قېتىم )، شورايدىغان دورىلار ياكى پۈركۈمە دورىلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ؛ يۆتەلسە يۆتەل توختىتىش قىياملىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ دىماغ پۈتسە قىزىق ھورنى ياكى يالپۇز مېيىنى سۈمۈرسە بولىدۇ، بۇرۇن تېمىتمىسىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
زۇكامدىن تەرلەش ئارقىلىق ساقايغىلى بولامدۇ؟
زۇكامنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت. بەزىلەر زۇكامداپ قالسا كۆپ ھەرىكەت قىلىش ياكى ئېغىر جىسمانىي ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق تەرلەپ كېسىلىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ. دەرۋەقە ئاز ساندىكى تەن ساپاسى ياخشى، زۇكامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ھەم كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل كىشىلەردە شۇنداق بولۇشى مۈمكىن، بىراق كۆپ سانلىق كىشىلەر بولۇپمۇ بالىلار، تېنى ئاجىزلار ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئەكسىچە قالىدۇ. زۇكامداپ قالغاندا ئىشتىھاسىزلىققا قوشۇلۇپ بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى كۈچىيىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئىممونىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەرىكەت ياكى جىسمانىي ئەمگەك كۆپىيىپ قالسا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېخىمۇ ئېشىپ، ئىممونىتىت كۈچى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ زۇكام ئېغىرلاپ قالىدۇ. تېخىمۇ يامىنى بەزى بىمارلاردا يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى پەيدا بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۈمكىن. شۇڭا زۇكام بولغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئۈچ كۈن ياخشى ئارام ئېلىش، كۈندە سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
زۇكامدىغاندا ياخشى يەپ بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك
زۇكامدىغاندا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، تاتلىق ۋە يۇقۇرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، يۇقۇرى ۋىتامىنلىق ۋە يۇقۇرى مىكرو ئېلېمېنتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.
زۇكامدىغاندا تويۇنۇپ ئوزۇقلانماسلىق كېرەك، چۈنكى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاچ ھالەتتە تۇرغاندا ئورگانىزىملاردا كۆپ مىقداردا يۇقۇملىنىشقا قارشى ماددىلار پەيدا بولىدۇ. ياخشى ئوزۇقلانغاندا زۇكامدىن ساقىيىشقا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ياخشى يىيىش دىگىنىمىز گۆش، تۇخۇم ۋە يۇقۇرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاقسىلنىڭ ئىسسىقلىقى ماي ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭكىدىن كۆپ يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا ياخشى ئوزۇقلۇقنى كۆپ ئىستىمال قىلىش «ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش»قا ئوخشاش بولۇپ، زۇكامداپ قىزىغانلارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
زۇكامدىغاندا يەنە تاتلىق يىمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى زۇكامدىغاندا ئەسلىدىلا ھەزىم يوللىرىدىكى ئاجراتمىلار ئازىيىپ ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، بۇ چاغدا تاتلىق يىمەكلىك ئىستىمال قىلىنسا ۋىتامىن B1 كۆپلەپ خوراپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى تېخىمۇ ئازىيىدۇ، ئىممونىتىت كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا تاتلىق ۋە يۇقۇرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى ئامالنىڭ بارىچە ئاز ئىستىمال قىلىش، ئۇماچ، مىۋە ۋە كۆكتات قاتارلىق يۇقۇرى ۋىتامىنلىق، يۇقۇرى مىكرو ئېلېمېنتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.
سەۋەبىنى بىلىپ ئامال قىلىڭ
زۇكام سوغۇق ۋە ئىسسىق دەپ ئايرىلىدۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر زۇكامداپ قالسا ئۇنىڭ ئىسسىقتىن ياكى سوغۇقتىن بولغانلىقىنى ئايرىماي، ئوخشاشلا بىر خىل تەييار دورىنى ئىشلىتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا زۇكامدىن ساقىيىشقا پايدىسىز بولىدۇ.
سوغۇق زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى يەڭگىل قىزىيدۇ (ياكى قىزىمايدۇ)، باش ئاغرىيدۇ، دىماغ پۈتىدۇ، بۇرنىدىن سۇ ئاقىدۇ، گىلى قىچىشىدۇ، يۆتىلىدۇ، بەلغەم سۇيۇق كۆپ بولىدۇ. بۇ چاغدا سوغۇقنى ياندۇرۇپ ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرىدىغان تەمى ئاچچىق ۋە تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان دورىلار ئارقىلىق تەرلىتىپ داۋالىسا بولىدۇ.
ئىسسىق زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتتىق قىزىيدۇ، باش چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، گال ئىششىپ ئاغرىيدۇ، ئېغىز قۇرۇيدۇ، يۆتىلىدۇ، بەلغەم سېرىق قويۇق بولىدۇ. بۇ چاغدا قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرىدىغان تەمى ئاچچىق تەبىئىتى سوغۇق بولغان دورىلار ئارقىلىق تەرلىتىپ داۋالىسا بولىدۇ.