زۇلمەتلىك تۇپراق

ئورنى Wikipedia

زۇلمەتلىك تۇپراق[تەھرىرلەش]

ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش

ئاپتوردىن[تەھرىرلەش]

ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرما بولۇپ شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن يېزىلغان.ئەينەن ئېلىنغان جاي ئىسىملىرى سىيۇژىت تەلىپى بويىچە ئېلىنغان،ھەرگىز باشقا مەقسەت يوقتۇر.

ئەسىرىمنى تۇنجى ئۇستازىم ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئانام قەمەرنىساخانغا بېغىشلايمەن!

قۇشۇمچە[تەھرىرلەش]

مەن بۇ روماننى ئەسلى مۇنداققىنا يېزىپ تاماملاپ بىر دوستۇمغا ئۇقۇپ بېقىشقا بەرگەن ئىدىم، ئۇ دوستۇم تۇيۇقسىز:«سىلىنىڭ يازغان رومانىڭلار بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى كېچىدىن ئۇخلاتمىدى، ھەتتا توققۇز ياشلىق كىچىك بالاممۇ كومپىيۇتېر ئالدىدىن كەتمەي ئۇقۇپ بەرگىنىمىزنى ئاڭلاپ چىقتى!» دەپ تېلفۇن قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن «دوستۇم مىنى مۇبالىغە گەپلەر بىلەن يالغاندىن ئىلھاملاندۇرغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتىمەن. كېيىن ئۇنىڭمۇ دوستلىرى ماڭا رەھمەت سالىمىنى يوللاپتۇ، ئەمەلىيەتتە يازغانلىرىمنىڭ ئۇيغۇر رومانچىلىق تەلىۋىدىن ناھايىتىمۇ بەك-بەك يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىمەن... ئەي ئەزىزىلىرىم! مەن قەلەم ھەققىگە راستىنلا مۇھتاج ئىدىم لېكىن بۇ روماننى نەشىرگە سۇنۇشتىن كىچىپ سىلەرگە سۇندۇم... چۈنكى بىز ھەممىدىن مۇھىم يەنە بىر نەرسىگە مۇھتاج ئىكەنمىز، ئۇ بولسىمۇ «دوستلىق مىھرى»... «زۇلمەتلىك تۇپراق» تېخى تۈگىمىدى يەنە ئۇنىڭ يېزىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن –نۇرغۇن ھېكايىلىرى بار ...پاششاخاننىڭ ئىران پەھلەۋى خاندانلىقىدىكى ئاجايىپ ھېكايىلىرى، ئۇنىڭ «كىراۋىن ھەربىي تۈرمىسى» گە كىرىپ پانالانغۇچە بولغان ئارلىقتىكى ئامېرىكا قارا جەمىئىيىتىدىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى، ئاخىرىدا دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كىرودىيىدىكى «چىرنوبىل يادىرو ئېلىكتىر ئىستانسى» ۋەقەسىنىڭ باش جىنايەتچىسى يەنى يەتتە مىڭدىن كۆپرەك كىرودىيىلىك رۇس پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولغان دۇنيادىكى ئەڭ رەھىمسىز ئادەم پاششاخاننىڭ خەلىقئارا سوت تەرىپىدىن سوتلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ يەنە ھايات قېلىشى......ئىشقىلىپ ۋاھاكازالار... ئۆزەمنىڭ كەسپى دوختۇر، يېشىم قىرىقنىڭ قارىسىنى ئالغان يېگانە بىر شەيخ بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەممىسىنى بىراقلا يېزىشقا قۇربىتىم يەتمىدى، ھېلىھەم ئىككىنچى قىسىم روماننى ئاز-تۇلا جىجىلاشنى باشلىۋاتىمەن، ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا سىلەرگە سۇنىمەن! شۇنداقلا بۇ يازغانلىرىمنى يازغۇچى ئۇستازلىرىمىزدىن سورىمايلا ئۆزەمچە «رومان» دەپ ئاتىۋالدىم، بۇ باش-باشتاقلىقىمنى ئەپۇ قىلغايسىزلەر، بەلكىم يازغانلىرىمنى كۆرۈپ مىنى زاڭلىق قىلغان بۇلۇشۇڭلارمۇ مۇمكىن ۋەياكى باشقا پىكىردە بولغان بۇلىشىڭلارمۇ مۇمكىن،قانداقلا بولمىسۇن سىلەرنىڭ بۇ ئەرزىمەس رومانىمغا ئېغىر سۈكۈتتە تۇرۇپ بەرگەن باھايىڭلار يەنىلا ھەممىدىن مۇھىم! مەقسىتىم: بىرىنىچىدىن:يېقىندا توردىكى بىر ياخشى نىيەتلىك قېرىندىشىم بۇ روماننى ئىلكىتاپ قىلىپ تۈزمەكچى بولغان ئىدى، مەن «روماننىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئارىسىغا مۇۋاپىق قىستۇرما رەسىملەرنى قىستۇرساق»دىگەن تەكلىپنى بەردىم، ئۇ قېرىندىشىم قۇشۇلدى، شۇڭا ئەزىزىلىرىم مۇشۇ روماندىكى مەزمۇنلارغا مۇۋاپىق كىلىدۇ دىگەن ھەرقانداق رەسىملەر بولسا مىنىڭ چ چ رىمغا ئىۋەرتىپ بەسەڭلار! بولسا ھەممىمىز كۈچ چىقىرىپ ياخشى بىر ئىلكىتاپ قىلىپ تورداشلارغا سۇنساق... ئىككىنچىدىن:يېقىندا ئاقسۇلۇق بىر تورداش قېرىندىشىم مىنىڭ «زىددىيەت» دىگەن ھىجرىيە كالېندارى توغرىسىدىكى بىر ئىلمىي ماقالەمنى توردا كۆرۈپ ماقالە ئاخىرىدىكى ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇم ئارقىلىق مەن بىلەن كۈرۈشۈپ باغداشنىڭ «تەرمىلەر» سەھىپىسىگە «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى كۆرۈشكە تىگىشلىك يېڭى بىر ماقالە» دىگەن تېمىدا تور بەت ئادىرىسىنى ئىلان شەكلىدە بىرىپتىكەن، ھازىر غىچە يەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۈرۈپتۇ، بۇنىڭغا قىزىقىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا تېلفۇن قىلىپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشتى ياكى خاتا يېزىپ سالغان يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ قويدى...ئۈنۈمى بەكلا ياخشى بولدى... دىمەكچىمەن، بۇ رومان گەرچە دىگۈدەك ياخشى يېزىلمىغان بولسىمۇ لېكىن كۆپرەك تورداشلارنىڭ بۇلۇپمۇ ياشلارنىڭ بىر قېتىم كۈرۈپ قويىشىغا ئەرزىيتتى دەپ ئويلايتتىم... شۇڭا قەلەم قۇۋۋىتى ياخشىراق تورداشلاردىن بىرەسى مۇنبەرگە بۇلامدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرگە بۇلامدۇ، بۇ رومان توغرىلىق «كاۋاپمۇ-زىخمۇ كۆيمەيدىغان» شەكلىدە ئىلاندەك بىر نەرسە يېزىپ چىقىرىپ قويغان بولسا كۆپرەك تورداشلار بۇ قىزىقتۇرۇش ئىلانغا قاراپ بىرە قېتىم ئۇقۇپ قويغان بولسا، مىنىڭچە يامان بولمايتتى، سىلەرچە قانداق بۇلار؟

كامالى ھۆرمەت بىلەن : ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش(شەيخىم) چ چ: 1569249255