زۇلۇمغا ئاشىق بولدۇقمۇ؟
زۇلۇمغا ئاشىق بولدۇقمۇ؟
كېرىيە جامەسى بۇ مىللەتنىڭ سەككىز ئەسىر ئاۋۋال يېزىپ قالدۇرغان بۈيۈك داستانىنىڭ تەۋەررۈك مودېلى، مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئۆتمۈشى بىلەن مىڭ يىلدىن كېيىنكى كەچمىشىنى تۇتاشتۇرىدىغان باغ. قاغىلىق جامەسى 500 يىل ئاۋۋالقى ھۆرلۈك ۋە سەلتەنەتنىڭ ئوبرازى، ئەزىزلىكنىڭ سىمۋولى، بۈگۈنگىچە بولغان ئىسسىق-سوغۇق كەچمىشلەرنىڭ، بوران-چاپقۇنلارنىڭ بەھەيۋەت شاھىدى. ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان يادىكارلىقلار ئىچىدە بىباھا بولغان بۇ مەدەنىي مىراسلار مىللەتنىڭ مەدەنىيەت گەۋدىسىنىڭ نەقىشلەرگە پۈتۈلگەن ئوبرازى، ئىستېتىك زوقى، بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى. بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قان تەرى، روھىيىتى، ئىرادىسى، ئىخلاسى، ئىبادىتى سىڭگەن. بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار شۇ جۇغراپىيىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قارارگاھ، سىغىنغۇچى قورغان، ئۆملۈكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈمىد قەلئەسى بولۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ روھىنى ئويغاق تۇتىدىغان، يورۇتىدىغان مەشئەل بولغان. بۇ يادىكارلىقلار «ئۇيغۇرلۇق» روھىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر نەپەس ئېلىپ كېلىشىنى تەمىنلىگەن تارىخىي مۇقەددەس جايلىرى بولغان. شۇنداقلا ئەسىرلەر مابەينىدە تاكى يېقىنقى زامانغا كەلگەنگە قەدەر ئىلىم ئوچۇقى، مائارىپ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى يوقىتىلىش نىشانى ئەنە شۇ يادىكارلىقلار بولماقتا. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخى بار چېركاۋنىڭ تاساددىپىي ئوت كېتىشىگە پەرياد ئۇرغان ئاتالمىش ئىنسانلىق دۇنياسى، يېپەك يولىنىڭ تۈگىنىگە جايلاشقان ۋە كەچمىشى مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا سوزۇلغان بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ قەتلىئامىغا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ، يادىكارلىقلارنى نۇقتىلىق كۆزىتىدىغان بىر تال كامېرانى ئالدىغا ئاپىرىپ قاداشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتىدۇ. شۇ ئاتالمىش ئىنسانلىق دۇنياسىدا مەدەتكە زار بولۇپ قاراپ تۇرۇۋاتقان «بىزلەر» بۇ مەدەنىي مىراسلارنىڭ كۈل بولۇشىغا، يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىگە نېمە دېيىشنىمۇ بىلمەي، ئەكسىچە، كېملەر قاچان نېمە دەپ قالار، دېگەننى ساقلاپ تۇرۇپتىمىز. شۇنى زېھنىمىزغا قازمايۋاتىمىزكى، بۇ يادىكارلىقلار بىلەن ھەپىلەشكەنلىك بۇ مىللەتنىڭ روھى بىلەن، ئەقلى بىلەن ئويناشقانلىق، مىللەتنىڭ خاتىرىسىنى يۇيۇپ تاشلىغانلىققا باراۋەر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىندىك قانلىرىمىز تۆكۈلگەن ئاشۇ گۈزەل، پاك زېمىننىڭ تارىخىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىق، ماڭقۇرتلاشتۇرغانلىققا باراۋەر.
مەدەنىي يادىكارلىقلار يوقىتىلىۋاتىدۇ دېگەنلىك مىللەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك خاتىرسى ئۆچۈرۈلىۋاتىدۇ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ، دېۋەڭلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ دېگەنگە باراۋەردۇر. بۈگۈن بۇ يادىكارلىقلار ساھىبسىز قالدى. شۇنداق بىر زەربە ئۇرۇلۇۋاتىدۇكى، بۇنىڭ مەستلىكىدىن قوپاي دەپ قوپالمايۋاتىمىز. ھەممىمىز نېمىلەر بىلەندۇر ئالدىراش كېتىۋاتىمىز. كىمدۇر «گۇۋاھ» چىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش؛ كىمدۇر «رېلىسنى بۇراش» بىلەن ئالدىراش؛ كىمدۇر «مۇنازىرە پەيدا قىلىش» بىلەن ئالدىراش؛ كىمدۇر «تاپاۋىتى» بىلەن ئالدىراش؛ كىمدۇر «قارىلاش» بىلەن، كىمدۇر «ئاقلاش» بىلەن، كىمدۇر «خوتۇن كۆپەيتىش» بىلەن، كىملەردۇر «ئاجرىشىش، يارىشىش» لار بىلەن ئالدىراش... يەنى ھېچكىم بىكار ئەمەس. بۇ يادىكارلىقلارغا قاراشقا چولى يوق. ئەگەر چولىمىز بولىۋاتىدۇ دېيىلسە، بەلكىم يەنە چېقىلمىغان قانچىسى باردۇ، دېگەننى ئېنىقلاشقا چولىمىز تېگىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئېنىقلاش تەدبىر ئېلىش ئۈچۈنمۇ، يوق، بۇ تەرىپى قاراڭغۇ. خەيرىيەت! قىسقىسى بۇ يادىكارلىقلارنىڭ خەۋپكە يولۇقۇۋاتقانلىق سىگنالى چېلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە قاتتىق چۈچۈپ سىلكەنگەن، «داد» دەپ دۇنياغا نىدا قىلىۋاتقان بىر توپ كۆرۈنمىدى. ھەتتا بۇ مىللەت ئۈچۈن سوكۇلداۋاتقان شۇنچىۋالا تەشكىلات، ئورگانلارنىڭ بىرەسىدىن قۇلاقنى دىڭ قىلغۇدەك، كۆزنىڭ ئىككى قېتىنى تارتىشتۇرغىدەك سەپەرۋەرلىك كۆرۈلمىدى، ھەتتا ئۈنلۈكرەك يۆتەلگەن ئاۋازنىمۇ ئاڭلىيالىغىنىمىز يوق. مىش-مىش خەۋەرلەر تەستىقلانماي تۇرۇپ ئىشىنىپ كېتىدىغان گول مىجەزىمىز بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى شەپىلىرىگە دەرھال ئىنكاس بىلدۈرەلىگىنى، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئاچچىق قىسمەتلەر ئۈستىدە قانداق تەشۋىقات ۋە ئەمەلىي تەدبىر ئىلىش ھەققىدە چاقىرىق سۇنۇلغىنى يوق. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ سرتقى كۆرۈنۈشىدىن ھۇزۇر ئالغانلاردىن، ئىچىدە ناماز ئوقۇپ دۇئا - تەكبىر قىلىپ چوڭ بولغانلارغىچە تىمتاس... نېمە دېگەن ئېچىنارلىق، نەقەدەر بىچارىلىك،- ھە!
ئەي ۋىجدان كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان جەسەتلەر!!! بۇ قەدەر سۈكۈت، بۇ قەدەر ئەزمىلىك زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەجىبا زېھىن قۇللۇقىدىن بوشىنىدىغان، روھنى قاماللاۋاتقان كىشەندىن بىر بىرلەپ ئاجرايدىغان چاغ كەلمىدىمۇ؟
ئاتا-ئاناڭ ئۆلۈم خەۋپىدە دېدى، كۆندۈڭ. ئۆلدى دېدى، كۆندۈڭ. ئەمدى نۆۋەت ئەۋلادمۇئەۋلاد ساڭا يېتىپ كەلگەن، قانچىلىغان ئەجدادىڭدىن ساڭا قەدەر ساق يېتىپ كەلگەن مىراسلار يەر بىلەن يەكسان بولۇشقا كەلدى. بۇنىڭغىمۇ كۆنمەكچىمۇسەن؟! ئاتا-ئاناڭ ئۆلسە پۇشتى بولغان سەن ياشاۋاتىسەن، غايىبانە نامىزىنى ئوقۇيالايسەن. ئەجدادلارنىڭ بۇ تۇپراققا باسقان تامغىلىرى بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئىزلىرى، يادىكارلىقلىرى ئۆچۈرۈلۈپ كەتسىچۇ؟ نېمە قىلالىشىڭ مۇمكىن، ئويلاندىڭمۇ؟ بۈگۈنىڭ ئۈچۈن ئويلانماي مۇشۇ كۈنگە قالدىڭ، ئەتەڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن؟! توختا، توختا!!! ياكى سەن بۇ زۇلۇمغا ئاشىق بولدۇڭمۇ!؟ سەن زادى نېمىنىڭ قۇلى؟ قۇل بولمىساڭ، ھۆرلۈكىڭ نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟! ياكى بۇ سۈكۈت قاچان بۇزۇلىدۇ؟ ئەجىبا بىز تۈزلىۋېتىلگەن ئاشۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئورنىغا ھەيكەللەر تىكلىنىپ ئەۋلاتلار ئۇنىڭغا باش ئۇرۇشقا مەھكۇم قالغان چاغنى كۈتىۋاتامدۇق؟!
يازار: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى