زېبىبۇللا ئىسمايىل

ئورنى Wikipedia

زېبىبۇللا ئىسمايىل 1962-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قارا شەھەر ناھىيەسىنىڭ دەنزىل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1984-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1989-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان. 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىرانسۇز تىلى ئۆگەنگەن. 1996-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، فىرانسىيەنىڭ تولۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2003-يىلى 6-ئايدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، دوكتور ئاشتىلىق ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 2006-يىلى 12-ئايدا پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

زېبىبۇللا ئىسمايىل فىرانسىيەدىكى كۆپ پەنلىك شەھەر تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا «دۇنيادىكى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، فىرانسىيەدىكى كەسپداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ فىرانسۇز تىلىدا يازغان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى شىنجاڭغا ئائىت بىردىنبىر سىستېمىلىق ئەسەر بولۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ فىرانسىيەدىكى ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەھەر پىلانلاش ۋە شەھەر تەرەققىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇتۇش، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «شەھەر جۇغراپىيەسى»، «شەھەر پىلانلاش»، «دۆلەت زىمىنىنى پىلانلاش»، «تەبىئىي جۇغراپىيە»، «يەر ئىقتىسادىي»، «يەر بايلىقى ۋە يەرلەرنى باھالاش»، «جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى» قاتارلىق دەرسلەرنى، ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىغا «شەھەر جۇغراپىيە تەتقىقاتى» دەرسىنى ئۆتۈپ كەلمەكتە.

زېبىبۇللا ئىسمايىل ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىدىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «سۇ بايلىقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «كورلا شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھالىتى ۋە ئىستىراتېگىيەسى»، «كورلا شەھىرىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى توغرىسىدا»، «خوتەن ۋېلايىتىنىڭ شەھەر، يېزا يەرلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ بوشلۇق رامكىسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە «كورلا شەھىرىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن « ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆلچەملىك يەر باھاسىنى بېكىتىش» قاتارلىق يەر باھاسى بېكىتىشكە ئائىت تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-، 2-دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «مەدەنىيەت جۇغراپىيەسى» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى بېيجىڭ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە «يەر ئىقتىسادىي»، «شەھەر-بازا ۋە يېزا يەرلىرىنى پىلانلاش» قاتارلىق دەرسلىك كىتابلارنى تۈزگەن.

زېبىبۇللا ئىسمايىل ئوقۇتۇش، تەتقىقات خىزمىتىدىن باشقا يەنە شىنجاڭدا فىرانسۇز تىلى ئوقۇتۇش كەسپىنىڭ كەمچىل بولۇشتەك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىزچىل تۈردە فىرانسۇز تىلى ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ يىل ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا چىقىشىغا تىل ئاساسىنى سالغان. ئۇ تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى فىرانسىيەدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ۋە تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇماقتا.

زېبىبۇللا ئىسمايىل ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق مۇھىت ئىنستىتۇتى بايلىق، مۇھىت ۋە شەھەر پىلانلاش كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئىقتىسادىي جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى.