Jump to content

زېھنىي بەدەۋىلىك، شالغۇت سەنئەتۋازلىق ۋە سىياسىي ھاڭۋاقتىلىق

ئورنى Wikipedia

زېھنىي بەدەۋىلىك، شالغۇت سەنئەتۋازلىق ۋە سىياسىي ھاڭۋاقتىلىق

قازاندا بارى چۆمۈچكە چىقىدۇ، دەيدۇ ئەجدادلار. مانا، شالغۇت زېھنىيەتنىڭ ساھىب چىقىشىدىكى شالغۇت سەنئەتنىڭ روھسىز ھالى. مەسجىدلىرىڭنى نەغمە - ناۋا ماكانى قىلىۋېلىشسا ئۇنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ جار سالىسەن، ئەمما ئۆزۈڭ باشقىلارنىڭ مۇقەددەسگاھلىرىدا (بۇنى ئۇلار نورمال قارىسۇن ياكى قارىمىسۇن) كونسېرت قويۇشتىن ئايانمايسەن. ساڭا شۇنداق ئورۇن ھازىرلانغان تەقدىردىمۇ بۇنى سېنىڭ بۈگۈنۈڭ بىلەن پاراللېل قاراپ ئۆزرە ئېيتىشىڭ، مۇقەددەسگاھنى نەغمە - ناۋا ماكانى قىلىش سېنىڭ مىللىتىڭنىڭ ئەخلاقى ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرالىشىڭ سېنىڭ پەرقىڭنى، ئۆزۈڭگە خاس تۇتۇمۇڭ ۋە ئىددالىرىڭ بار بىر مىللەت ئىكەنلىكىڭنى يەنىمۇ قۇۋۋەتلىمەسمىدى؟! ئۆزۈڭگە ئائىت ئىددىئايىڭ بولمىسا، باشقا مىللەتتىن پەرقىڭنى ھېس قىلدۇرغىدەك دىتىڭ، سېنى گەۋدىلەندۈرگۈچى مىللىي تۇيغۇڭ بولمىسا، سېنىڭ بۇ مىللەتكە نېمە لازىمىڭ؟ پەرقىڭنى پەرق ئەتتۈرەلمىسەڭ، ئۆزۈڭگە خاس كۈلتۈرۈڭ، قىزىل سىزىقىڭ، مەدەنىيىتىڭ ۋە دۇنيا قارىشىڭ بار بىر مىللەتلىكىڭنى جار سالغىنىڭنىڭ نە ئەھمىيىتى بولسۇن، ئەي تىرىك مۇردىلار! مەسىلىنىڭ ئەڭ كومېدىيەلىك ۋە پارادوكىسلىق تەرىپى بۇ تەرز ياۋايىلىق ئېڭى سىڭگەن كونسېرتلارنىڭ خەلقئاراغا بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرىنىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىكى ئىچىنىشلىق ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش» دەپ خەۋەر قىلىنىشىدۇر. دۇنيانىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسى ئاللىبۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جاكارلاشقا قەدەم ئېلىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما لوندوننىڭ ئاتموسفېراسىدا، سوتىدا، پائالىيەتلىرىدە ۋە بارلىق پائالىيەت ۋە ئۇرۇنۇشلىرىدا شالغۇت سەنەئتچىلىكنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق چاستوتنى يەنە شۇ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەنگە ھازىرلاشقا قارىتىلىۋاتقانلىقى دىققەتتىن قاچقىنى يوق. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەقلىگە چالغۇ ئەسۋاب شورپىسى ئىچىپ چوڭ بولغان مەزكۇر تىرىك مۇردىلار مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى چۆكەرتىشكە خىزمەت قىلىدىغان يەنە قانداق تىياتىرلارغا تۇتۇنىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى يېشىپ مېڭىۋاتىدۇ.


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى