زېھىن سىلكىگۈچى ئۈچ تەنبىھ
زېھىن سىلكىگۈچى ئۈچ تەنبىھ
1
ئەسلەتكىن، مۇھەققەقكى مۇئمىن بولغانلار ئەسلىتىشتىن پايدا ئالىدۇ.
- سۈرە زارىيات، 50 – ئايەت.
2
شۇنداق بىر زامان بولىدۇكى، ئۈممىتىمنىڭ ياخشىلىرى ئۈستىدىن يامانلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ھەتتا شۇ دەرىجىگە بارىدۇكى، كامىل مۇئمىن كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر قالىدۇ. خۇددى، مۇناپىق بۇگۈنكى كۈندە ئارىمىزدا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر قالغاندەك.
- مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
(ئىمام ئەۋزائىينىڭ بايانلىرىدىن)
3
ئا: بىر يۇرت ئاۋات بولۇشىغا قارىماي خارابە ھالغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
ب: ئاۋات يۇرت قانداق بولۇپ خارابىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ؟
ئا: يۇرتنىڭ ناچار كىشىلىرى ياخشىلىرىنىڭ بېشىغا چىقىۋالسا؛ مۇناپىقلىرى ئەلنى باشلاپ ماڭىدىغان بولۇۋېلىشسا.
-ھەزىرتى ئۆمەر
(ئىمام ئەھمەدنىڭ بايانلىرىدىن)
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى