زەينۇرە ئەيسا
زەينۇرە ئەيسا 1941- يىلى3- ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەردە تۇغۇلۇپ، ئاقسۇدا چوڭ بولغان . 1965- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. شۇندىن بېرى ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپىدە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. زەينۇرەنىڭ تۇنجى شېئىرى 1956- يىلىدىن باشلاپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ . كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ «قايدىدۇر»، «توققۇز بۇلاق» قاتارلىق بىر قاتار شېئىرلىرى ۋە ئايىمنىسا» قاتارلىق داستانى ئېلان قىلىندى. ئۇ شۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار شۆبىسىنىڭ ئەزاسى. 1980- يىلى ئۇنىڭ «توققۇز بۇلاق »ناملىق شېئىرلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتىدا، 1983- يىلى «ئاق ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا بېسىلىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 2006- يىلى پەرھات جىلاننىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» دېگەن رومانى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. 2020- يىلى مىرزاھىت كېرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب» روماننى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ھەر ئىككى ئەسەر نەشىر قىلىنىپ تۈرك كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 2010- يىلى زەينۇرە ئەيسانىڭ 'قار لەيلىسى' ناملىق شېئىرلار توپلىمى گېرمانىيىدە نەشر قىلىندى.2013- يىلى 4- ئايدا ئىستانبۇلدا «ئىستانبۇل سېپىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. شائىرە زەينۇرە ئەيسانىڭ ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزگەن «يېزىقچىلىق توغرىسىدا » قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرىمۇ بار. شائىرە زەينۇرە ئەيسا 2022-يىلى1- ئاينىڭ 8- كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.