Jump to content

زەڭگەزۇر كارىدورى

ئورنى Wikipedia
ئىككىنچى تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە «زەڭگەزۇر كارىدورى» ئۇقۇمىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەگەر يولغا قويۇلسا، ئەرمېنىيەنىڭ سىيۇنىك ئۆلكىسى ئارقىلىق ئەزەربەيجاننى ناخچىۋان بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ.

زەڭگەزۇر كارىدورى (ئەزەربەيجانچە: Zəngəzur dəhlizi؛ ئەرمەنىچە: ზანგეზურის დერეფანი) — ئەرمەنىستان توپراقلىرىدىن ئۆتىدىغان ۋە ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۇنىڭ بىر پارچىسى بولغان نەخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن باغلايدىغان قاتناش كارىدۇرى. ئەگەر بۇ كارىدور رەسمىي ئېچىلسا، قۇرۇقلۇق قاتنىشىدا ئ‍ەزەربەيجاندىن نەخچىۋانغا ئۆتۈشتە ئىران ياكى گرۇزىيەدىن ئايلىنىپ ئولتۇرماي ئەرمەنىستاننىڭ سيۇنك ۋىلايىتى ئارقىلىق تەكشۈرۈشسىز ھالدا ئۆتكىلى بولىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن بىۋاستە تۈركىيەگە كىرگىلى بولىدۇ. بۇ كارىدور ماكرو جەھەتتىن ئوتتۇر كارىدور (ئۈرۈمچىدىن ياۋۇرپاغا) نىڭ ئەڭ تۈگۈنلۈك ۋە مۇھىم بىر بۆلكىدۇر. 2025 - يىلى 8 - ئاۋغۇست ئا ق ش ئەلبېشى دانلىد ترامپ، ئەزەربەيجان ئەلبېشى ئىلھام ئېلى، ئەرمىنيە باش ۋەزىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تارىخىي بىر تىنىچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ 30 نەچچە يىلغا سوزۇلغان ئەزەربەيجان - ئەرمىنىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىدىغان بولغان، ھەمدە بۇ كارىدورنى ئامېرىكا 99 يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ شىركەت شەكلىدە باشقۇردىغان بولغان. بۇ كارىدورغا يەنە «ترامپ يولى» ياكى تولۇق ئاتىلىشى بىلەن تىرامپ خەلقئارا تىنچلىق ۋە گۈللىنىش يولى (ing. Trump Route for International Peace and Prosperity (TRIPP)) دەپ ئاتاش تەۋسىيە قىلىنغان. شۇ قاتاردا روسىيە ۋە ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ رايونىغا كىرىشگە نارازلىقى بار.

ئالبۇم

[تەھرىر]