سابىئىلىك

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى سابىئىن)

سابىئىن ياكى سابىئىيلەر: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن بىر قەۋمنىڭ قالدۇقلىرىدۇر. بۇلار كېيىنچە يۇلتۇزلارنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان بولۇپ كەتكەن.

سابىئىلەر «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ئەھلى كىتاب سابىئىلەر بولۇپ، بۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەردۇر. يەنە بىرى، بۇتپەرەس مۇشرىكلەردۇر. «قۇرئان كەرىم»دە ئۈچ ئايەتتە[1] تىلغا ئېلىنغان سابىئىلەر ئۆز زامانىدا، ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شانلىئۇرفا ۋىلايىتىگە قاراشلىق، ئۇرفاغا 44 كىلومېتر كېلىدىغان ھارراندە ياشىغان. ئۇلارنىڭ ئالىملىرى باغدادتا كىتاب تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىسلام مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ۋە كېيىنچە تارىختىن ئىزى ئۆچكەن[2][3].

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. بەقەرە: 62، مائىدە: 69 ۋە ھەج: 17
  2. ئومۇمى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى («الموسوعة الإسلامية العامة»، 842 - بەت. مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى. ئالىملار گۇرۇپپىسى، قاهىرە، م2003.
  3. شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلار قامۇسى («معجم مصطلحات العلوم الشرعية»)، 984 - بەت. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، ئالىملار گۇرۇپپىسى، رىياد، م2017 _ ت.