Jump to content

ساداقەتجان ھاجى

ئورنى Wikipedia

ساداقەتجان ھاجى (كەتمەنباي) 1969-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1975-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. 1991-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

ساداقەتجان ھاجىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ، شېئىرلىرى 1985-يىلدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك گېزىت ۋە ئەدەبىي ژورناللاردا 250 پارچىگە يېقىن شېئىرى ۋە 10 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرى ئىلان قىلىنغان.