سادىر پالۋان

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

سادىر پالۋان 1798-يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يۇزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ . 1762- يىلى 10-ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا گېنىرال مەھكىمىسى تەسىس قىلپ، پۇتۇن شىنجاڭدا بىۋاستە ھۇكۇمرانلىق قىلىشقا باشلىدى . ئىلى جاڭجۇنىگە قاراشلىق مانجۇ چىرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۇلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلار نىڭ تەمىناتىنى قامداش ئۇلارنى ئوزوق –تۇلۇك بىلەن قامداش ئۇچۇن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل، قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋىپلىك دەپ قارالغان كىشىلەردىن بىرىنجى قىتىمدا 6000، ئىككىنچى قېتىمدا 2000 جەمئىي 8000تۇتۇننى ئىلىغا پالايدۇ. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بېرىنچى قېتىم كوچۇرۇلگەن 6000 تۇتۇننىڭ بىرى ئىدى .

شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېساپلىنىدىغان يول مۇز داۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۇرىلىدۇ. بۇ كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ، يۇشۇرۇنغان مۇز-قار ئۆڭكۇرلىرى، مۇز يېرىقلىرى بار ئىدى . ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى . كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى . ئات –ئۇلاغلار، ئالدىنقى ئۇلاغلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭاتتى . بۇ ئېگىز مۇز تاغ ئۇستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇپ ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كېگىز، پالاس، ۋە جۇۋا چاپانلارنى سېلىپ ئات-ئېشەكلەرنى ئۆتكۇزۇپ . ئوزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۇستىگە چىقاتتى . داۋان ئۇستى بىردەم-بىردەم ئاق –قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كورگىلى بولمايتتى . بۇنداق چاغلاردا ئادەم ۋە ئۇلاغلار چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى، گاھىدا تاغنى تۈتەك قاپلاپ ئادەملەرنىڭ بىر قىسمى ئولۇپ كېتەتتى . ھاۋا ئوچۇق بولغان چاغلاردا، ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات. ئۇلاغ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مال –مۇلكى كورۇنۇپ تۇراتتى .

شۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس تۇتەك ئېلىپ كېتىپ مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ ئولگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئوتەلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرت –ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكە باشلىغان ئىدى .

بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،

غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.

غېرېپ ئولسە كىم يىغلار،

غېرېپقا غېرېپ يىغلار.

يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دىگەن يەرگە ئورۇنلاشقان . كېيىن ئىلى دەريا بويىدىكى قاينۇق، قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ، تاش ئوستەڭ، بايتوقاي، خۇنۇقاي، دادامتۇ، ئارا ئوستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقانىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىندى . كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسگەكۆچۇپ كېلىدۇ. بۇ مەھەللە كېيىن «قاش مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يۇقارقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئېستىبىداتلىرى ئۆستەڭ چېپىپ قاغجىرغان باياۋانلار، چۆل- جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي-ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا- چاقىللىرى بىلەن ئوچۇق –يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۇرىدۇ. ئۆستەڭ چېپىش زۇلىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار توۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:

ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،

چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ.

مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر،

بېشېمىزدىن كەتمەيدۇ.

مانجۇ ئىستىبىداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئوي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار- سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ . دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۇتۇندىن 16خو، كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق ئالىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارلىرى شۇنداق قەبىھ ئىدىكى، كوچىلاردا مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى . مانجۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قىز- چوكاللىرىغا ئاپئاشكارە زورلۇق قىلاتتى. مانجۇلانىڭ شۇنداق زورلۇقلىرى ئاستىدا ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇنۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۇنلەرنى بايان قىلىدۇ:

قاننى چىرىتىپ ئەتتى،

ئالۋانچىلارنى دەردەي.

جاندىن ئوتۇپ كەتتى،

تۇڭچىلارنى زەرەي.

سادىر كىچىگىدىن شوخ تىتىك، خۇشىخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان . ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتىمۇ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۇچۇن زالىمغا بولغان غەزەپ- نەپرىتى، ئىزىلگۇچى خەلقەرگە بولغان سۆيۇنىشى كىچىگىدىن پىشىپ يىتىلگەن . ئۇ ھەر قېتىم خەلىقنىڭ دەرت-ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىللىرىنى ئاڭلىغاندا غەزەپكە تولسا، ئەركىنلىككە تەلپۇنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۇرۇشكە بەل باغلىغان . پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئېگىز بويلۇق، كەڭ كۆكسىلىك، غەيرەت جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھىچنەرسىدىن قورۇقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئاتاقلىق ئۇستا قوشاقچى ئىدى . سادىر قات _قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋە ھاشار تۆلەلمىگەنلەر تەرەپتە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتەتتى. شۇ چاغدا ئالۋان ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن چۆل –جەزىرىلەرگە كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى(قاچاقلار ) دەپ ئاتايتتى . ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ قاچاقلارنى قوزغاپ ئوقيا، نەيزە، ئايپالتا، چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مانجۇ چىرىكلىرى بىلەن ئۇرۇش قوزغايدۇ. شۇ كۇنلەردىن باشلاپ سادىرنى «سادىر پالۋان»دەپ ئاتايدۇ.

ئىلى جياڭجۇنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پەرمان چۇشۇرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. ئۇ زىنداندا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قىچىپ كۇرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبىداتى قىلغان كۈرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاققا قاتقان ئىدى.

سادىر دەپ ئېتىم يامان،

ئون بەش ياشتا ئاتالغان .

دەسلەپكى تۇتۇلغاندا

قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.

يامۇلنى تېشىپ قويوپ،

ئىككى چىقتىم تالاغا .

مېنى باققان بەش يايى،

ئەمدى قالدى بالاغا.

مانجۇ ئىستىبىداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ خەلقىدىن باشلىنىدۇ. 1863-يىلنىڭ ئاخىرى گەنسۇ، شەنشى، نىڭشىيا، ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا ۋە 1864-يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالىي، جەنۇبىدىكى جايلارداقوزغىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ. سادىر پالۋان ئىلى ۋىلايىتىدە پارتىلغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىللىرىدىن بىرى ئىدى.

1861-يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھىرىگە ئىككى داپقۇر ئومومىي يۈزلۇك ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئون كۇنلۇك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا ئازات قىلىنىدۇ.

. قارىغاندا سادىر پالۋان 1864-يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم40 ئۆچكىنىڭ مۆڭگۇزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوي تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىلارنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچۇگەن چىلپەڭزە ئامبىلى تېزلا تەسلىم بولغان.

بايانداي ئۇرىشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىدا لەخمە كولاپ دورا كۆمۇپ سىپىلنى پارتىلتىدۇ. بۇ چاغدا 5000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.

1867-يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىللىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغاب سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختى يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ. تۆت يىل ئۆتۇپ 1871-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.

خەلق ئۆزىنىڭ بۇ باتۇر پەرزەنتى ئۈچۇن قاتتىق قايغۇرىدۇ ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۇچۇن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ ب گۇنگىچە ياد ئېتپ كەلمەكتە.