Jump to content

سازايى بولۇۋاتقان قارا رەڭ فاشىزملىقىغا...

ئورنى Wikipedia

سازايى بولۇۋاتقان قارا رەڭ فاشىزملىقىغا...

شالغۇت زېھنىيەت گۇماشتىلىرى دەرمىش: قانداق كىيىنىش ئەركىنلىك. ھاياسىزچە كىيىنىشمۇ، ھايالىق كىيىنىشمۇ بىر ئەركىنلىك. ھاياسىزچە كىيىنىشنى ھايالىق كىيىنىش يولىنى (ئەگەر ئۇ ئاتالمىش رادىكالچە ھېسابلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ) تاللىغانلارغا قارشى پىروپاگاندا قىلىش يەنىلا ئەركىنلىك. ھەر تۈرلۈك رەڭ ئەركىنلىك، ئەمما نۆۋەت قارا رەڭگە كەلگەندە ئەركىنلىك ئۇقۇملىرىنىڭ پۈتكۈل ۋارىيانتلىرىغا دەز كېتىشكە باشلايدۇ. قارا رەڭلىك كىيىنىش رادىكاللىق بولىدۇ، (ئاتالمىش) ئەرەبلىشىش بولىدۇ. قارا رەڭنى ئىختىيار قىلىش گويا ئەقەللىي ئىنسانىي تەبىئەت بولمىش رەڭلەردىن ھۇزۇر ئېلىشقا، ئىنسانىي ھەقكە زىت بولىدۇ، يەنە قانداقتۇر خىتاينىڭ زۇلۇم قىلىشىغا پاكىت ياساپ بەرگەنلىك بولىدۇ، ۋەھاكازالار...

قىممەت قاراش دۇنياسى باشلانغۇچ مەزگىلىدىن باشلاپ ئوۋسەيگە كەتكەن مەزكۇر شالغۇت زىيالىيلىقنىڭ بىچارىلىكى شۇ يەردە: ئۆزىنىڭ مەنتىقىسىنى ئۆزى ئىنكار قىلىش، ئالدىنقى جۈملىسىنى كېيىنكى جۈملىسى رەت قىلىش، پارادوكسلىق. بۇ شالغۇت زېھنىيەتلەر ھەر تۈرلۈك بىمەنە تۇتۇملارنى تاشلاپ باقىدۇ. بىر داۋلىسىغا جاۋابنى بەرسە مات بولغانغا تەسلىم بولۇشنى بىلمەي يەنە شۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان بىمەنە داۋلىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باقىدۇ. دەۋاتقانلىرىنىڭ مەنتىقىسى قەيەرچە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، كۆزنى يۇمۇۋالغىنى يۇمۇۋالغان. تۇرغان پۈتكىنى ھەققانىي تۇتۇمدا كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇشتا ئەمەس، گويا مورىنىڭ بۇ ئۇچىدىن كالتەك ئاۋازى ئاڭلىسا، يەنە بىر ئۇچىغا، ئۇ ئۇچىدىن ئاۋاز ئاڭلىسا بۇ ئۇچىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان ئوغرى چاشقان مىسالى ئەپقاچتى گەپلەرنى غولدىتىپ ئوتتۇرىلىقنى قۇتۇپلاشتۇرۇش كويىدا يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەسلىكتە. ماقۇل، بىراۋ سېنىڭ مەنتىقەڭ بويىچە رادىكال مۇسۇلمانلىققا ئوخشىۋېلىپ قاپقارا ئورىنىپتۇ. سەن بولساڭ نەسىل - نەسەبى غەربچە كۈلتۈرگە تۇتىشىدىغان كىيىنىش شەكلىنى قوللاپ پىروپاگاندا قىلىپسەن. كىمنىڭ قانداق كىيىنىشى ۋە قايسى تۈر كىيىنىشنى قوللىشى ئەركىنلىك ئەلۋەتتە. ئەمما ئىشنىڭ ئىچىگە قىممەت قاراشنىمۇ ئىچىگە ئارىلاشتۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان، ئەركىن تاللاپ كىيىنگەن مودېرنچە كىيىنىش پىچىمى يەنە ئىختىيارلىق بىلەن تاللاپ كىيىنگەن قارا رەڭلىك پىچىمدىكى كىيىمگە قارشى پىروپاگاندا قىلىنىۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا مەسىلىنىڭ خاراكتېرى كىمنىڭ قانداق كىيىنىشنى تاللاش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قارا رەڭگە قارشى پىروپاگاندا، قوپال قىلىپ ئېيتقاندا، رەڭ فاشىستلىقى يۈز بەرگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز مەسىلىنى مىللىي مەپكۇرە ئاساسىدا تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

دىققەت! نەسەبىگە شالغۇت قان ئارىلىشىپ قالمىغان ھېچبىر ئۇيغۇر تانمايدىغان مۆھتەرەم ئەجدادىمىز ئەلشىر نەۋائىي شۇنداق كۆرسەتكەن: «قايسى قوۋمنىڭ تۇرقىدا كۆرۈنسەڭ شۇلاردەكسەن». ئۇنداقتا، مەزكۇر قاپقارا ۋە مودېرن كىيىنىشنى تەھلىل قىلىپ قارىساق، ئەمەلىيەتتە قاپقارا كىيىنىشكە ياكى تاللاشتا ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا شەرئىي داۋلىسى، رادىكال دېيىلسىمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن مەلۇم نەزەرىيە كەلتۈرۈلگەن ئاساستا ھەمدە ئىختىيارىي تاللاش ئاساسىدا  كىيىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دېمەك بۇ قاپقارا كىيىم (سېنىڭچە رادىكال دېيىلگەن تەقدىردىمۇ) ئىسلامىي ئاساسلارغا زىيادە سەزگۈرلۈك بىلەن ئەمەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا مۇسۇلمانلىق كۈلتۈرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر تۈر كىيىنىش پىچىمى ئىكەنلىكى بىر رېئاللىق. شالغۇت زېھنىيەتنىڭ قوللاپ چىقىرىۋالغان ئۆرنەك كىيىنىش پىچىمى بولسا، ئۇنىڭ نە ئىسلامىي قىممەتتىن، نە مىللىي كۈلتۈردە ئورنى يوقلۇقى ئاپئاشكارا. پەقەتلا كىشىنىڭ ئەركىن تاللىشى ئاساسىدا كىيىلىۋاتقان بىر پىچىم، خالاس! ئەمما بۇ پىچىمنى ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق ئۆرپىگە سالغان ۋاقىتتا، مىللىيچىگە يات كىيىنىش پىچىمى ئىكەنلىكى شەكسىز. كىيىنىش ئەركىنلىك ئەلۋەتتە، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قارىغاندا، كىيىنىش پىچىمىنىڭ ئاساسى غەرب مودېرنىزم ئىجاد قىلغان ئىمپورت كۈلتۈرنىڭ مەھسۇلىدۇر. لېكىن بۇنى ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ياكى ئەنئەنىۋى تارازىسىغا سالغان ۋاقىتتا ئىككىسىدىن قايسىسى ئەۋزەل. ئېنىقكى، رادىكال بولسىمۇ، قاپقارا رەڭلىك شەرئىي ئاساسى بار بولغان كىيىنىش پىچىمى (ئەخلاقىي قىممەتكە تاقاشمىغان ئەھۋالدا) ھەر ۋاقىت كۇپۇر مەدەنىيەتتىن ئىمپورت قىلىپ ئەكىرگەن كىيىنىش پىچىمىدىن ئەۋزەل. ئەمما ئىسلامىي كىيىنىش ئۆلچەملىرى ئىچىدە رادىكاللىق نىسبەتەن ئەۋزەل ئەمەس، بەلكى ئوتتۇراھاللىق ئەۋزەل. ئىسلامىي ۋە غەيرى ئىسلامىي ئارىسىدا بولسا، ئۇ چاغدا ئەۋزەللىك نۇقتىسى يەنە باشقا. بۇ چاغدا ئىسلامىي بولغان ھەرقاچان ئىسلامىي كاتېگورىيەدە بولمىغاندىن ھەرقاچان ئەۋزەل. ئۇنداقتا، ئەۋزەللىك قەيەردىن بەلگىلىنىدۇ؟. ئەلۋەتتە سېنىڭ ياكى مېنىڭ ئۆلچىمىم بىلەن ئەمەس، يەنىلا مۇشۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى بەلگىلەيدىغان دەستۇرلار بەلگىلەيدۇ. قۇرئان كەرىم ئەنە شۇ دەستۇرلۇق سۈپىتى بىلەن تەلىم بىرىدۇكى،  بىر مۇئمىن قۇل، مۇشرىك ھۆردىن ئەۋزەل. يەنى ئىمانىي قىممەت ھەر ۋاقىت ماددىي ئارتۇقچىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىمتىيازلاردىن ئۈستۈن. يەنى غەيرى ئىسلامىي بولغاندىن ئىسلامىي بولغان ھەر ۋاقىت ئەۋزەل. دېمەك، بۇ نۇقتىدا غەربچە ئىمپورت كۈلتۈردىن ئېلىپ كەلگەن كىيىنىش پىچىمىدىن مۇسۇلمانچە رادىكال كىيىنىش ئەۋزەل دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئىمانىي قىممەت قوشۇلغاندا ئەۋزەللىك ئىمان ئىگىسى تەرەپتە تۇرىدۇ. ئىنسان ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن جىمى مەۋجۇداتتىن ھۆرمەتلىك. بۇ نۇقتىدا كىشى قايسى دىنغا مەنسۇپ بولۇپ كەتسۇن ئوخشاشلا مەخلۇقاتلار ئارىسىدا مۇكەررەم ۋە شەرەپلىك مەرتىۋىسىدە ھەرقانداق ئادەم بالىسى باراۋەر. لېكىن ئوخشاش بىر خىل باراۋەرلىكتە يارىتىلغان بۇ ئىنسان ئىمان نېمىتىنى قازىنىش ئارقىلىق دەرىجىسى ئۆسۈپ ماڭىدۇ. يەنى مۇكەررەم قىلىنغان ئىنساننىڭ ئاللاھ نەزىردىكى ئەۋزەللىك دەرىجىسى ئىمان ئەھلى تەرەپتە بولىدۇ. ئۇنداقتا مۇسۇلمانچە قىممەت قاراشنى تاللاپ كىيىنىش غەربچە قىممەت قاراشنى تاللاپ كىيىنىشتىن ئاللاھ نەزىرىدە ئەلۋەتتە ئەۋزەل. شۇنداقلا مۇسۇلمانچە رادىكال كىيىنىش كۇپۇرچە كىيىنىشتىن ئەۋزەل. چۈنكى نەۋائىيى ئېيتقاندەك «قايسى قوۋمنىڭ تۇرقىدا كۆرۈنسەڭ شۇلاردەكسەن». يەنى رادىكالچە بولسىمۇ مۇسۇلمانلىق كۈلتۈرى ئىچىدە بولساڭ، شۇلاردىن ھېسابلىنىسەن. باشقا قوۋمنىڭ قىممەتلىرىنى تاللاپ ئۇلارچە كۆرۈنسەڭ، شۇلاردەكتۇرسەن.

يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەن ۋاقىتتا، كۈنىمىزدىكى رادىكاللىق ئۇقۇمى ھەم مۇجمەل، ھەمدە نىسپىي بىر ئۇقۇم. مېنىڭ نەزىرىمدە رادىكاللىق ھېسابلانغان، يەنە بىراۋ ئۈچۈن ئوتتۇراھاللىق بولۇشى، بىراۋنىڭ ئىدېئاللىقى، مېنىڭ نەزىرىمدە ياكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە رادىكال ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئۇ ھېچقاچان قىممەت قاراشنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم - مىزان ئەمەس. بىر يۇرتنىڭ ئادىتىدە مەلۇم ئىش ياكى تۇتۇم رادىكال سانالسا، يەنە بىر يۇرتتا پەزىلەت سانىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئىمان ۋە كۇپۇر ئوتتۇرىسىدىكى ئەۋزەللىك دەرىجىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ دەرىجە پەرقى نىسپىي بولماستىن ھەقىقەت ۋە باتىللىق ئايرىمىسىغا ئوخشاش سىزدىمۇ، مېنىڭدىمۇ، ئۇنىڭدىمۇ ئۆلچەم ئوخشاش. شۇڭا رادىكاللىق نىسپىي نەرسە، ئەمما كۇپۇر ۋە ئىمان پەرقىدىكى ئەۋزەللىك نىسپىي نەرسە ئەمەس. دېمەك، بۇ جەھەتتىنمۇ مۇسۇلمانچە رادىكال كىيىنىش پىچىمى كۇپۇرچە ھەر تۈرلۈك كىيىنىش پىچىمىدىن ئەۋزەل. بۇ ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ مىللىي قىممەت تارازىسىدا تارتقىنىمىزدا شۇنداق. يات مىللەت، يات مەدەنىيەت تارازىسىدىمۇ مەسىلە يەنە ئوخشاش. ئۇلاردا قانداق كىيىنىش مودا، يەنى بىزنىڭ تىلىمىزدا ئەۋزەل، ئالقىشلىنىدىغان ھېسابلانسا، بۇمۇ ئۇلارنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بويىچە ھۆرمەت قىلىنىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئۇنى ئالقىشلاش مەجبۇرىيىتىمىز بولمايدۇ. ھودۇقۇش ياكى خۇدۈكسىرەش تېخىمۇ كېرەك ئەمەس. سىز ھۆرمەت قىلغانغا قارشىلىق ئۇلاردىمۇ ھۆرمەت تۇيغۇسى بولمىسا، بۇ ئۇلارنىڭ چاتىقى، سىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىڭىزدىكى ئەمەس.

  ناۋادا سىز شۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى مېنىڭسەپ تۇرۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر قىممەت قارىشى ئاساسىدا بولۇشنى ياقىلاۋاتقان بولسىڭىز، يەنى سىز ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ تۇرۇپ يۇقىرىقىدەك مەنتىقىسىزلىقلارنى سادىر قىلىۋاتقان بولسىڭىز، دېمەك سىز ئاللىبۇرۇن چاتراقتىن كېتىپ قالغان، ھەر ئىككى قوۋۇققا پېيى بوغۇلۇپ سۆرۈلۈپ ياتقان شالغۇت زېھنىيەتنىڭ قاماللىقى ئاستىدا تىپىرلاپ ياشاۋاتقان بىچارىنىڭ نەق ئۆزى بولغان بولىسىز. قوۋمداشلىرىڭىز ۋە ئۇلارنىڭ تاللاشلىرىدىن بىئارام ياشاۋاتقانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ياق، ئۇنداق ئەمەس بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز مۇسۇلمانچە رادىكال كىيىنىشنى تۈزەشنىڭ يولىنىڭ غەربچە كىيىنىش پىچىمىغا سېلىشتۇرۇپ پىروپاگاندا قىلىش ئەمەسلىكىنى، بىرنى چۆكۈرۈپ يەنە بىرنى كۆپتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ئەمەسلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، بۇنداق بىر كىيىنىشنىڭ شەكىللىنىشى دىن ۋە قىممەت قاراشتىن بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا قارشى پىكىرمۇ، ئىسلاھات يولىمۇ يەنىلا دىننىڭ ئوتتۇراھال مېتودى بويىچە بولۇشى لازىم كېلىدۇ. سەۋىيەڭىز لاياقەتكە ئىگە بولۇپ قارشى تەرەپنى قايىل قىلالىسىڭىز مۇۋەپپەقىيىتىڭىز، قوبۇل قىلمىسا سالغاننى زورلاپ كىيگۈزۈش ھەققىڭىز بولمىغاندەك، كىيگەنگىمۇ بېسىم ئاتموسفۇراسى يارىتىپ ياكى پىپەن قىلىپ يۈرۈپ سالغۇزۇش ھەققىڭىز بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇ خىل كىيىنىشنىڭ بۈگۈنكى پاسونلۇق شەكىلدە مەيدانغا كېلىشى ئارقىسىدا ئەنئەنىۋى دىنىي مائارىپىمىزنىڭ ئاشۇ مەلئۇن خىتايلار قولىدا بىتچىت قىلىشى بارلىقىنى، يۇرتلاردىكى دىنىي ئەنئەنىنى، ساغلام دىنىي ئىلىمنى يېيىپ كەلگەن پېشقەدەملەرنى باستۇرۇپ ئورنىغا سىرتتىن كىرگەن ھەر تۈرلۈك ياۋا ئېقىملارغا يېشىل چىراغ يېقىش، مەخسۇس تەبلىغچى موللاملارنى خىتاي شەھەرلىرىدىكى غەيرى رەسمىي مەكتەپ - كۇرۇسلاردا تەربىيەلەپ يۇرت - يۇرتلارغا دەۋەت قىلىشقا غەيرى رەسمىي شەكىلدە تەشكىللەپ، ھەر تۈرلۈك كۇرۇس مەكتەپلەرنى ئاچقۇزۇپ ئىسلامىي مەرىپەتكە ئىنتىزار ساپ دىللىق يىگىت - قىزلارنى تۈركۈملەپ رادىكاللىق يولىغا باشلىغان، چەتئەلنى چوڭ بىلىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ چايخانىمۇچايخانا تورلىرىدا نەچچە يۈزلەپ، مىڭلاپ كىشىلەرنىڭ تەبلىغ ئىشلىرىنى بىر قوللۇق يۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەتچىلىكىنى ئېلىپ بارغان خىتاينىڭ ئۆزىدىن كۆرۈش كېرەكلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

ئەگەر بىرەر مۇخبىر بىلىپ - بىلمەي ياكى قەستەن سىزنى قارا كىيىم كىيگەن، قارا نىقابنى چۈمبەل قىلغان قېرىنداشلىرىڭىزنى پىپەن قىلىشىڭىزنى پەملەپ، ئارىدا غوۋغا پەيدا قىلىپ قۇتۇپلاشتۇرۇپ زېھىن ئىسراپ قىلىش ئېھتىياجىڭىزنى تەمىنلەيدىغان خەۋەر ئىشلەپ سىزگە يەل بەرگەن بولسا، خەقنىڭ بەرگەن يېلىگە خىتاينىڭ چاغىنىدا تەشكىللىك ئېتىلىدىغان پوجاڭزىدەك ئېتىلىپ، كۆپۈپ تەشۋىقات سەھىپىلىرىنى باشقا كىيمەستىن، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدىغان ھادىسە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن خىتايچە كىيىنىش پوسونى مەجبۇرىي تېڭىلغان مىليونلارچە قىز ئاياللارنىڭ بارلىقىنى، چەتئەلدىمۇ بۇنداق كىيىنىشنى تاللىغانلارنىڭ چەتئەلدىكى ئومۇم ئۇيغۇرغا نىسبەتەن دەريادىكى تامچە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتايچە ھەر تۈرلۈك مەجبۇرلاشلاردىن، زورىغا مودېرنلەشتۈرۈش پىروجىلىرىدىن ئامان قىلىپ ياشاۋاتقان چەتئەلدىكى 90 پىرسەنت خانىم قىزلارنىڭ ئاللىبۇرۇن مودېرنلىشىپ بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا يەرشاشىلاشقان جەمئىيەنىڭ زامانىۋى كاندىدات ئەزالىرىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، خىتاينى ئۆچ كۆرگەن بىلەن، كىيىنىشى ئاللىقاچان غەربچىلىشىپ بولغانلىقىنى، نامايىش ۋە سىياسىي سەھىنىلەرگە ئۇلارغا قارىغاندا قارا رەڭ كىيىدىغان ۋىجدانلىق خانىم - قىزلار كۆپ ۋە ئاكتىپ بولغاچ كۆزگە ئومۇمىيۈزلۈك ۋە كۆپ سانلىقتەك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن بۇنداق بىر - ئىككى پارچە رەسىم بىلەن خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان خەۋەر ئىشلەشنىڭ ئاشۇ مۇخبىر ئۈچۈنمۇ كەسپىي ئەخلاققا زىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەكلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە باش قاتۇرسىڭىز شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئەمەسمۇ؟ مەسىلىنى بۇ نۇقتىدىن ھەل قىلماي، تارتىلغان رەسىم ئېنىق ئۇيغۇرنىڭ تۇرسىمۇ «رەسىم خاتاكەن، سۇرىيەلىكنىڭ ئىكەنتۇق» دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويدۇق، دېگەننى بايان قىلغان بولۇپ قارا رەڭ ۋە نىقابنى چۈمبەل قىلىشنى چىشلەپ تارتىپ ئولتۇرۇش، ئەتراپنى قوزغاشقا كۈشكۈرتۈش نېمىگە زۆرۈرىيەت بولۇپ قالدى؟ بەك ئولتۇرالماي كەتسىڭىز سىزدەك مۇشاۋىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان، ژۇرنالىستلىق قىلىۋاتقان، دۆلەتمۇدۆلەت مۇخبىر ئىزدەپ ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى جار سېلىۋاتقان چاپارمەنلەر قارا كىيىمنى پىپەن قىلىش ۋە قۇتۇپلاشتۇرغۇچى پىروپاگاندالارنى نۆۋەتلىشىپ ئۇلغايتىش ئورنىغا مەزكۇر قارا كىيىمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى خەۋەر يازغانلارنى مات قىلىدىغان قارشى خەۋەرلەرنى كۆپەيتىشكە كۈچىسەڭلار، ئاقارتىش ۋە ئېنېرگىيەنى كۈچىڭلارنى مەزلۇم ھەمشىرىلىرىڭلارنى پىپەن قىلىشقا ئىشلەتمەستىن، ئاشۇ مۇخبىر ۋە تەشۋىقات سۇپىلىرىغا قاراتساڭلار ئىككى پاختەكنى تەڭ سوقالمىغاندىمۇ دۈشمەنگە قارشى بىرە پاختەكنى سوقۇپ قالساڭلار بۇمۇ بىر ئۇتۇق ئەمەسمۇ؟ بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە چامىسى يەتمەيدىغان ھەر ئىشقا بۇرنىنى تىقىپ مالىمان قىلىشتىن، قارا رەڭ فاشىزملىقىنى ئۇلغايتىشتىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟

دېمەك دەرد، مۇددىئا باشقىدا. مانا بۇ شالغۇت زېھنىيەت ئۈندۈرمىلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە چىللايدىغان بىر نەچچە داۋالغۇچقا يولۇقۇشىغا گويا بۇ قارا رەڭلىك كېيىنىش مەسىلىسى ھازىرلا ئوڭشىلىپ كېتىدىغان ئىشلاردەك نۆۋەت بويىچە قارا رەڭ، نىقاب چۈمبەل جىدىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشلىرى بىنورمال. ھەر داۋالغۇچتا مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزغا، ھەمشىرىلىرىڭىزگە ئارتىشنىڭ، يەنە كېلىپ مىللەتنىڭ ئەسىرلىكتە ۋە قىرغىنچىلىقتا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ مەيدانغا چىقىۋاتقان، زېمىنىنىڭ بېسىۋېلىنغانلىقىغا قارشى سەپ - سەپ بولۇپ مەيدانغا چىققان ۋە چىقىۋاتقان، سىزدەك مىللەتكە كۆيۈنگەن كۆرۈنىدىغانلارنىڭ باشلىغان يولىنى توغرا يول بىلىپ، ۋەتەن - مىللەت ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىۋاتقان ھەمشىرىلىرىڭىزنى «سېنى مۇخبىر رەسىمگە تارتىۋاپتۇ، خىتاي بىزنى تېخىمۇ ئېزىدىغان بولدى، بىزنى تېررورچى كۆرسىتىپ قويدۇڭ، قارا كىيىۋالغىنىڭ بىلەن، پاسونىڭ مەن سەھىپەمگە قوللاپ چىقىرىپ قويغانلارنىڭكىدەك ئەمەسكەن» دېگەن تەرزدە ھەپىلىشىپ ئەسكىلىك قىلىشنىڭ ئۇلارنى يېتەكلەش ئەمەس، رەنجىتىش بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بۇنداق غوۋغاچىلىق ئارقىلىق كۆپلىگەن يالاڭباشتاقلار جۈرئەت قىلالمىغان خىتايغا قارشى سەھنىلەردە مەرتلەرچە مەيداندا تۇرغان ھەمشىرىلىرىڭىزنى «رەسىمگە قاپقارا نىقاپ بىلەن چىقىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزىشىگە باھانە تەپ بەردىڭ» دېگەندەك خىتايچە ئۇششۇغلۇق ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشتىن، ئۇلارنى ئىجتىمائىي سەھىپىلەردە پىپەن ئوبيېكتى قىلىپ ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن، ئۇلارنى رەنجىتىشتىن داپتەك يۈزىڭىز ئۇيالمىغان بولسا، بۇ چاغدا بۇ سىزنىڭ يا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشقا باشلىغانلىقىڭىزنى، ياكى بولمىسا قىتىغورلۇق ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم مۇشاۋىرى بولۇش سالاھىيىتىڭىز ۋە ئۇنىڭ قانات قۇيرۇقلىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن پەردە ئارقىسىدا بىرىلىرىنىڭ بەرگەن يېلىگە كۆپۈپ بېرىۋاتقانلىقىڭىزنى، ئويۇن ئىچىگە ئويۇن تەرتىپلەشكە مەپتۇنلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.

گەپ شۇ، سالاھىيىتىڭىز ۋە سەۋىيەڭىز يەتمەيدىغان، چامىڭىز ئاسقۇدا ئېسىلىپ قالىدىغان ساھەگە ئارىلىشىپ ئۆزىڭىزنىڭمۇ باشقىلارنىڭمۇ زېھنىنى بىھۇدە مەشغۇل قىلماڭ. ئەگەر سىز ۋە قانات - قۇيرۇقلىرىڭىز خىتاينىڭ ۋەتەندىكى قارا رەڭ فاشىزملىقىغا ئوخشاش تەڭكەش قىلىۋاتقان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەيۋاتقان بولساڭلار، خىتاي بىلەن سىزلەرنىڭ پىروپاگاندا ئۇسلۇبىدا پەرقلىق، ئەمما يەتمەكچى بولغان غايە نۇقتىسىدىن پاراللېل ۋە ئورتاق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىشى، ھېچبولمىسا ئەتراپتىكىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلارنىڭ پەرقىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قويۇشلىرى كېرەك.

يېغىپ ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ مۇئەييەن پاسون ياكى كىيىنىش پىچىمىنى تاللىشىدا، ئەسلىدە ئۇنىڭ مۇئەييەن دۇنيا قاراشقا مەنسۇپ ئىدىيەدىن تەسىر ئالغانلىقىدىن ۋە شۇ ئاساستا ئوچۇق ياكى يېپىق، نىقابلىق ياكى يۈزى ئوچۇق كىيىنىش پىچىمىنى تاللايدىغانلىقىنى دىققەتكە ئېلىش كېرەك. ئەگەر سىز تەكىتلەۋاتقان ئوچۇق ۋە مودا بولۇشقا، يېپىق ياكى نىقابلىق يۈرمەسلىككە شۇ كىشىنى ياكى ئېقىمنى قايىل قىلىدىغان دەلىلىڭىز بولمىسا، دىنىي دەستۇرلاردىن، فىقھىي ھۆكۈم مەنبەلىرىدىن ئۇنى قايىل قىلغۇدەك ئىلىمگە ئىگە بولمىسىڭىز، قىسىۋالغۇدەك يېرىڭىزنى قىسىۋېلىشنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئۇزۇن يىللىق ئاسارەت جەريانىدا شەكىللەنگەن دىنىي ئاشقۇنلۇقنىمۇ، دىنىي پاسسىپلىقنىمۇ، ھەتتا دىنسىزلىشىشنىمۇ توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن يەنە ئۇزۇن يىللاپ ئىسلاھ قىلىش، كۈلتۈرەل ۋە ئىجتىمائىي يېڭىلىنىشلارنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق نورماللاشتۇرۇش مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يەنە شۇ مائارىپى ۋە ئىقتىسادى ئۆز ئىلىكىدە بولغان مۇستەقىل دۆلىتىمىز، سىياسىي بىخەتەرلىكىمىز، ئىلمىي يۈكسىلىشىمىز بولۇشى كېرەك. يىلتىزدىن ھەل قىلىشنىڭ يولىغا كىرمەي لاتا - پىتىنىڭ ئارىسىغا مىلىنىپ يېتىۋېلىش، بار - يوق گۇناھنى رەڭگە ئارتىپ ئىغۋا توپى شەكىللەندۈرۈش سەمىمىي بولغان ئەھۋالدا ئوپئوچۇق دۆتلۈكتۇر. ئەكسىچە بولغاندا مىللەتنىڭ ھولىنى كولاۋاتقانلارنىڭ غەرەزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقتۇر. ئېيتىلغىنىدەك، دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭغا ئىشلەش كېرەك ئەمەس، دۆت بولۇش يېتەرلىك. تاجاۋۇزچى سال دەپ سالغۇزالمىغاننى سىز ۋە سىزگە ئوخشاش مىللىي خاتىرىسى دەۋەڭلىك باسقۇچىغا بېرىپ ئۆتۈپ كەتكەن شالغۇت زېھنىەتلەرنىڭ پىروپاگاندالىرى، مىللەت ۋەزىيىتى ھەمدە خىتاي تەھدىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىشلىرى ھەرگىزمۇ سالغۇزالمايدۇ ياكى يەڭگۈشلىيەلمەيدۇ. ھەر ئىشنىڭ يولى، مېتودى بولۇشى كېرەك. گەپ ئاڭلىتالمىغان كېچىك بالىنى «تالادا جىن بار» دەپ قورقۇتقانغا ئوخشاش گۆدەكلەرچە ئۇسۇللارغا تايىنىپ بۇ خىل زىل مەسىلىلەرگە چوماق سېلىپ ھەل قىلىش خام خىيالىدا بولۇش، بويىغا لايىق ئەقىل ئۆسمىگەنلىكنىڭ، مەسىلە ھەل قىلىشتا ھېلىھەم بالىلارچە گۆدەكلىكنى تاشلىمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.

مەسىلىنىڭ مەنتىقىسى شۇ: قايسى قوۋمنىڭ تۇرقىدا كۆرۈنسەڭ، شۇلاردەك سەن، شۇنداقلا قايسى قوۋمنىڭ زېھنىيىتىدە ئويلىساڭ، شۇلاردەك سەن. ۋەسسالام!!!

-بۇرھان مۇھەممەد

2021-04-23


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى